UyghurWiki
UyghurWikiئالەم بوشلۇقىنى تەكشۈرۈش ۋە تونۇشيەر مەركەز تەلىماتى

يەر مەركەز تەلىماتى

ئالەم بوشلۇقىنى تەكشۈرۈش ۋە تونۇش يەر مەركەز تەلىماتى − قەدىمكى دەۋردە ياۋروپانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئۇزاق مەزگىل گۈللەنگەن ئالەم تەلىماتىدۇر. ئۇنى ئەڭ دەسلەپتە يۇنان ئالىمى ئېداكسيۇس ئوتتۇرىغا قويغان. كېيىن ئارىستوتېل، تولېمېئايۇس قاتارلىقلار تېخىمۇ تەرەققىي قىلدۇرغان ھەم تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرگەن. تولېمېئايۇس مۇنداق دەپ قارىدى: يەر شارى ئالەمنىڭ مەركىزىدە تىپتىنچ تۇرىدۇ. يەر شارىدىن سىرتقا قاراپ تەدرىجىي ھالدا ئاي، مېركۇرىي، ۋېنېرا، قۇياش، مارس، يۇپىتېر ۋە ئۇران قاتارلىقلار تەرتىپ بويىچە ئۆزلىرىنىڭ چەمبەرسىمان ئوربىتىسىدا يەر شارىنى ئايلىنىپ ھەرىكەت قىلىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە، سەييارىلەرنىڭ ھەرىكىتى قۇياش، ئايلارنىڭ ھەرىكىتىدىن مۇرەككەپرەك بولىدۇ، سەييارىلەر ئېپىتسىكلدا ھەرىكەت قىلىدۇ. ئېپىتسىكل بولسا دېفېرېنتنى بويلاپ، يەرنى ئايلىنىپ ھەرىكەت قىلىدۇ. قۇياش، ئاي، سەييارىلەرنىڭ سىرتىدا بارلىق تۇرغۇن يۇلتۇزلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئاسمان شارى − يۇلتۇزلار ئاسمىنى بار؛ ئۇنىڭمۇ سىرتىدا بولسا، ئاسمان جىسىملىرىنى ھەرىكەتكە سالىدىغان ئەسلىي ئالەم بار. يەر مەركەز تەلىماتى دۇنيا بويىچە تۇنجى سەييارىلەر سىستېمىسى مودېلىدۇر. گەرچە ئۇنىڭدا يەر شارى خاتا ھالدا ئالەمنىڭ مەركىزى دەپ ھۆكۈم قىلىنسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ تارىخىي تۆھپىسىنى بىر تاياقتا ھەيدەشكە بولمايدۇ. يەر مەركەز تەلىماتى يەر شارىنىڭ «شار شەكىللىك» ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىدۇ ھەمدە سەييارىلەرنى تۇرغۇن يۇلتۇزلار رايونىدىن ئايرىپ چىقىپ، سەييارىلەرنىڭ ھەرىكەت قانۇنىيىتىنى ئېچىپ بېرىدۇ. بۇ ئىنسانلارنىڭ ئالەمگە بولغان تونۇشىنىڭ يەنىمۇ ئىلگىرىلىشىنىڭ بەلگىسىدۇر. يەر مەركەز تەلىماتىنىڭ ئەڭ چوڭ ئۇتۇقى − ماتېماتىكىلىق ھېسابلاشلار ئارقىلىق سەييارىلەرنىڭ ھەرىكىتىنى ھېسابلىغانلىقىدا ئىپادىلىنىدۇ. تولېمېئايۇس تۇنجى بولۇپ »ھەرىكەت ئوربىتىسى« ئۇقۇمىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئېپىتسىكل - دېفېرېنت مودېلىنى لايىھىلەپ چىققان. بۇ مودېلغا ئاساسلىنىپ، كىشىلەر سەييارىلەرنىڭ ھەرىكىتىگە نىسبەتەن مىقدارلىق ھېسابلاش ئېلىپ بېرىپ، سەييارىلەرنىڭ تۇرغان ئورنىنى مۆلچەرلىگەن. بۇ بىر قالتىس ئىجادىيەتتۇر. بەلگىلىك ۋاقىتتا، بۇ مودېلغا ئاساسلىنىپ ئالەم ھادىسىلىرىنى مەلۇم دەرىجىدە توغرا ئالدىن مۆلچەرلىگىلى بولىدۇ. شۇڭا، ئۇ ئىشلەپچىقىرىش ئەمەلىيىتىدە بەلگىلىك رول ئوينىغان. يەر مەركەز تەلىماتىدىكى ئېپىتسىكل − دېفېرېنت مودېلىنى تولېمېئايۇس ھەرھالدا چەكلىك كۆزىتىش ماتېرىياللىرىغا ئاساسەن قۇراشتۇرۇپ چىققان. ئۇ ئېپىتسىكل - دېفېرېنتلارنىڭ چوڭ - كىچىكلىكى ۋە سەييارىلەرنىڭ ھەرىكەت سۈرئىتىنى سۈنئىي يوللار ئارقىلىق بېكىتىپ چىقىپ، ئاندىن بۇ مودېل بىلەن ئەمەلىيەتتە ئۆلچەنگەن نەتىجىنىڭ بىردەكلىكىنى قولغا كەلتۈرگەن. لېكىن، ئوتتۇرا ئەسىرنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىگە كەلگەندە، كۆزىتىش ئەسۋابلىرىنىڭ ئۈزلۈكسىز ياخشىلىنىشىغا ئەگىشىپ سەييارىلەرنىڭ ئورنى ۋە ھەرىكىتىنى ئۆلچەش بارغانسېرى ئېنىقلىنىپ، كۆزىتىلگەن سەييارىلەرنىڭ ئەمەلىي ئارىلىقى بىلەن شۇ مودېلنى ھېسابلاش نەتىجىسىنىڭ پەرقى بارغانسېرى روشەنلەشتى. ئەمما يەر مەركەز تەلىماتىغا ئىشىنىدىغان كىشىلەر ئۇنى يەر مەركەز تەلىماتىنىڭ ئۆزىدىكى خاتالىق كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى تونۇپ يېتەلمىدى ھەمدە ئەكسىچە ئېپىتسىكل مودېلىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش ئارقىلىق يەر مەركەز تەلىماتىنى تولۇقلىدى. دەسلەپتە بۇ خىل ئۇسۇل ھەرھالدا بولىدىغاندەك بىلىندى، كېيىن ئېپىتسىكل80 دىن ئاشتى. لېكىن سەييارىلەرنىڭ ئورنىنى قايىل قىلارلىق ھالدا توغرا ھېسابلاپ بەرگىلى بولمىدى. بۇنىڭ بىلەن يەر مەركەز تەلىماتىنىڭ توغرىلىقىغا قارىتا گۇمان پەيدا بولدى.16 - ئەسىرگە كەلگەندە، كوپېرنىك قۇياش مەركەز، يەر ھەرىكەت قىلىدۇ، دېگەن كۆزقاراشنى تىكلىگەن قەدىمكى يۇنانلىق ئەجدادلارنىڭ ۋە زامانداش ئالىملارنىڭ كۆزقارىشىدا چىڭ تۇرغان ئاساستا، ئاخىرى «قۇياش مەركەز تەلىماتى» نى ئىجاد قىلدى. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن يەر مەركەز تەلىماتى تەدرىجىي شاللىنىپ كەتتى.
← بارلىق تېمىلار ئالەم بوشلۇقىنى تەكشۈرۈش ۋە تونۇش