چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا ۋە تۆۋەن ئېقىمى تۈزلەڭلىكى
ئالاھىدە جايلار
چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا ۋە تۆۋەن ئېقىمىدىكى تۈزلەڭلىك سەنشيا بوغۇزىنىڭ شەرقىغە، خۇاڭخې - خۇەيخې دەرياسى تۈزلەڭلىكىنىڭ جەنۇبى ۋە چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ جەنۇبىدىكى ئېدىرلىقنىڭ شىمالىغا جايلاشقان. بۇ تۈزلەڭلىك ئادەتتە ئىككى كۆل تۈزلەڭلىكى، پوياڭخۇ كۆلى تۈزلەڭلىكى، ئەنخۇينىڭ ئوتتۇرا قىسىم تۈزلەڭلىكى ۋە چاڭجياڭ دەرياسى دېلتىسىدىن ئىبارەت تۆت بۆلەككە بۆلۈنىدۇ، بۇلار چاڭجياڭ دەرياسى لاتقىلىرىنىڭ تىنمىسىدىن ھاسىل بولغان.
ئىككى كۆل تۈزلەڭلىكى خۇنەننىڭ شىمالىي قىسمى بىلەن خۇبېينىڭ جەنۇبىي قىسمىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ناھايىتى ئۇزاق يىللار ئىلگىرى بۇ يەر تۇمان قاپلىغان كەڭ سۇلۇق دالا ئىدى. كېيىن چاڭجياڭ دەرياسى بىلەن ئۇنىڭ تارماقلىرى ئېقىتىپ كەلگەن قۇم ۋە لاتقىلار تەرىپىدىن تىندۇرۇلدى. ئۇنىڭ كۆلىمى50 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، ئۇ يەنە چاڭجياڭ - خەنجياڭ دەريالىرى تۈزلەڭلىكى ۋە دۇڭتىڭخۇ كۆلى تۈزلەڭلىكى دەپ ئىككى بۆلەككە بۆلۈنىدۇ. تۈزلەڭلىكتە سۇ تورى ئىنتايىن زىچ بولۇپ، ئەزەلدىنلا »بېلىق - گۈرۈچ ماكانى« دېگەن نامى بار.
پوياڭخۇ كۆلى تۈزلەڭلىكى جياڭشىنىڭ شىمالىدىن ئەنخۇينىڭ غەربىي جەنۇبى گىرۋىكىگىچە بولغان دائىرىگە جايلاشقان، كۆلىمى20 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. يەر تۈزۈلۈشى پەس، تەكشى، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى50 مېتىردىن تۆۋەن.
ئوتتۇرا ئەنخۇي تۈزلەڭلىكى ئەنخۇينىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى چاڭجياڭ دەرياسى بويى ۋە چاۋخۇ كۆلى ئەتراپىغا جايلاشقان، كۆلىمى ئانچە چوڭ ئەمەس.
چاڭجياڭ دەرياسى دېلتىسى جېنجياڭنىڭ شەرقىغە، قانالنىڭ جەنۇبىغا، خاڭجۇ قولتۇقىنىڭ شىمالىغا جايلاشقان، كۆلىمى50 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، ئۇ چاڭجياڭ دەرياسى بىلەن چيەنتاڭجياڭ دەرياسى لاتقىسىنىڭ تىنمىسىدىن ھاسىل بولغان، ئۇنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى ئاران10 مېتىر ئەتراپىدا. چاڭجياڭ دەرياسى دېلتىسىدا دەريا تورى ئىنتايىن زىچ، كۆللەر خۇددى يۇلتۇزدەك ھەممە يەرگە تارقالغان بولۇپ، ئۇنىڭ »سۇ ماكانى« دېگەن نامى بار، بۇ يەردىن چىقىدىغان گۈرۈچ، بېلىق، راك، ئاشلىق قاتارلىقلارنىڭ مەھسۇلات مىقدارى مەملىكىتىمىزدە مۇھىم ئورۇننى ئىگىلەيدۇ.