رادىئو تېلېسكوپ
ئالەم بوشلۇقىنى تەكشۈرۈش ۋە تونۇش
رادىئو تېلېسكوپ يەنە سىمسىز رادىئو تېلېسكوپى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇ20 - ئەسىرنىڭ40 - يىللىرى تەرەققىي قىلدۇرۇلغان يېڭى تىپتىكى ئاسترونومىيىلىك كۆزىتىش ئەسۋابى. رادىئو تېلېسكوپ ئوپتىكىلىق تېلېسكوپتىن زور پەرقلىنىدۇ. ئۇنىڭ زەمبىرەك توپنىڭ تۇرۇبىسىغا ئوخشاش كۆزىتىش تۇرۇبىسى بولمايدۇ ھەم ئوبيېكتىپ، ئوكۇليارىمۇ بولمايدۇ، ئۇ ئاسمان جىسىملىرى تارقاتقان نۇرنى قوبۇل قىلىپ، سۇندۇرۇش ياكى قايتۇرۇشقا تايانمايدۇ. بەلكى ئاشۇ ئاسمان جىسىملىرى تارقاتقان سىمسىز رادىئو دولقۇنىنى قوبۇل قىلىپ كۆزىتىش ئېلىپ بارىدۇ. ئاسترونومىيىلىك رادىئو تېلېسكوپنىڭ شەكلى، رادارنىڭ قوبۇللىغۇچ قۇرۇلمىسىغا ناھايىتى ئوخشىشىپ كېتىدۇ.
رادىئو تېلېسكوپنىڭ ئەڭ روشەن ئالاھىدىلىكى شۇكى، ئۇ ھاۋا رايى ھادىسىلىرىنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدۇ. مەيلى بوران چىقىپ يامغۇر ياغسۇن، مەيلى كۈندۈز ياكى كېچە بولسۇن، ھەممىسىدە بىمالال كۆزىتىش ئېلىپ بارالايدۇ. ئۇنىڭ تەكشۈرۈش ئىقتىدارى ئادەتتىكى ئوپتىكىلىق تېلېسكوپنىڭ تەكشۈرۈش ئىقتىدارىغا قارىغاندا خېلىلا كۈچلۈك بولىدۇ. مۇشۇ ئەسىرنىڭ60 - يىللىرىدا ئاسترونومىيە ساھەسىدىكى تۆت چوڭ ئاشقان بايقاش − ئىمپۇلس يۇلتۇز، يۇلتۇزسىمان جىسىم، يۇلتۇزلار ئارا ئورگانىك ماددىلار، مىكرو دولقۇنلۇق ئارقا كۆرۈنۈش رادىئاتسىيىسى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى مۇشۇ خىل رادىئو تېلېسكوپلار ئارقىلىق كۆزىتىپ بايقالغان.
نېمە ئۈچۈن ئوپتىكىلىق تېلېسكوپلار بىلەن كۆزەتكىلى بولمايدىغان نۇرغۇنلىغان ئالەم سىرلىرىنى رادىئو تېلېسكوپى ئارقىلىق كۆزەتكىلى بولىدۇ؟ بىزگە مەلۇمكى، ئالەمدىكى ھەر خىل ئاسمان جىسىملىرى بىر - بىرىگە ئوخشاش بولمىغان دولقۇن ئۇزۇنلۇقتىكى رادىئاتسىيىلەرنى تارقىتىدۇ، كىشىلەر كۆز بىلەن پەقەت ئاسمان جىسىملىرىدىن كەلگەن كۆرۈنىدىغان نۇر (دولقۇن ئۇزۇنلۇقى4 .0 ~75 .0 مىكرومېتىر) دائىرىسى ئىچىدىكى رادىئاتسىيىنىلا بىۋاسىتە كۆرەلەيدۇ، كۆرۈنىدىغان نۇر دائىرىسى سىرتىدىكى (مەسىلەن، γ نۇرى، رېنتگېن نۇرى، ئۇلترا بىنەپشە نۇر، ئىنفرا قىزىل نۇر، سىمسىز رادىئو دولقۇنى قاتارلىقلار) رادىئاتسىيىنى بىۋاسىتە كۆرەلمەيدۇ. رادىئو تېلېسكوپى دەل ھەر خىل ئاسمان جىسىملىرى تارقاتقان ئوخشاش بولمىغان دولقۇن بۆلەكتىكى رادىئاتسىيىنىڭ ھەر خىل ئۇچۇرلىرىنى قوبۇل قىلىدۇ ۋە خاتىرىلەيدۇ، بىز ئاسترو فىزىكا ئىلمى نەزەرىيىسىگە ئاساسەن، ھەر خىل تىپتىكى ئاسمان جىسىملىرىنىڭ ئاشۇ فىزىكىلىق ئەھۋالىنى ھېسابلاپ چىقالايمىز، بۇنىڭ ئىچىدىكى بەزى ھادىسىلەرنى ئوپتىكىلىق تېلېسكوپتا كۆزىتىش تەسكە توختايدۇ. بەزى ئاسمان جىسىملىرىنىڭ كۆرۈنىدىغان نۇر دولقۇن بۆلىكى دائىرىسىدە تارقاتقان رادىئاتسىيىسى ئانچە روشەن بولمايدۇ، لېكىن، سىمسىز رادىئو دولقۇن بۆلىكى دائىرىسىدە تارقاتقان رادىئاتسىيىسى ناھايىتى كۈچلۈك بولىدۇ، بۇنداق ئەھۋالدا چوقۇم رادىئو تېلېسكوپقا تايىنىپ كۆزىتىشكە توغرا كېلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ئالەمدە يەنە نۇرغۇنلىغان لەيلىمە چاڭ - توزانلار بار بولىدۇ، ئۇلار بىزنىڭ كۆرۈنىدىغان دولقۇن دائىرىسى ئىچىدىكى نۇرلارنى كۆزىتىشىمىزنى توسۇۋالىدۇ. لېكىن، سىمسىز رادىئو دولقۇن دائىرىسى ئىچىدىكى نۇرنى كۆزىتىشىمىزنى ئانچە توسۇپ قالالمايدۇ، شۇڭا، ئوپتىكىلىق تېلېسكوپ بىلەن كۆزەتكىلى بولمايدىغان ئاسمان جىسىملىرىنى رادىئو تېلېسكوپى بىلەن كۆزەتكىلى بولىدۇ.
