جۇڭگو ئارمىلليار شارى ۋە ئاددىي ئارمىلليار
ئالەم بوشلۇقىنى تەكشۈرۈش ۋە تونۇش
ئارمىلليار شارى ئاسمان جىسىملىرىنىڭ كوئوردېناتىنى ئۆلچەشتە ئىشلىتىلىدىغان بىر خىل ئەسۋاب. تېلېسكوپ ئىجاد قىلىنىشتىن ئىلگىرى، ئاسترونوملار ئىزچىل تۈردە ئارمىلليار شارى ئارقىلىق ئالەمنى كۆزىتىپ ئۆلچىگەنىدى.
مەملىكىتىمىزنىڭ قەدىمكى زاماندا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئاسمان شارى تەلىماتىدا: قۇياش، ئاي، يۇلتۇزلارنىڭ ھەممىسى يەر شارىنى ئايلىنىپ ھەرىكەت قىلىدۇ دەپ قارالغانىدى، ئارمىلليار شارى ئەنە شۇ ئاسمان شارىنىڭ ھەرىكەت قىلىش قانۇنىيىتىنى تەقلىد قىلىش ئارقىلىق ياساپ چىقىلغان. ئۇ نۇرغۇنلىغان دۈگىلەك ھالقىلارنى ئۆزئارا كىرىشتۈرۈشتىن ھاسىل قىلىنغان، بۇ دۈگىلەك ھالقىلارنىڭ بەزىلىرى ئاسمان شارىنىڭ ئېكۋاتور (ئېكۋاتور ھالقىسى) غا، بەزىلىرى قۇياشنىڭ ھەرىكەت ئوربىتىسى (ئېكلىپتىكا ھالقىسى) غا، بەزىلىرى ئاينىڭ ھەرىكەت ئوربىتىسى (ئاي يولى ھالقىسى) غا، يەنە بەزىلىرى بولسا ئۇپۇق يۈزىدىكى گورىزونتقا ۋەكىللىك قىلىدۇ. كەڭلىك ۋە ئۇزۇنلۇق ئارقىلىق يەر شارى يۈزىدىكى مەلۇم بىر جاينىڭ ئورنىنى ئىپادىلىگەنگە ئوخشاش، بۇ خىل دۈگىلەك ھالقىلار ئۈستىدىكى شكالىلار ئارقىلىقمۇ ئوخشاش بولمىغان تەرەپتىن كۆرۈنگەن ئاسمان جىسىملىرىنىڭ كوئوردېناتلىق ئورنىنى ئىپادىلەپ چىققىلى بولىدۇ. كۆزىتىش تۇرۇبىسى ئارمىلليار شارىنىڭ نېگىزلىك قىسمىدۇر، ئۇ ئوتتۇرىسى كاۋاك تۇرۇبا بولۇپ، ھازىرقى تېلېسكوپلارغا ناھايىتىمۇ ئوخشايدۇ، لېكىن، لىنزا ئەينىكى يوق. كىشىلەر كۆزىتىش تۇرۇبىسىنىڭ بىر تەرىپىدە تۇرۇپ قارىغاندا، ئاسماننىڭ ناھايىتى كىچىك قىسمىنى كۆرەلەيدۇ. كۆزىتىش تۇرۇبىسىنى ئوخشاش بولمىغان يۆنىلىشتە ئايلاندۇرۇش ئارقىلىق، ئاسماننىڭ ئوخشاش بولمىغان رايونلىرىنى كۆزىتىشكە بولىدۇ.
ئارمىلليار شارى ئەمىنىيە - يېغىلىق دەۋرىدىن بۇرۇنلا ياسالغانىدى. ئەڭ دەسلەپكى ئارمىلليار شارى نىسبەتەن ئاددىي ياسالغان، پەقەت ئاسمان شارىنىڭ ئېكۋاتورىنى ئىپادىلەيدىغان بىرلا ئېكۋاتور ھالقىسى ۋە بىر دانە كۆزىتىش تۇرۇبىسىدىن تۈزۈلگەنىدى. شەرقىي خەن سۇلالىسىدىكى جاڭ خېڭ دەۋرىگە كەلگەندە، ئۇنىڭغا ئۇپۇق ۋە مېرىدىئانلارنى ئىپادىلەيدىغان ھالقىلار قوشۇلدى. تاڭ دەۋرىگە كەلگەندە لى چۇنفېڭ ئالدىنقىلارنىڭ مۇۋەپپەقىيەت نەتىجىلىرىگە ئاساسەن، بىرقەدەر مۇكەممەل بولغان ئارمىلليار شارىنى ياساپ چىقتى؛ ھازىر بىز كۆرۈۋاتقان مىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ياسالغان ئارمىلليار شارى ئەمەلىيەتتە لى چۇنفېڭ ياسىغان ئارمىلليار شارىغا تەقلىد قىلىپ ياسالغان بولۇپ، پەقەت ئۇنىڭ ئىچىدىكى ئاي يولى ھالقىسىلا چىقىرىۋېتىلگەن، ھېسابلاش ئارقىلىق ئاينىڭ ئورنىنى بېكىتىشكە بولىدۇ. مىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ياسالغان بۇ ئارمىلليار شارى ھازىر نەنجىڭنىڭ زىجىنشەن رەسەتخانىسىدا ساقلانماقتا.
