UyghurWiki
UyghurWikiئالەم بوشلۇقىنى تەكشۈرۈش ۋە تونۇشرەسەتخانا

رەسەتخانا

ئالەم بوشلۇقىنى تەكشۈرۈش ۋە تونۇش نەنجىڭنىڭ زىجىنشەن تېغىدا كۈل رەڭ يۇمىلاق گۈمبەزلىك بىر قۇرۇلۇش بار، ئۇ قۇياش نۇرىدا كۈمۈشتەك يالتىراپ تۇرىدۇ، بۇ دەل مەشھۇر زىجىنشەن رەسەتخانىسىدۇر. رەسەتخانا ئاسترونوملار يۇلتۇزلار دۇنياسىنى كۆزىتىدىغان، ئاسترونومىيە تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان جاي، رەسەتخانىلارغا ئادەتتە چوڭ - كىچىكلىكى ئوخشاش بولمىغان تېلېسكوپلار ھەم ھەر خىل ئاسترونومىيە ئەسۋابلىرى سەپلەنگەن بولىدۇ. كۆزگە ئالاھىدە چېلىقىپ تۇرىدىغان يۇمىلاق گۈمبەزلەر رەسەتخانىنىڭ ئاساسىي قۇرۇلمىسى ھەم تېلېسكوپلارنى ئورۇنلاشتۇرىدىغان، ھەم ئاسرايدىغان جاي ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىدىن بىر ئۇزۇن تۈڭلۈك ئېچىلغان بولىدۇ، ئادەتتە بۇ تۈڭلۈكنى ئېچىپ - ياپقىلى ھەم خالىغانچە ئايلاندۇرۇپ تېلېسكوپنى ئاسماننىڭ ھەرقانداق بىر يېرىگە توغرىلىغىلى بولىدۇ. گۈمبەزلىك ئۆي ئىچىنىڭ كېچە - كۈندۈزلۈك تېمپېراتۇرا پەرقىنىڭ بەك چوڭ بولۇپ كېتىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، قۇياش نۇرىنى قايتۇرۇش مەقسىتىدە گۈمبەز سىرتىغا كۈمۈش رەڭلىك سىر بېرىلىدۇ. كۆپ ساندىكى رەسەتخانىلارنىڭ ھەممىسى شەھەردىن يىراق ئېگىز تاغلارغا قۇرۇلىدۇ، چۈنكى بۇ جايلاردا مۇھىت تىنچ، چاڭ - توزانلار ئاز، سۇ پارى ۋە چىراغلارنىڭ تەسىرىمۇ ئاز بولىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە يەنە رەسەتخانىلارنىڭ ئورنىمۇ دېڭىز يۈزىدىن خېلىلا ئېگىز، ھاۋاسى بىرقەدەر شالاڭ، ئاتموسفېرا دولقۇنى ئاجىز بولىدىغانلىقى ئۈچۈن، كۆزىتىش نەتىجىسىنىڭ توغرىلىق دەرىجىسىنى يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدۇ. رادىئو تېلېسكوپنىڭ مۇھىت تەلىپى ئوپتىكىلىق تېلېسكوپنىڭكىگە ئوخشىمايدۇ. نۇرغۇنلىغان دۆلەتلەر رادىئو تېلېسكوپى ئورنىتىلغان رەسەتخانىلارنى ئۆز ئالدىغا قۇردى. لېكىن، رەسەتخانىنى نەگە قۇرۇشتىن قەتئىينەزەر، ئاتموسفېرا قاتلىمىنىڭ كاشىلىسىدىن خالىي بولغىلى بولمايدۇ. شۇڭا، ئالەم بوشلۇقى تېخنىكىسىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ ئاسترونوملار ئاسترونومىيە ئەسۋابلىرىنى ئالەم بوشلۇقىغا ئېلىپ چىقىپ، سۈنئىي ھەمراھ ياكى ئالەمنى تەكشۈرۈش ئەسۋابلىرىغا ئورناتتى، شۇنىڭ بىلەن ئاتموسفېرا قاتلىمىنىڭ كاشىلىسىنى پۈتۈنلەي تۈگەتتى. بۇنىڭدىن2500 يىللار ئىلگىرى، قەدىمكى مىسىر ياكى جۇڭگو قاتارلىق مەدەنىيەتلىك دۆلەتلەردە رەسەتخانىلار قۇرۇلغانىدى. فرانسىيىنىڭ پارىژ رەسەتخانىسى (1667 - يىلى قۇرۇلغان)، ئەنگلىيىنىڭ گرېنۋىچ رەسەتخانىسى (1675 - يىلى قۇرۇلغان)، ئا ق ش نىڭ يېكەيشى رەسەتخانىسى ۋە خەيئېر رەسەتخانىسى ئۇزاق تارىخقا ئىگە قەدىمكى رەسەتخانىلاردۇر. مەملىكىتىمىزنىڭ نەنجىڭ زىجىنشەن رەسەتخانىسى1932 - يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، تۇرغۇن يۇلتۇز، قۇياش، سەييارە، ئالەم بوشلۇقى تېخنىكىسى، رادىئو دولقۇنىغا دائىر ئاسترونومىيىلىك تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىش جەھەتلەردە خېلى كۆپ نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى، ئۇمۇ خەلقئارادىكى مەشھۇر رەسەتخانىلارنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئالەم بوشلۇقىنى تەكشۈرۈش ۋە تونۇش
رەسەتخانا | UyghurWiki | UyghurWiki