قۇياش مەركەز تەلىماتى
ئالەم بوشلۇقىنى تەكشۈرۈش ۋە تونۇش
1543 - يىلى پولشالىق ئاسترونوم كوپېرنىك سەكراتتىكى چېغىدا تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە شاھەنە ئەسىرى — «ئاسمان جىسىملىرىنىڭ ئايلىنىش نەزەرىيىسى» نى ئېلان قىلىپ، «قۇياش مەركەز تەلىماتى» نىڭ مۇكەممەل نەزەرىيىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇ نەزەرىيە سىستېمىسىدا مۇنداق دەپ قارالدى: قۇياش سەييارىلەر سىستېمىسىنىڭ مەركىزى، بارلىق سەييارىلەرنىڭ ھەممىسى قۇياشنى ئايلىنىپ ھەرىكەت قىلىدۇ. يەر شارىمۇ سەييارە، ئۇ خۇددى بىر نۇرغا ئوخشاش بىر تەرەپتىن، ئۆز ئوقىدا ئايلانسا، يەنە بىر تەرەپتىن، باشقا سەييارىلەرگە ئوخشاشلا قۇياش ئەتراپىدا ئايلىنىدۇ.
«قۇياش مەركەز تەلىماتى» دا ئالەمنىڭ مەركىزى يەر شارى بولماستىن، بەلكى قۇياشتىن ئىبارەت دەپ بېكىتىلدى. بۇ قارىماققا ناھايىتى ئاددىيلا ئۇسۇلدا ئورۇن ئالماشقاندەك بىلىنسىمۇ، ئەمەلىيەتتە بىر تۈرلۈك ئاجايىپ ئىجادىيەت ئىدى. كوپېرنىك نۇرغۇنلىغان ئېنىق كۆزىتىلگەن ماتېرىياللارغا ئاساسەن، ئەينى چاغدىكى تازا تەرەققىي قىلىۋاتقان ترىگونومېتىرىيە ئۇتۇقلىرىنى قوللىنىپ، سەييارە، قۇياش ۋە يەر شارى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنى تەھلىل قىلىپ، سەييارىلەر ئوربىتىسىنىڭ نىسپىي چوڭ - كىچىكلىكى ۋە ئېغىش بۇلۇڭى قاتارلىقلارنى ھېسابلاپ چىقىپ، بىرقەدەر مۇۋاپىق ھەم تەرتىپلىك بولغان قۇياش سىستېمىسىنى «ئورۇنلاشتۇرۇپ» چىققان. بۇ80 نەچچە چەمبەرگىچە كۆپەيتىلگەن «يەر مەركەز تەلىماتى» غا سېلىشتۇرغاندا، قۇرۇلما جەھەتتىن كۆركەم ھەم مۇۋاپىق بولۇپلا قالماي، يەنە ناھايىتى ئاددىي ھېسابلاش ئىدى، تېخىمۇ مۇھىمى كوپېرنىكنىڭ ھېسابلاپ چىققان نەتىجىسى بىلەن ئەمەلىي كۆزىتىلگەن ماتېرىياللار ناھايىتى ماس كەلگەنىدى. شۇڭا، قۇياش مەركەز تەلىماتى ئەڭ ئاخىر يەر مەركەز تەلىماتىنىڭ ئورنىنى ئالغان.
ئوتتۇرا ئەسىردە ياۋروپادا تولېمېئايۇسنىڭ يەر مەركەز تەلىماتى ئىزچىل تۈردە ھۆكۈمران ئورۇندا تۇرۇپ كەلگەنىدى. چۈنكى، يەر مەركەز تەلىماتى ئىلاھىي ھاكىمىيەت ھۆكۈمرانلىقى نەزەرىيىسىگە ئۇيغۇن كېلەتتى، ئۇ خرىستىئان دىنىدا تەرغىب قىلىنغان «تەڭرى ئادەمنى ياراتقان ھەم ئىنساننى ئالەمنىڭ مەركىزىگە جايلاشتۇرغان» دېگەن تەرغىباتى بىلەن پىكىر بىر يەردىن چىقىپ قالغانىدى. ئەگەر كىمكى يەر مەركەز تەلىماتىدىن گۇمانلانسا، ئۇ ئىلاھىيەتكە بىھۆرمەتلىك قىلغان، ئىنتايىن چوڭ گۇناھ ئۆتكۈزگەن دەپ قارىلىپ، قاتتىق جازاغا تارتىلاتتى. قۇياش مەركەز تەلىماتى يەر شارىنى ئالەمنىڭ مەركىزىي ئورنىدىن سىقىپ چىقىرىۋەتكەنلىكى ئۈچۈن، خرىستىئان دىنىنىڭ ئەقىدىسىگە ئاشكارا ھالدا خىلاپلىق قىلغانىدى. شۇڭا، دىنىي جەمئىيەتنىڭ مەزھەپچىلىرى بۇ تەلىماتنى سىغدۇرمىدى. بۇ تەلىماتنى قوغداش ئۈچۈن، نۇرغۇنلىغان يۈكسەك ئىرادىلىك ھەققانىي كىشىلەر زۇلمەتلىك يىللاردىكى دىنىي ھاكىمىيەت كۈچلىرى بىلەن ئالدىنقىسى يىقىلسا، كېيىنكىسى ئورنىنى بېسىپ بوشاشماي ھەققانىي كۈرەش قىلىپ، قانلىق بەدەل تۆلىدى، مەسىلەن، ئىتالىيىلىك ئىدېئالىزمچى بىرونو قۇياش مەركەز تەلىماتىنى قوغداش يولىدا ئاخىر چېركاۋدا دىندارلار تەرىپىدىن كۆيدۈرۈلدى؛ ئىتالىيىلىك ئالىم گالىلىي قۇياش مەركەز تەلىماتىنى قوللىغانلىقى ئۈچۈن، دىنىي قانۇن تەرىپىدىن ئۆمۈرلۈك قاماققا بۇيرۇلدى؛ كېپلىر، نيۇتون قاتارلىق تەبىئىي پەن ئالىملىرى بۇ بىر مەيدان كۈرەشكە مۇھىم تۆھپىلەرنى قوشتى.