UyghurWiki
UyghurWikiئالەم بوشلۇقىنى تەكشۈرۈش ۋە تونۇشئاسترونومىيە تېلېسكوپى

ئاسترونومىيە تېلېسكوپى

ئالەم بوشلۇقىنى تەكشۈرۈش ۋە تونۇش تېلېسكوپ كەشىپ قىلىنىشتىن بۇرۇن، كىشىلەر پەقەت ئاددىي كۆز ياكى بىر قىسىم ئەسۋابلاردىن پايدىلىنىپ ئاسترونومىيىلىك كۆزىتىش ئېلىپ باراتتى، شۇ سەۋەبتىن، كەڭ دائىرىلىك كۆزىتىش ئىشلىرىمۇ ناھايىتى زور چەكلىمىگە ئۇچرايتتى.1609 - يىلى ئىتالىيىلىك ئالىم گالىلېي ئۆزى ياسىغان، نەرسىلەرنى30 ھەسسە چوڭايتىپ كۆرگىلى بولىدىغان تېلېسكوپتىن پايدىلىنىپ بىرىنچى قېتىم ئاي شارى ئۈستىدىكى ھالقىسىمان غەلىتە تاغلارنى كۆزەتكەن، يۇپىتېرنىڭ تۆت چوڭ ھەمراھىنى بايقىغان، يەنە قۇياش يۈزىدىكى داغلارنى كۆزەتكەن، ھەتتا ۋېنېرانىڭ كىچىكلەپ ئۆزگىرىشى، سامانيولى سىستېمىسىدىكى زىچ جايلاشقان ئىمىر - چىمىر يۇلتۇزلار قاتارلىق كىشىلەر ئىلگىرى كۆرۈپ باقمىغان ئاجايىپ ھادىسىلەرنى بايقىغان. شۇنىڭدىن باشلاپ ئاسترونومىيىلىك ھادىسىلەرنى كۆزىتىش ئۈچۈن مەخسۇس ئىشلىتىلىدىغان تېلېسكوپلار ئىنتايىن تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلدۇرۇلۇشقا باشلىغان. ئادەتتىكى تېلېسكوپقا ئوخشاش، ئاسترونومىيە تېلېسكوپى ناھايىتى يىراقتىكى كۆرۈنۈشنى كۆزەتكۈچىنىڭ كۆز ئالدىغا يېقىنلاشتۇرىدۇ. ئاسترونومىيە تېلېسكوپى ئادەتتىكى تېلېسكوپقا قارىغاندا چوڭ بولۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە ناھايىتى ئېسىل ياسالغان. ھازىرقى زاماندا ئىشلەنگەن ئاسترونومىيە (ئوپتىكىلىق) تېلېسكوپنىڭ تۈرلىرى، شەكلى خىلمۇخىل بولۇپ، لايىھىلىنىش پرىنسىپىغا ئاساسەن تۆۋەندىكىدەك ئۈچ چوڭ تۈرگە بۆلۈنىدۇ: بىرىنچى تۈرى، نۇر سۇندۇرۇشچان تېلېسكوپ (رېفراكتور). بۇ خىل تېلېسكوپلار ئەڭ بۇرۇن ئىشلىتىلگەن. ئۇنىڭ ئالدىنقى ئۇچىغا كۆپۈنكى لىنزىدىن بىر ياكى بىرقانچىسى ئوبيېكتىپ قىلىنغان، ئارقا تەرىپىگە ئوكۇليار ئورنىتىلغان. نۇر ئالدىنقى ئۇچىدىن كىرىپ ئارقىسىدىن چىقىدۇ. بۇ خىل تېلېسكوپنىڭ فوكۇس ئارىلىقى بىرقەدەر ئۇزۇن بولۇپ، ئاسمان جىسىملىرىنى كۆزىتىپ - ئۆلچەشكە تولىمۇ ماس كېلىدۇ، تۇنجى ئاسترونومىيە تېلېسكوپى − گالىلېي تېلېسكوپى دەل نۇر سۇندۇرۇشچان قىلىپ ياسالغان تېلېسكوپتۇر. ھازىر دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ نۇر سۇندۇرۇشچان