UyghurWiki
UyghurWikiئالەم بوشلۇقىنى تەكشۈرۈش ۋە تونۇشئاسمان شارى تەلىماتى

ئاسمان شارى تەلىماتى

ئالەم بوشلۇقىنى تەكشۈرۈش ۋە تونۇش قۇياش، ئاي، يۇلتۇزلار شەرقتىن كۆتۈرۈلۈپ، غەربكە پاتىدۇ. ئۇلار قەيەردىن كېلىپ، قەيەرگە بارىدۇ؟ ئاي بىلەن قۇياش شەرقتىن كۆتۈرۈلۈشتىن ئىلگىرى ۋە غەربكە پاتقاندىن كېيىن قايسى جايدا توختايدۇ؟ كىشىلەر بۇ مەسىلىلەرنى ئىزچىل چۈشەنمەي كېلىۋاتقانىدى. شەرقىي خەن سۇلالىسى دەۋرىگە كەلگەندە، ئاتاقلىق ئاسترونومىيە ئالىمى جاڭ خېڭ مۇكەممەل «ئاسمان شارى تەلىماتى» نى ئوتتۇرىغا قويغاندىن كېيىن، كىشىلەرنىڭ بۇ مەسىلىگە بولغان چۈشەنچىسى چوڭقۇرلاپ باردى. ئاسمان شارى تەلىماتى مۇنداق دەپ قارىدى: ئاسمان بىلەن يەرنىڭ مۇناسىۋىتى تۇخۇم ئېقى بىلەن تۇخۇم سېرىقىنىڭ مۇناسىۋىتىگە ئوخشايدۇ، يەرنى ئاسمان ئەتراپتىن ئوراپ تۇرىدۇ. ئاسمان شارى تەلىماتىدا يەنە مۇنداق تەسۋىرلىنىدۇ: ئاسماننىڭ شەكىل - ھالىتى ئاسماننىڭ قاپلىنىش تەلىماتىدىكىگە ئوخشاش يېرىم شار شەكلىدە ئەمەس، بەلكى جەنۇب - شىمالى قىسقا، غەرب - شەرقى ئۇزۇن بولغان ئېللىپسسىمان شاردىن ئىبارەت. يەرمۇ بىر شار جىسىم بولۇپ، بۇ شار سۇدا لەيلەپ ھەرىكەت قىلىدۇ. كېيىن يەنە بەزى كىشىلەر يەر شارى ھاۋادا لەيلەپ تۇرىدۇ دەپ تونۇدى. قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئاسمان شارى تەلىماتى «يەر ھەرىكەت قىلىدۇ تەلىماتى» نىڭ بىخلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغانىدى. ئاسمان شارى تەلىماتى ئارقىلىق قۇياش، ئاي، يۇلتۇزلارنىڭ چىقىش - پېتىش ھەرىكىتىنى ئاددىي ھەم تەبىئىي چۈشەندۈرگىلى بولىدۇ. ئاسمان شارى تەلىماتى مۇنداق دەپ قارايدۇ: قۇياش، ئاي، يۇلتۇزلارنىڭ ھەممىسى ئاسمان شارىغا يېپىشىپ تۇرىدۇ، كۈندۈزى قۇياش كۆتۈرۈلۈپ ئۇدۇلىمىزغا كەلگەندە، يۇلتۇزلار يەر شارىنىڭ قارشى تەرىپىگە ئۆتىدۇ. كەچ كىرگەندە، قۇياش ئولتۇرۇپ يەر شارىنىڭ قارشى تەرىپىگە بارغاندا، يۇلتۇزلار كۆتۈرۈلۈپ چىقىدۇ. مۇشۇنداق دەۋر قىلىپ، قۇياش، ئاي، يۇلتۇزلار كۆتۈرۈلۈپ - پېتىپ تۇرىدۇ. ئاسمان شارى تەلىماتىدا يەر شارى ئالەمنىڭ مەركىزى دەپ قارىلىدۇ. بۇ نۇقتا، ياۋروپادا قەدىمكى دەۋردە