يۇلتۇزلار خەرىتىسى
ئالەم بوشلۇقىنى تەكشۈرۈش ۋە تونۇش
يۇلتۇزلار خەرىتىسى ۋە يۇلتۇزلار جەدۋىلى كىشىلەر ئاسترونومىيىلىك كۆزىتىش ۋە تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىشتا پايدىلىنىدىغان مۇھىم قوراللارنىڭ بىرى. بۇ خۇددى بىز جۇغراپىيە بىلىملىرىنى ئۆگىنىش جەريانىدا خەرىتىدىن ئايرىلالمىغانغا ئوخشاش بىر ئىش.
كىشىلەر ئاسماندىكى يۇلتۇزلارنىڭ ئالەمدىكى ئورنىغا قاراپ ئۇلارنى مەلۇم بىر تەكشىلىككە پرويېكسىيىلەپ، يۇلتۇزلار خەرىتىسىنى تۈزۈپ چىقتى. مىلادىيە705 - يىلى ئەتراپىدىلا، مەملىكىتىمىزدە «دۇنخۇاڭ يۇلتۇزلار خەرىتىسى» تۈزۈپ چىقىلغان. بۇ دۇنيا بويىچە خاتىرىلەنگەن يۇلتۇزلارنىڭ سانى ئەڭ كۆپ، ئەڭ ئاۋۋال تۈزۈلگەن خەرىتىلەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. مىلادىيە1247 - يىلى سۇجۇدا تاشقا ئويۇلغان يۇلتۇزلار خەرىتىسىمۇ مەملىكىتىمىز بويىچە ئەڭ ئاۋۋال تۈزۈلگەن ھەم ھازىرغىچە ئەڭ مۇكەممەل ساقلىنىپ كەلگەن يۇلتۇزلار خەرىتىسى ھېسابلىنىدۇ.
توغرا تۈزۈلگەن يۇلتۇز خەرىتىسى ئاسترونوملارنىڭ ئەڭ ياخشى ياردەمچىسى بولالايدۇ. ئاسترونوملار يۇلتۇزلار خەرىتىسىدىن پايدىلىنىپ يۇلتۇزلارنى پەرقلەندۈرىدۇ، ئىلگىرى بايقالمىغان ئالەم جىسىملىرىنى كۆزىتىپ بايقىيالايدۇ، مەسىلەن، تۇيۇقسىز پارتلاش داۋامىدا پەيدا بولغان يېڭى يۇلتۇز، دەرىجىدىن تاشقىرى يېڭى يۇلتۇز، ئاستا - ئاستا يەر شارىغا يېقىنلاپ كېلىدىغان قۇيرۇقلۇق يۇلتۇز قاتارلىقلار.1781 - يىلى خېرشېل ئۇراننى بايقىغان،1846 - يىلى ئادامىس بىلەن لېۋىررىئېر نېپتۇننى بايقىغان،1801 - يىلى پىئالزى بىرىنچى سەييارىنى بايقىغان، بۇلارنى بايقاشتا يۇلتۇز خەرىتىسىنىڭ تۆھپىسى تولىمۇ چوڭ بولغان.
يۇلتۇزلار جەدۋىلى ئاسمان جىسىملىرىنىڭ «رويخېتى» ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭدا ئاسمان جىسىملىرىنىڭ ئورنى، يۇلتۇز دەرىجىسى قاتارلىق ئاسمان جىسىملىرىغا ئالاقىدار تۈرلۈك مەزمۇنلار خاتىرىلەنگەن بولىدۇ. مەملىكىتىمىزنىڭ ئەمىنىيە دەۋرىدە ئۆتكەن ئاسترونومىيە ئالىمى شى شېن يازغان «شى جەمەتى يۇلتۇزلار دەستۇرى» دۇنيا بويىچە ئەڭ ئاۋۋال تۈزۈلگەن يۇلتۇزلار جەدۋىلى ھېسابلىنىدۇ، ئۇنىڭدا121 تۇرغۇن يۇلتۇزنىڭ ئورنى خاتىرىلەنگەن. مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى2 - ئەسىردە ھىپپاركيۇس تۈزگەن يۇلتۇزلار جەدۋىلى ياۋروپا بويىچە ئەڭ ئاۋۋال تۈزۈلگەن يۇلتۇزلار جەدۋىلى سانىلىدۇ، ئۇنىڭدا1022 تۇرغۇن يۇلتۇزنىڭ ئورنى خاتىرىلەنگەن.
تارىختا ئۆتكەن نۇرغۇن مەشھۇر ئاسترونومىيە ئالىملىرىنىڭ ھەممىسى يۇلتۇزلار جەدۋىلىنى تۈزۈشكە ناھايىتى نۇرغۇن كۈچ سەرپ قىلغان. ئاسترونومىيە ئىلمىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، كۆزىتىلگەن ئاسمان جىسىملىرى كۈنسېرى كۆپەيمەكتە ھەم مۇرەككەپلەشمەكتە، يۇلتۇزلار جەدۋىلىمۇ كۆپ خىللىشىشقا قاراپ يۈزلەنمەكتە. ھازىر تۇرغۇن يۇلتۇز، تۇمانلىق، يۇلتۇز سىستېمىسى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىنىڭ يۇلتۇزلار جەدۋىلى بار بولدى.