تېلېسكوپ، ئا ق ش نىڭ يېكەيشى رەسەتخانىسىغا ئورنىتىلغان دىئامېتىرى102 سانتىمېتىر كېلىدىغان تېلېسكوپتۇر. ئىككىنچى تۈرى، نۇر قايتۇرۇشچان تېلېسكوپ (رېفلېكتور). ئەڭ بۇرۇن ئىشلەتكەن نۇر سۇندۇرۇشچان تېلېسكوپلارنىڭ نۇرغۇن كەمچىلىكلىرى بار ئىدى. ئۇنىڭدا كۆزىتىلگەن مەنزىرە ھەمىشە شەكلى ئۆزگەرگەن ھالەتتە كۆرۈنەتتى ھەمدە شۇ مەنزىرىنىڭ ئەتراپىدا ھەر خىل رەڭلەر ئارىلاشقان بىر غۇۋا تۈس كۆرۈلۈپ، كۆزىتىشنىڭ ئېنىقلىق دەرىجىسىگە زور تەسىر كۆرسىتەتتى. مۇشۇ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىش ئۈچۈن، نيۇتون نۇر قايتۇرۇشچان تېلېسكوپنى ئىجاد قىلدى. بۇ خىل تېلېسكوپتا نۇرنىڭ قايتىش قانۇنىيىتىدىن پايدىلىنىپ پېتىنقى ئەينەك ئوبيېكتىپ قىلىپ ئورنىتىلغان، ئاسمان جىسىملىرىدىن كەلگەن نۇر سۇندۇرۇلۇپ بىر يەرگە يىغىپ تەسۋىر ھاسىل قىلىنغان، ئۇ تەسۋىر ھاسىل قىلىش سۈپىتى بىرقەدەر يۇقىرى، تېلېسكوپ گەۋدىسى قىسقا، ھۈنەر - سەنئەت جەھەتتىن ياساش ئاسان بولۇشتەك ئالاھىدىلىككە ئىگە. شۇڭا، ھازىرقى زاماندا ياسالغان چوڭ تىپتىكى ئاسترونومىيە تېلېسكوپلىرىنىڭ ھەممىسى مۇشۇ تۈرگە كىرىدۇ. نۆۋەتتە دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ سانىلىدىغان ئاسترونومىيىلىك تېلېسكوپ كاۋكاز تېغىغا ئورنىتىلغان دىئامېتىرى ئالتە مېتىر كېلىدىغان نۇر قايتۇرۇشچان تېلېسكوپ بىلەن ئا ق ش نىڭ پاروما تېغى رەسەتخانىسىغا ئورنىتىلغان دىئامېتىرى08 .5 مېتىر كېلىدىغان نۇر قايتۇرۇشچان تېلېسكوپتۇر. پالومار تېغى رەسەتخانىسىدىكى تېلېسكوپنىڭ پەقەت لىنزا ئېغىرلىقىلا20 توننا كېلىدۇ، بۇ ئارقىلىق21 - دەرىجىلىك خىرە يۇلتۇزنىمۇ كۆرگىلى بولىدۇ. ئۈچىنچى تۈرى، نۇر سۇندۇرۇشچان ھەم نۇر قايتۇرۇشچان تېلېسكوپ، بۇنى گېرمانىيىلىك ئوپتىكا ئالىمى شىمىت لايىھىلىگەن. بۇ خىل تېلېسكوپتا ئالدىنقى ئىككى خىل تېلېسكوپلاردا بار ئارتۇقچىلىقلارنىڭ ھەممىسى قوبۇل قىلىنغان، كۆزىتىش دائىرىسى كەڭ، نۇرى كۈچلۈك، تەسۋىرىنىڭ خاتالىق پەرقى كىچىك، شۇڭا، بۇ خىل تېلېسكوپلار ئاي، سەييارە، قۇيرۇقلۇق يۇلتۇز، تۇمانلىق قاتارلىقلارنى كۆزىتىپ تەتقىق قىلىشقا بەك مۇۋاپىق كېلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئالەم بوشلۇقىنى تەكشۈرۈش ۋە تونۇش
ئاسترونومىيە تېلېسكوپى | UyghurWiki | UyghurWiki