ئەڭ قىياسچان ماتېماتىك
دۇنيادىكى ئەڭلەر
ھىندىستان ماتېماتىكى لامانۇران (1887 - 1920 - يىللار) ئاجايىپ ئادەم ئىدى. ئۇ ماتېماتىكا ساھەسىدە ئانچە كۆپ بىلىمى بولمىسىمۇ، شۇنىڭدەك كەسكىن ئىسپاتلاشنى ئۇقمىسىمۇ، لېكىن، كۆپىنچە، بىۋاسىتە سېزىمغا تايىنىپ ھەيران قالارلىق دەرىجىدە نۇرغۇن خۇلاسىلەرنى چىقارغان، مەلۇم نەتىجىلەرنى قىياس قىلغان، شۇڭا ئۇمۇ شۇ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا دۇنيانى بىر مەھەل زىلزىلىگە كەلتۈرگەن.
ئەنگلىيىنىڭ مەشھۇر ماتېماتىكى ھاداي لامانۇراننىڭ تالانتىغا ئاپىرىن ئوقۇغان. لامانۇراننىڭ ئائىلىسى ناھايىتى نامرات بولغاچقا، ئۇ ئانچە كۆپ تەربىيە كۆرمىگەن. ئۇ كۆڭلىدە ھېسابلاشقا ماھىر بولغانلىقتىن، 1904 يىلى (ئەمدىلا 17 ياشقا كىرگەندە) كۇباكىنا ئىنىستىتۇتىنىڭ ئىلمىي جەمئىيىتىگە ئەزا بولىدۇ. 1918 - يىلى ئەنگلىيە پادىشاھلىق ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى بولىدۇ، مادراس ئۇنۋېرسىتېتى ئۇنىڭغا پروفېسسورلۇق ئۇنۋانى بېرىدۇ. ئۇ ئۇزاق مۇددەت يوقسۇللۇق ۋە ئاغرىق - سىلاق بىلەن ئۆتكەنلىكتىن، جىسمانىي جەھەتتىن ئاجىزلىشىپ، 1920 - يىلى 33 يېشىدا ۋاپات بولىدۇ.
لامانۇران تەخمىنەن 400 دىن ئارتۇق تېئورېمىنى قىياس قىلىدۇ. بۇلاردىن كۆپى توغرا، شۇنىڭدەك خاتالىرىمۇ بار. توغرا تېئورېمىلار، كۆپىنچە، ئۆلچەملىك ئىسپاتلانمىغان، پەقەت مۈجىمەل ئاساسىلا كۆرسىتىلگەن، لامانۇراننىڭ بارلىق نەتىجىلىرى بىۋاسىتە سېزىم بىلەن دەلىلنىڭ قوشۇلمىسىدىن ئىبارەت، ئۇلارنى كۈچلۈك لوگىكىلىق دەلىل ھېسابلىغىلى بولمايدۇ، ئەمما شۇنىسى كىشىنى قايىل قىلىدۇكى، بۇ نەتىجىلەرنىڭ كۆپى ھەقىقەتەن توغرا، لامانۇران ھەقىقەتەن ئەڭ قىياسچان ماتېماتىك، ماتېماتىكا تارىخشۇناسلىرىنىڭ تەكشۈرۈپ ئىسپاتلىشىچە، ھىندىستاننىڭ قەدىمكى ماتېماتىكىلىرىنىڭ نۇرغۇن شانلىق نەتىجىلىرىمۇ، قەدىمكى يۇناننىڭكىدەك، كەسكىن ئىسپاتلانمىغان، «قىياسچانلىق» قەدىمكى ھىدىستان ماتېماتىكىسىنىڭ بىر خىل ئەنئەنىسى بولسا كېرەك.