ئىچكى موڭغۇل ئېگىزلىكى
ئالاھىدە جايلار
ئىچكى موڭغۇل ئېگىزلىكى يىنشەن تېغى بىلەن سەددىچىن سېپىلىنىڭ شىمالىغا جايلاشقان بولۇپ، شەرقتە چوڭ ھىنگان تېغىدىن باشلىنىپ غەربتە لاڭشەن تېغىغىچە، جەنۇبتا سەددىچىن سېپىلىدىن شىمالدا جۇڭگو چېگرىسىغىچە بارىدۇ. دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى1000 مېتىردىن1500 مېتىرغىچە بولۇپ، يەر ئۈستى بىرقەدەر تەكشى. ئېگىزلىكنىڭ شەرقىي قىسمى ئوت - چۆپلىرى بولۇق ئۆسكەن گۈزەل يايلاق، ئۇ »ئىچكى موڭغۇل يايلىقى« دەپ ئاتىلىدۇ.
ئىچكى موڭغۇل يايلىقى بىر قىسىم تەكشىرەك كەلگەن ئېدىرلىقلار بىلەن كەڭ تېيىزراق كەلگەن ئويمانلىقلار (شۇ يەرلىك كىشىلەر »تال« دەپ ئاتايدۇ) دىن تەشكىل تاپقان. يەر شەكلى تەكشى ھەم كەڭرى بولغاچقا، شىمالدىن جەنۇبقا قاراپ سۈرۈلگەن سوغۇق ھاۋا ئالدى بىلەن بۇ يەرگە تەسىر كۆرسىتىدۇ، شۇڭا قىش پەسلى ئىنتايىن سوغۇق بولىدۇ، يەنى1 - ئايدا ئوتتۇرىچە ھاۋا تېمپېراتۇرىسى ℃51- ئەتراپىدا بولىدۇ. ياز پەسلى بىرقەدەر ئىللىق بولىدۇ. ھاۋا ئوچۇق كۈنلىرى كۆپ، قۇياش نۇرى يېتەرلىك بولۇپ، ئوت - چۆپلەرنىڭ ئۆسۈشىگە پايدىلىق. بۇ يەردە600 مىليون مو ئەتراپىدا ئوتلاق بار، ھەر خىل ئەلا سۈپەتلىك ئوت - چۆپلەر ئۆسىدۇ. خۇلۇن بۇئىر بىلەن شىلىنغولدا ئوت - چۆپلەر ئىنتايىن بولۇق ئۆسىدۇ، بەزى كۆللەرنىڭ (يەرلىكلەر »نۇر« دەپ ئاتايدۇ) ئەتراپىدىكى پەسرەك كەلگەن سۇلۇق يەرلەردە ئوت - چۆپ1 مېتىر ئەتراپىدا ئۆسىدۇ. ياز پەسلى بۇ يەردە گۈللەر ھۈپپىدە ئېچىلىپ، ئوت - چۆپلەر باراقسان ئۆسىدۇ، سوپىتورغاي، بوز تورغايلار سايرىشىپ تۇرىدۇ. ئاسمان كۆپكۆك تۈسكە كىرىپ، ئوپۇق سىزىقى يىراقلاپ كەتكەندەك بىلىنىدۇ. خۇددى خەلق ناخشىسىدا ئېيتىلغان: »شۇنچە كۆك غۇبارسىز ساما ۋە ئاسمان، دالىدا بىپايان كۆرۈنمەيدۇ قاش. كۆرۈنۈپ قالىدۇ سانسىز چارۋا - مال، شاماللار يەلپۈسە، ئوتلار ئەگسە باش« دېگەن مىسرالاردا تەسۋىرلەنگەندەك.
ئىچكى موڭغۇل يايلىقى بىلەن شىنجاڭ ۋە چىڭخەي - شىزاڭ يايلىقى قوشۇلۇپ مەملىكىتىمىزدىكى ئۈچ چوڭ يايلاق دەپ ئاتىلىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە ئىچكى موڭغۇل يايلىقى ئەڭ ئەلا سۈپەتلىك يايلاقتۇر. ھەر يىلى9 - ئايدا كۈزنىڭ ساپ ۋە سالقىن ھاۋاسى بولىدۇ، قوي - كالىلار سەمرىيدۇ. خۇلۇن بۇئىرنىڭ سەنخې ئېتى بىلەن سەنخې كالىسى، شىلىنغولنىڭ موڭغۇل ئېتى بىلەن ئىنچىكە يۇڭلۇق قويى داڭلىق ئەلا نەسىللىك چارۋا تۈرلىرىدۇر.
يايلاقتا قوي، ئات، كالا ۋە تۆگىدىن باشقا يەنە نۇرغۇن ياۋايى ھايۋانلار بار. ئۇلارنىڭ ئىچىدە مەخسۇس قويلارنى ئوغرىلىقچە يەيدىغان تۈلكە ۋە بۆرە بار. يەنە ھەممە يەرنى كولاپ، ئوتلاقلارنى ۋەيران قىلىدىغان دالا چاشقانلىرىمۇ بار.