UyghurWiki
UyghurWikiئالەم بوشلۇقىنى تەكشۈرۈش ۋە تونۇشئاسماننىڭ قاپلىنىش تەلىماتى

ئاسماننىڭ قاپلىنىش تەلىماتى

ئالەم بوشلۇقىنى تەكشۈرۈش ۋە تونۇش «ئاسماننىڭ قاپلىنىش تەلىماتى» مەملىكىتىمىزنىڭ قەدىمكى دەۋرىدە ئەڭ ئاۋۋال ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئالەم تۈزۈلمىسى تەلىماتىدىن ئىبارەت. بۇ تەلىماتتا مۇنداق دەپ قارىلىدۇ: ئاسمان يۇمىلاق بولىدۇ، خۇددى ئېچىلغان كۈنلۈكتەك يەرنى يېپىپ تۇرىدۇ؛ يەر چاسا بولىدۇ، خۇددى شاھمات تاختىسىغا ئوخشايدۇ، قۇياش، ئاي، يۇلتۇزلار خۇددى ئۆمىلىگۈچى قۇرتقا ئوخشاش ئاسماندا ئۆتۈشۈپ تۇرىدۇ. شۇڭا، بۇ تەلىمات «ئاسمان يۇمىلاق، يەر چاسا تەلىماتى» دەپمۇ ئاتالغان. «ئاسمان يۇمىلاق، يەر چاسا تەلىماتى» گەرچە شۇ چاغدىكى ئىنسانلارنىڭ يۈزەكى كۆزىتىش بىلىملىرىگە ماس كەلسىمۇ، لېكىن، ئەمەلىيەتتە پۇت تىرەپ تۇرالايدىغان تەلىمات ئەمەس ئىدى. مەسىلەن، چاسا يەر بىلەن يۇمىلاق ئاسماننى قانداق تۇتاشتۇرغىلى بولىدۇ؟ بۇ بىر مەسىلە ئىدى. شۇڭا، ئاسمان يۇمىلاق، يەر چاسا تەلىماتى يەنە مۇنداق ئۆزگەرتىلدى: ئاسمان يەر بىلەن تۇتاش ئەمەس، بەلكى ئۇ بىر چوڭ كۈنلۈككە ئوخشاش ھاۋا بوشلۇقىغا ئېسىپ قويۇلغان بولىدۇ، ئوتتۇرىدا ئارغامچا بولۇپ، ئۇنىڭ تۈگۈنىدىن كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ. تۆت ئەتراپىدا يەنە سەككىز تۈۋرۈك تىرەپ تۇرىدۇ. ئۇنداقتا، بۇ سەككىز تۈۋرۈك زادى قەيەردە تىرەكلىك؟ ئاسماننى قاپلىغان كۈنلۈكنىڭ تۇتقۇچى زادى نەدە؟ دېگەندەك سوئاللارغا ئاسمان يۇمىلاق، يەر چاسا تەلىماتى جاۋاب بېرىشكە ئامالسىز قالدى. يېغىلىق دەۋرىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە يەنە يېڭى بىر ئاسمان قاپلىنىش تەلىماتى بارلىققا كەلدى. بۇ تەلىماتتا مۇنداق قىياس قىلىنىدۇ: ئاسمان دۈم كۆمتۈرۈلگەن چىغ قالپاققا، يەر دۈم كۆمتۈرۈلگەن تەخسىگە ئوخشايدۇ. ئاسمان بىلەن يەر ئۆزئارا كېسىشمەيدۇ. ئاسمان بىلەن يەر ئوتتۇرىسىدىكى ئارىلىق80 مىڭ چاقىرىم كېلىدۇ. تەخسىنىڭ ئەڭ ئېگىز نۇقتىسى شىمالىي قۇتۇپ بولۇپ، قۇياش شىمالىي قۇتۇپنى ئايلىنىپ ھەرىكەت قىلىدۇ. قۇياشنىڭ پېتىشى يەر ئاستىغا چۈشۈپ كەتكەن بولماستىن، بەلكى ئۆزىمىزنىڭ كۆرەلمىگەنلىكىدىن بولىدۇ، بۇ ھال خۇددى بىر ئادەم مەشئەل كۆتۈرۈپ يۈگۈرۈپ يىراققا كەتسە، ئۇنى كۆرەلمىگىنىمىزگە ئوخشايدۇ. يېڭى بىر ئاسماننىڭ قاپلىنىش تەلىماتى، ئاسمان يۇمىلاق، يەر چاسا تەلىماتىغا قارىغاندا، بىرقەدەر ئىلگىرىلەپلا قالماستىن، يەنە قەدىمكى زاماندىكى ماتېماتىكا ۋە ئاسترونومىيە ئىلمىنىڭ تەرەققىياتىغا ئىنتايىن چوڭ تەسىر كۆرسەتتى. يېڭى بىر ئاسماننىڭ قاپلىنىش تەلىماتىدا، يەر بىلەن ئاسماننىڭ ئارىلىقى توغرىسىدا ناھايىتى قىزىقارلىق بىر يۈرۈش مەلۇماتلار ۋە قۇياشنىڭ ھەرىكەت قانۇنىيىتىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدىغان كۆرسەتمىلىك سخېما − يەتتە تەڭپۇڭ ئالتە ئارا سخېمىسى بار. قەدىمكى زاماندا نۇرغۇن ۋاقىت ئۆلچىگۈچلەرنىڭ ئېگىزلىكى ئومۇمەن8 چى قىلىپ ياسالغانىكەن، بۇ ھال يېڭى بىر ئاسماننىڭ قاپلىنىش تەلىماتىدىكى ئاسمان بىلەن يەرنىڭ ئارىلىقى80 مىڭ چاقىرىم كېلىدۇ، دېگەن قاراش بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىكتۇر. ئاسماننىڭ قاپلىنىش تەلىماتى ئالەمنى تونۇشقا دائىر بىر خىل ئىپتىدائىي نەزەرىيە بولۇپ، ئۇ، نۇرغۇنلىغان ئاسترونومىيىلىك ھادىسىلەرگە نىسبەتەن توغرا چۈشەنچە بېرەلمەيدۇ ھەم ئۆزىدىمۇ نۇرغۇن كەمتۈكلۈك مەۋجۇت. تاڭ سۇلالىسى دەۋرىگە كەلگەندە، كۆپلىگەن ئاسترونوملار ئېنىق ئۆلچەش ئارقىلىق ئاسماننىڭ قاپلىنىش تەلىماتىدىكى «قۇياشنىڭ سايىسى1000 چاقىرىم بولسا، پەرقى بىر سۇڭ بولىدۇ» دېگەن قاراشنى ئۈزۈل - كېسىل ئىنكار قىلغاندىن كېيىن، ئاسماننىڭ قاپلىنىش تەلىماتى ئەمەلدىن قالدى.
← بارلىق تېمىلار ئالەم بوشلۇقىنى تەكشۈرۈش ۋە تونۇش