ئارمىلليار شارىنى بارا - بارا ئۆزگەرتىپ ياخشىلاشقا ئەگىشىپ، ئۇنىڭ ئىچىدىكى ھالقىلارمۇ بارغانسېرى كۆپىيىشكە باشلىدى ھەمدە ھالقىلار ئۆزئارا چەمبەرچاس كېسىشىپ، ئاسماننىڭ ناھايىتى چوڭ بىر قىسمىنى يېپىۋالدى. بۇ يېتەرسىزلىكنى تۈگىتىش ئۈچۈن، يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدە ياشىغان داڭلىق ئالىم گو شۇجىڭ ئارمىلليار شارىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈپ، ئاسمان جىسىملىرىنى تەكشۈرۈپ ئۆلچەشتە ئىشلىتىلىدىغان يېڭى بىر ئەسۋاب − ئاددىي ئارمىلليارنى كەشىپ قىلدى.
ئاددىي ئارمىللياردا ئاي يولى ھالقىسى، ئېكلىپتىكا ھالقىسى چىقىرىۋېتىلىپلا قالماي، بەلكى يەنە ئارمىلليار شارىمۇ ئىككىگە بۆلۈنگەن: بىرى، ئېكۋاتورلۇق ئارمىلليار شارى، يەنە بىرى ئازىمۇت كۋادرانتى. بۇ ئىككى قۇرۇلما بىر تىك تۆتبۇلۇڭلۇق ئەسۋابنىڭ ئۈستىگە ئورنىتىلغان. بۇنىڭ ئىچىدە ئېكۋاتورلۇق ئارمىلليار شارى بولسا ئاددىي ئارمىلليارنىڭ ئاساسلىق قۇرۇلمىسى ھېسابلىنىدۇ، بەزىدە دەل شۇنى ئاددىي ئارمىلليار دەپمۇ ئاتايمىز. ئۇ بىر ئېكۋاتور ھالقىسى ۋە كۆزىتىش تۇرۇبىسى بار تۆت دانە يۆتكەلمە ھالقىدىن تۈزۈلگەن، ئېكۋاتور ھالقىسىنى تۆت دانە يۆتكەلمە ھالقىنىڭ چېتىگە ئېلىپ قويغاندا، پۈتۈن قۇرۇلمىنىڭ شىمالى ئېگىز، جەنۇبى پەس بولىدۇ؛ جازىنىڭ ئۈستىگە قىيپاش قويغاندا، ئېكۋاتور ھالقىسى بىلەن ئاسمان شارى ئېكۋاتورى پاراللېل بولىدۇ، تۆت دانە يۆتكەلمە ھالقا ئېكۋاتور ھالقىسىنى تىك كېسىپ ئايلانغان ۋاقىتتا، بۇ دەل ئاسمان شارىنىڭ ئايلىنىشى بىلەن بىردەك بولىدۇ.
ئازىمۇت كۋادرانتى ئاسمان جىسىملىرىنىڭ ئۇپۇق يۈزىدىكى پرويېكسىيىسىنىڭ ئورنى ۋە ئېگىزلىكىنى ئېنىقلاشتا ئىشلىتىلىدىغان بىر خىل ئەسۋاب، ئۇ، ھازىرقى زاماندىكى تېئودولىت، كومپاس بىلەن ناھايىتى ئوخشىشىپ كېتىدۇ.
گو شۇجىڭ ئىجاد قىلغان ئاددىي ئارمىلليارنىڭ شكالىسى ئەڭ كىچىك بولغاندا 1/36 گرادۇسقا بۆلۈنگەن، ئۇنىڭ ئېنىقلىق دەرىجىسى تاڭ، سۇڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى ئارمىلليار شارىنىڭكىدىن خېلىلا يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن. ياۋروپادا300 نەچچە يىلدىن كېيىن، يەنى1598 - يىلىغا كەلگەندە ئاندىن دانىيىلىك ئاسترونومىيە ئالىمى دېگو مۇشۇنىڭغا ئوخشىشىپ كېتىدىغان ئاسترونومىيىلىك تەكشۈرۈش ئەسۋابىنى كەشىپ قىلدى.