رادىئو تېلېسكوپى ئەمەلىيەتتە رادىئو قوبۇللىغۇچ، رادار قاتارلىقلارغا ئوخشىشىپ كېتىدىغان بىر يۈرۈش ئېلېكتر قۇرۇلمىدىن ئىبارەت. ئۇ ئانتېننا، قوبۇللىغۇچ، رېگۇلياتور (توغرىلاش مەنبەسى) ھەم خاتىرىلەش ئۈسكۈنىسى قاتارلىق بىرقانچە چوڭ قىسىمدىن تەركىب تاپقان. ئانتېننا سىستېمىسىنىڭ رولى ئوپتىكىلىق تېلېسكوپنىڭ ئوبيېكتىپىنىڭ رولىغا ئوخشىشىپ كېتىدۇ، ئۇ ئاسمان جىسىملىرىدىن كەلگەن سىمسىز رادىئو دولقۇنىنى قوبۇل قىلىدۇ. قوبۇللىغۇچ سىستېمىسى بەلگىلىك چاستوتا دائىرىسى ئىچىدە، ئانتېننا قوبۇل قىلغان ئاسماندىن كەلگەن ئاجىز سىگنال - ئۇچۇرلارنى كۈچلۈك ئاۋازلارنىڭ ئىچىدىن ئايرىپ چىقىپ، ئاندىن چوڭايتىش، خاتىرىلەش، كۆرسىتىش رولىنى ئۆتەيدۇ. خاتىرىلىگۈچى ياكى كۆرسەتكۈچ ئۈسكۈنىلىرىدە سىزىپ چىقىلغان بەزى تەسۋىرلەر كۆپىنچە ئەھۋاللاردا ئەگرى - بۈگرى سىزىق ھالىتىدە كۆرۈنىدۇ. ئۇلار دەل ئىنتايىن يىراقتىكى ھەر خىل ئاسمان جىسىملىرىنىڭ بىزگە ئەۋەتكەن ھەر خىل رادىئو ئۇچۇرلىرى ھېسابلىنىدۇ.1971
- يىلى، گېرمانىيە دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ ھەرىكەتچان رادىئو تېلېسكوپنىڭ پارابولا يۈزلۈك ئانتېننىسىنى ياساپ چىقتى. ئۇ، دىئامېتىرى100 مېتىردىن چوڭ، ئاسماننىڭ ھەرقانداق تەرىپىگە توغرىلىغىلى بولىدىغان بىر خىل ئىلغار تىپتىكى ئانتېننا ھېسابلىنىدۇ.1981 - يىلى8 - ئايدا، ئا ق ش يەنە يېڭى مېكسىكا شتاتىدا دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ، ئەڭ زامانىۋى ئۇنىۋېرسال كالبېرلىق رادىئو تېلېسكوپنى ياساپ چىقتى. ئۇنىڭ دىئامېتىرى25 مېتىر كېلىدىغان27 يۈزلۈك ئانتېننىسى بار بولۇپ، ئۇزۇنلۇقى21 كىلومېتىر كېلىدىغان «Y» شەكىللىك ئاساسىي لىنىيىنىڭ ئۈستىگە قۇراشتۇرۇلغان.
ئىئونوسفېرا قەۋىتىنىڭ رادىئو ئاسترونومىيىلىك كۆزىتىشكە قارىتا چەكلەش ۋە توسقۇنلۇق قىلىشتەك تەسىرىنى تۈگىتىش ئۈچۈن، ئالىملار ئالەمنىمۇ رادىئو ئاسترونومىيىلىك كۆزەتتى ھەم كائىنات كۆلەملىك رادىئو ئاسترونومىيىلىك كۆزىتىش تورى بەرپا قىلىش تەسەۋۋۇرىنى يۈرەكلىك ئوتتۇرىغا قويدى. شۇ چاغدا كىشىلەر تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ يېڭى ئالەم ئۇچۇرلىرىغا ئىگە بولالايدۇ.