UyghurWiki
UyghurWikiئالەم بوشلۇقىنى تەكشۈرۈش ۋە تونۇشكېچىلىك ئاسمان قىياپىتى تەلىماتى

كېچىلىك ئاسمان قىياپىتى تەلىماتى

ئالەم بوشلۇقىنى تەكشۈرۈش ۋە تونۇش كېچىلىك ئاسمان قىياپىتى تەلىماتى ئېلىمىز تارىخىدا ئالەمنىڭ چەكسىزلىك نەزەرىيىسى توغرىسىدا ئەڭ دانا ئىدىيىنى تەشۋىق قىلغان كۆزقاراشتۇر. ئۇ ئەڭ دەسلەپتە يېغىلىق دەۋرىدە بارلىققا كېلىپ، خەن سۇلالىسى دەۋرىگە كەلگەندە ئاندىن ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلغان. «كېچىلىك ئاسمان قىياپىتى» دېگىنىمىز، ئاسترونوملارنىڭ يۇلتۇزلارنى كۆزىتىپ ھەمىشە تۈن نىسبىگىچە ئۇخلىماي بەس - مۇنازىرە قىلىشقان قىياپىتىگە قارىتىلغان. مۇشۇنىڭغا ئاساسەن تەسەۋۋۇر قىلغاندا، كېچىلىك ئاسمان قىياپىتى تەلىماتىنىڭ ئاسترونومىيە ئالىملىرىنىڭ قۇياش، ئاي، يۇلتۇزلارنى جاپالىق كۆزىتىش نەتىجىسىدە بارلىققا كەلگەنلىكىنى بىلىۋالغىلى بولىدۇ. مەيلى جۇڭگونىڭ قەدىمكى دۋرىدىكى ئاسماننىڭ قاپلىنىش تەلىماتى، ئاسمان شارى تەلىماتى بولسۇن، ياكى غەربنىڭ قەدىمكى دەۋرىدىكى يەر مەركەز تەلىماتى بولسۇن، ھەتتا كوپېرنىكنىڭ قۇياش مەركەز تەلىماتى بولسۇن، ھەممىسى ئاسماننى مۇستەھكەم شار پوستى، يۇلتۇزلار بۇ شار پوستىدا جىم تۇرىدۇ دەپ قارايدۇ، كېچىلىك ئاسمان قىياپىتى تەلىماتى بۇ خىل كۆزقاراشنى ئىنكار قىلىپ، ئالەم چەكسىزدۇر، ئۇ گازغا تولغان، شۇڭا، بارلىق ئاسمان جىسىملىرى ئاشۇ گازدا لەيلەپ ھەرىكەت قىلىدۇ. قۇياش، ئاي، يۇلتۇزلارنىڭ ھەرىكەت قانۇنىيىتى ئۇلارنىڭ ھەرقايسىسىنىڭ خۇسۇسىيىتى تەرىپىدىن بەلگىلەنگەن، مۇستەھكەم ئاسمان شارى مەۋجۇت ئەمەس ياكى ئېپىتسىكل، دېفېرېنت قاتارلىقلار ئارقىلىق قۇياش، ياكى يۇلتۇزلارنى باغلاپ قويغىلى بولمايدۇ. كېچىلىك ئاسمان قىياپىتى تەلىماتى قاتتىق ھالەتتىكى ئاسمان شارى كۆزقارىشىنى بۇزۇپ تاشلىدى، ئۇ، قەدىمكى دەۋردە نۇرغۇنلىغان ئالەم تەلىماتى ئىچىدە ئىنتايىن تەستە پۇت تىرەپ تۇرغان تەلىماتتۇر. ئالەمنىڭ چەكسىزلىكى توغرىسىدا بۇ خىل كۆزقاراشنىڭ2000 يىل ئىلگىرى بارلىققا كېلىشى ئىنتايىن قىممەتلىك ئىش، ئەلۋەتتە. يەنە بىر تەرەپتىن، كېچىلىك ئاسمان قىياپىتى تەلىماتى ئاسمان جىسىملىرى گازلار دۇنياسىدا لەيلەپ يۈرىدۇ دېگەن نەزەرىيىنى ياراتتى ھەمدە ئۆزىنىڭ تەرەققىياتى جەريانىدا ئاسمان جىسىملىرى يىراقتىكى يۇلتۇزلارنى ۋە سامانيولىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، ئۇلارنىڭ ھەممىسى گاز جىسىملاردىن تۈزۈلگەن دەپ قارايدۇ. بۇ خىل كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان كۆزقاراش (ئىدىيە) ھازىرقى زاماندىكى نۇرغۇن يەكۈنلەر بىلەن ئوخشاشتۇر. كېچىلىك ئاسمان قىياپىتى تەلىماتى ئالەمنى ماكان جەھەتتە چەكسىز بولىدۇ، دېگەن ئىدىيىنى ئوتتۇرىغا قويۇش بىلەن تەڭ يەنە ئالەمنى زامان جەھەتتە چەكسىز بولىدۇ، دېگەن كۆزقاراشنىمۇ ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ، ئىنسانلارنىڭ تونۇش تارىخىدا پارلاق سەھىپە ئاچتى. ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى، كېچىلىك ئاسمان قىياپىتى تەلىماتىنىڭ ئاجايىپ ئىدىيىسىگە جۇڭگونىڭ قەدىمكى دەۋرىدە يېتەرلىك ئەھمىيەت بېرىلمىگەن، ھەتتا ئۇ يوقىلىپ كەتكەن.
← بارلىق تېمىلار ئالەم بوشلۇقىنى تەكشۈرۈش ۋە تونۇش
كېچىلىك ئاسمان قىياپىتى تەلىماتى | UyghurWiki | UyghurWiki