UyghurWiki
UyghurWikiئالەم بوشلۇقىنى تەكشۈرۈش ۋە تونۇشۋاقىت ئۆلچىگۈچ

ۋاقىت ئۆلچىگۈچ

ئالەم بوشلۇقىنى تەكشۈرۈش ۋە تونۇش ۋاقىت ئۆلچىگۈچ گنومونغا ئوخشاشلا، كۈن نۇرى سايىسىدىن پايدىلىنىپ ئۆلچەش ئېلىپ بارىدىغان قەدىمكى ئاسترونومىيىلىك ئەسۋابلارنىڭ بىرىدۇر، مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى7 - ئەسىردىن باشلاپلا ئېلىمىزدە ئىشلىتىلىشكە باشلىغان. ئېيتىشلارغا ئاساسلانغاندا، گنومون تېخى ۋاقىت ئۆلچىگۈچنىڭ ئاساسىدا تەرەققىي قىلدۇرۇلغانىكەن. لېكىن، ئوخشاشمايدىغان يېرى شۇكى، گنومون كۈن نۇرى سايىسىدىن پايدىلىنىپ قۇياشنىڭ سوتكىلىق ئايلىنىش نۇقتىسىدا تۇرۇپ، »بىر كۈن« ئىچىدىكى ۋاقىت ۋە پەيتلەرنى ھېسابلايدۇ، ۋاقىت ئۆلچىگۈچ بولسا چىڭقى چۈشتىكى كۈن نۇرى سايىسىنىڭ ئۇزۇنلۇقىغا ئاساسەن مەۋسۇمنى، تروپىك يىلىنى ياكى قۇياش كالېندارى يىلىنى ئۆلچەپ بېكىتىدۇ. ۋاقىت ئۆلچىگۈچ ئىككى قىسىمدىن تەركىب تاپقان. بىرى، جەنۇب - شىمال يۆنىلىشىدە گورىزونتال تۈز ياتقۇزۇلغان ياتما شكالا (تاش سۇپا قاتارلىق نەرسىلەرنىڭ ئۈستىگە جايلاشتۇرۇلىدۇ). ئۆلچىگۈچ شكالىسىنىڭ جەنۇبىي ئۇچىدا ۋېرتىكال يۆنىلىشىدە تىك جايلاشتۇرۇلغان بىر خادا بار بولۇپ، ئۇ دەل ۋاقىت ئۆلچىگۈچنىڭ يەنە بىر قىسمى ھېسابلىنىدىغان «شكالا خادىسى» ياكى «تىك تاياقچە» دۇر. چىڭقى چۈشتە قۇياش جەنۇب ئاسمىنىنىڭ ئەڭ ئېگىز نۇقتىسىغا ئۆرلىگەندە، شكالا خادىسىنىڭ سايىسى شۇ بىر كۈن ئىچىدە ئەڭ قىسقا بولۇپ چۈشىدۇ. يەنە كېلىپ شىمال تەرەپكە ئۇدۇل چۈشىدۇ، ئۇنىڭ پرويېكسىيىسى ئۆلچىگۈچ شكالىسىنىڭ ئۈستىگە چۈشىدۇ. بۇ ۋاقىتتا كىشىلەر شۇ جايدا چىڭقى چۈش بولغانلىقىنى ئايرىيالايدۇ ھەم ۋاقىت ئۆلچىگۈچ ئارقىلىق چىڭقى چۈشتىكى كۈن نۇرى سايىسىنىڭ ئۇزۇنلۇقىنى ئۆلچەپ چىقالايدۇ. چىڭقى چۈشتىكى كۈن نۇرى سايىسىنىڭ ئۇزۇنلۇقىنى ئۆلچەش ناھايىتى مۇھىم. ئۇ چىڭقى چۈشتىكى قۇياش ئېگىزلىكىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ، ئەمما بىر يىل ئىچىدە قۇياشنىڭ ئېگىزلىكى ئوخشاش بولمايدۇ. ئەتىيازلىق كۈن - تۈن تەڭلىشىش نۇقتىسىدىن كۈزلۈك كۈن - تۈن تەڭلىشىش نۇقتىسىغىچە بولغان يازلىق يېرىم يىلدا قۇياش ئاسمان ئېكۋاتورىنىڭ شىمالىدا تۇرىدۇ، بۇ چاغدا چىڭقى چۈشتىكى قۇياشنىڭ ئاسماندىكى ئورنى بىرقەدەر ئېگىز بولىدۇ، يازلىق كۈن - تۈن توختاش نۇقتىسىدا قۇياشنىڭ چىڭقى چۈشتىكى ئورنى ئەڭ ئېگىز بولىدۇ، كۈزلۈك كۈن - تۈن تەڭلىشىش نۇقتىسىدىن ئەتىيازلىق كۈن - تۈن تەڭلىشىش نۇقتىسىغىچە بولغان قىشلىق يېرىم يىلدا، قۇياش ھەرىكەت قىلىپ ئاسمان ئېكۋاتورىنىڭ جەنۇبىغا بارىدۇ، بۇ چاغدا قۇياشنىڭ چىڭقى چۈشتىكى ئورنى بىرقەدەر پەس بولىدۇ، قىشلىق كۈن - تۈن توختاش نۇقتىسىدا قۇياشنىڭ چىڭقى چۈشتىكى ئورنى ئەڭ پەس بولىدۇ (رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك). شۇڭا، قۇياشنىڭ چىڭقى چۈشتىكى ئېگىزلىكىنىڭ ئۆزگىرىش دەۋرى دەل تۆت پەسىل ئالمىشىشنىڭ دەۋرى بىلەن، يەنى «تروپىك يىلى» بىلەن ئوخشاش بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن كىشىلەر ۋاقىت ئۆلچىگۈچتىن پايدىلىنىپ، چىڭقى چۈشتىكى كۈن نۇرى سايىسىنىڭ ئۇزۇنلۇقىنى ناھايىتى ئاسانلا بىلىۋالالايدۇ. كۈن نۇرى سايىسىنىڭ ئۇزۇنلۇقىنى ئۇزاق مۇددەتلىك كۆزىتىش، خاتىرىلەش ئارقىلىق تروپىك يىلىنىڭ سانىنى ھېسابلاپ چىققىلى بولىدۇ. ناھايىتى ئۇزۇن داۋام قىلغان بىر تارىخىي ۋاقىت ئىچىدە، مەملىكىتىمىزدە ھېسابلاپ چىقىلغان تروپىك يىلى سانىنىڭ توغرىلىق دەرىجىسى دۇنيا بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇرغان. تېخىمۇ چوڭقۇر تەتقىق قىلىش ۋە ھېسابلاش ئارقىلىق، قەدىمكى دەۋر ئالىملىرى يەنە24 مەۋسۇمدىكى كۈن نۇرىنىڭ ۋاقىت ئۆلچىگۈچكە چۈشكەن سايە ئۇزۇنلۇقىنى ئىگىلەپ چىقتى. شۇنداق قىلىپ ۋاقىت ئۆلچىگۈچ مەۋسۇمنى بېكىتىشكىلا ئىشلىتىلىپ قالماستىن، بەلكى يەنە كەلگۈسىدىكى قۇياش كالېندارى ھەم قۇياش كالېندارى يىلىدىكى24 مەۋسۇمنىڭ ۋاقتىنى بېكىتىشكىمۇ ئىشلىتىلىپ، دېھقانچىلىق پائالىيەتلىرىگە يېتەكچىلىك قىلىشتا مۇھىم ئاساس قىلىندى.
← بارلىق تېمىلار ئالەم بوشلۇقىنى تەكشۈرۈش ۋە تونۇش