تۇمان تەلىماتى
ئالەم بوشلۇقىنى تەكشۈرۈش ۋە تونۇش
قۇياش سىستېمىسى زادى قانداق پەيدا بولغان؟ بۇ مەسىلىگە ھازىرغا قەدەر كىشىنى تولۇق قايىل قىلىدىغان جاۋاب تېپىلمىدى. ئۇزاقتىن بۇيان، كىشىلەر بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ نۇرغۇن تەلىماتلارنى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇنىڭ ئىچىدە «تۇمان تەلىماتى» ئەڭ ئاۋۋال ئوتتۇرىغا قويۇلدى، ھەمدە ھازىرقى زامان ئاسترونومىيە ساھەسىدە ئەڭ ئەھمىيەت بېرىلگەن بىر تەلىمات بولۇپ قالدى.
ئەڭ دەسلەپكى تۇمان تەلىماتىنى18 - ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا گېرمانىيە پەيلاسوپى كانت بىلەن فرانسىيە ئاسترونومىيە ئالىمى لاپلاس ئوتتۇرىغا قويغانىدى. ئۇلارنىڭ تەلىماتى مەزمۇن جەھەتتىن ئاساسەن ئوخشىشىپ كەتكەچكە، كىشىلەر ئۇنى كانت - لاپلاس تۇمان تەلىماتى دەپ ئاتىدى. ئۇلار مۇنداق دەپ قارايدۇ: قۇياش سىستېمىسى بىر پارچە تۇماننىڭ يىغىلىشىدىن شەكىللىنىدۇ، ئاۋۋال شەكىللەنگىنى قۇياش، كېيىن قالدۇق بولۇپ قالغان تۇمان ماددىلىرى يەنە بىر قەدەم تارىيىپ سەييارىلەرگە ئۆزگەرگەن.
تۇمان تەلىماتى بارلىققا كېلىشتىن ئىلگىرى كىشىلەر ئاسمان جىسىملىرىنىڭ ھەرىكەت ئۆزگىرىشىنى تەڭرىنىڭ ئىرادىسىدىن بولغان دەپ قارىغان. بۇ «بىرىنچى قېتىملىق ئىلگىرى سۈرۈش» دەپ ئاتالغان. كانت - لاپلاس تۇمان تەلىماتى تەبىئەت دۇنياسىنىڭ ئۆزگىرىش قانۇنىيىتى بويىچە ھەرىكەتنىڭ بەزى خۇسۇسىيەتلىرىنى چۈشەندۈردى. شۈبھىسىزكى، بۇ ئاشۇ بىمەنە كۆزقاراشقا نىسبەتەن ئەجەللىك زەربە بولدى، شۇنداقلا ئاسترونومىيە تەرەققىياتى ئۈچۈن ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشتى.
بىراق، كانت - لاپلاس تۇمان تەلىماتى پەقەت قۇياش سىستېمىسىنىڭ كېلىش مەنبەسى مەسىلىسىنى دەسلەپكى قەدەمدە چۈشەندۈرۈپ بەردى. يەنە نۇرغۇن كۆزىتىش پاكىتلىرىنى بۇ ئارقىلىق چۈشەندۈرۈش تەس ئىدى. شۇڭلاشقا، تۇمان تەلىماتى ئۇزاق ۋاقىت مۈشكۈل ئەھۋالدا تۇردى. مۇشۇ ئەسىرگە قەدەر ھازىرقى زامان ئاسترونومىيە ئىلمى ۋە فىزىكا ئىلمىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، بولۇپمۇ يېقىنقى10 نەچچە يىل ئىچىدە تۇرغۇن يۇلتۇزنىڭ ئۆزگىرىش نەزەرىيىسى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللىشىپ، تۇمان تەلىماتى يېڭى ھاياتىي كۈچىنى نامايان قىلدى.
ھازىرقى زامان كۆزىتىش پاكىتى ئىسپاتلىدىكى، تۇرغۇن يۇلتۇزلار تۇماندىن شەكىللىنىدۇ. قۇياش سىستېمىسىنىڭ شەكىللىنىشى ئالەمدىكى بىر ئالاھىدە تاسادىپىي ھادىسە ئەمەس، بەلكى ئومۇميۈزلۈك مۇقەررەر نەتىجە. يەنە بىر تەرەپتىن، قۇياش سىستېمىسى توغرىسىدىكى نۇرغۇن يېڭى بايقاشلار تۇمان تەلىماتىنى كۈچلۈك قوللاپ بەردى.
بۇنداق ئارقا كۆرۈنۈش ئاستىدا، ھازىرقى زامان تۇمان تەلىماتى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتى. تۇمان قانداق ئۆزگىرىدۇ؟ ئەلۋەتتە، بۇ ھەقتە نۇرغۇن قاراشلار بار. بىر خىل قاراش مۇنداق دەپ تونۇيدۇ: قۇياش سىستېمىسىنى سامانيولى سىستېمىسىدىكى زىچلىقى خېلى چوڭ بىر توپ تۇمان شەكىللەندۈرگەن، بۇ تۇمانلىق سامانيولى سىستېمىسىنى مەركەز قىلىپ ئايلىنىدۇ، ئۇ سپىرال بىلىكى ئارقىلىق قىسىلىشنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ زىچلىقى چوڭىيىپ بەلگىلىك زىچلىققا يەتكەندە، تۇمانلار مەركەزگە تارتىش كۈچىنىڭ تەسىرىدە بارا - بارا يىغىلىپ قورۇلىدۇ. بۇ جەرياندا بىر تەرەپتىن، تۇمان مەركىزىي قىسمىنىڭ تېمپېراتۇرىسىنى ئۆرلىتىپ، ئاخىردا ئىپتىدائىي قۇياشنى شەكىللەندۈرىدۇ، بۇ ئىپتىدائىي قۇياش مەركىزىنىڭ تېمپېراتۇرىسى7 مىليون سېلسىيە گرادۇسقا يەتكەندە ھىدروگېن يىغىلىپ گېلىيغا ئۆزگەرگەن، ئىسسىقلىق رېئاكسىيىسى ئوت ئېلىپ، ئاخىر ھازىرقى قۇياش رەسمىي ھالدا بارلىققا كەلگەن. يەنە بىر تەرەپتىن، تۇمانلىقلارنىڭ ھەجىمى كىچىكلىگەنلىكتىن، ئۆز ئوقىدا ئايلىنىش سۈرئىتى تېزلىشىپ، مەركەزدىن قېچىش كۈچى چوڭىيىپ، ئېكۋاتورنىڭ يېقىن ئەتراپىدا بىر تۇمان تەخسىسى تەدرىجىي شەكىللەنگەن. تۇمان تەخسىسىدىكى ماددىلار قېتىشىش ۋە بىر - بىرىنى يۇتۇش جەريانىدا سەييارە ۋە باشقا كىچىك ئاسمان جىسىملىرى بارلىققا كەلگەن. يىغىپ ئېيتقاندا، ھازىر كىشىلەر تۇمان ئارقىلىق قۇياش سىستېمىسىنىڭ بارلىققا كېلىش جەريانىنى بىرقەدەر تەپسىلىي تەسۋىرلەپ بېرەلەيدىغان بولدى. بىراق، يەنە نۇرغۇنلىغان مەسىلىلەر تېخى ھەل بولمىغاچقا، مۇكەممەللەشتۈرۈش ۋە تولۇقلاشنى كۈتمەكتە.