بارلىققا كېلىپ گۈللەنگەن «يەر مەركەز تەلىماتى» بىلەن ئوخشاش. بىراق، ئاسمان شارى تەلىماتىدا قۇياش، ئاي، يۇلتۇزلار گەرچە ئاسمان شارىغا يېپىشىپ تۇرىدۇ دەپ قارالغان بولسىمۇ، لېكىن، ئاسمان شارىنىڭ سىرتىنى ھېچنېمە يوق نامەلۇم بىر دۇنيا دەپ قارىمايدۇ، بۇ، ئاسمان شارى تەلىماتىنىڭ يەر مەركەز تەلىماتىدىن ئۈستۈن تۇرىدىغان يېرىدۇر. ئاسمان شارى تەلىماتى ئوتتۇرىغا قويۇلغاندىن كېيىن، دەرھال ئاسماننىڭ قاپلىنىش تەلىماتىنىڭ ئورنىنى ئالالمىدى. ئەكسىچە، تالاش - تارتىشلار توختىمىدى. شۇنداقتىمۇ ئالەم قۇرۇلمىسىغا بولغان تونۇشى ئۈستىدە، ئاسمان شارى تەلىماتى ئاسماننىڭ قاپلىنىش تەلىماتىدىن كۆپ ئىلگىرىلەپ، ئالەم ھادىسىلىرىنى تېخىمۇ ياخشى چۈشەندۈرۈپ بېرەلەيدىغان بولدى. يەنە بىر تەرەپتىن، ئاسمان شارى تەلىماتىدا ئىككى چوڭ ئەڭگۈشتەر بار ئىدى: ئۇنىڭ بىرى، ئەينى چاغدا ئاسماننى كۆزىتىشتە ئەڭ ئىلغار سانىلىدىغان ئەسۋاب − ئارمىلليار شارى بولۇپ، قۇياش مەركەز تەلىماتىنى قوللىغۇچى ئالىملار بۇ ئەسۋابنىڭ ياردىمىدە ئېنىق كۆزىتىپ ئۆلچەپ، نۇرغۇن پاكىتلار ئارقىلىق قۇياش مەركەز تەلىماتىنى ئىسپاتلاپ چىقتى، جۇڭگونىڭ قەدىمكى دەۋرىدە، كۆزىتىپ ئۆلچەنگەن ئاشۇ پاكىتلارغا ئاساسلىنىپ بېكىتىلگەن كالېندار بىرقەدەر يۇقىرى بولغان ئېنىقلىققا ئىگە ئىدى، ئاسماننىڭ قاپلىنىش تەلىماتى ئېنىقلاشقا ئامالسىز ئىدى. يەنە بىرى، ئاسمان گلوبۇسى بولۇپ، ئۇ ئارقىلىق ئاسمان جىسىملىرىنىڭ ھەرىكىتىنى ئوبرازلىق ھالدا كۆرسىتىپ كىشىلەرنى ئاسمان شارى ھەققىدىكى ئاجايىپ يېڭى تەپەككۇر بىلەن قايىل قىلغىلى بولاتتى. شۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن، ئاسمان شارى تەلىماتى نىسبەتەن ئەۋزەل ئورۇنغا ئىگە بولدى. تاڭ سۇلالىسى دەۋرىگە كەلگەندە، ئاسترونومىيە ئالىمى يى شىڭ قاتارلىقلار يەرنى ئۆلچەش - كۆزىتىش ئارقىلىق ئاسماننىڭ قاپلىنىش تەلىماتىنى ئۈزۈل - كېسىل ئىنكار قىلدى، شۇنىڭ بىلەن ئاسمان شارى تەلىماتى جۇڭگونىڭ قەدىمكى دەۋرىدە ئاسترونومىيە ساھەسىدە1000 يىلدىن ئۇزاق ھۆكۈم سۈردى.
← بارلىق تېمىلار ئالەم بوشلۇقىنى تەكشۈرۈش ۋە تونۇش
ئاسمان شارى تەلىماتى | UyghurWiki | UyghurWiki