ۋېسۇۋىئو يانار تېغى
ئالاھىدە جايلار
مەشھۇر ۋېسۇۋىئو يانار تېغى ئىتالىيىنىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى ناپلېس قولتۇقىنىڭ شەرقىي قىرغىقىدا قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ، ئۇنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى1200 مېتىر كېلىدۇ.
بۇنىڭدىن2000 يىل ئىلگىرى ئىتالىيە قەدىمكى رىمنىڭ زېمىنى ئىدى. ئۇ مەزگىلدە، ۋېسۇۋىئو يانار تېغى ئىنتايىن تىنچ ھالەتتە بولۇپ، تاغنىڭ يانباغرى ياپيېشىل زىرائەتلەرگە تولغان، تاغ ئېتىكىدە ئۈچ ئاۋات بازار بار ئىدى. بىراق، كىشىلەر مىلادىيە79 - يىلى بۇ يانار تاغنىڭ تۇيۇقسىزلا پارتلىشىنى چۈشىدىمۇ كۆرۈپ باقمىغانىدى. ھەش - پەش دېگۈچە ياپيېشىل ئۈزۈمزارلىقلار بىلەن زەيتۇنزارلىقلار كۆزدىن غايىب بولۇپ، تاغ ئېتىكىدىكى پاڭبېي بازىرى، گېركۇلانېئۇم بازىرى ۋە شىدابى بازىرى يانار تاغ كۈلى ۋە لاتقا ئېقىمىنىڭ ئاستىدا قېلىپ كۆزدىن غايىب بولغان. ئارىدىن1600 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت ئۆتۈپ،1713 - يىلىغا كەلگەندە ئىتالىيىلىك بىر دېھقان تاغ ئېتىكىدە قۇدۇق قېزىۋېتىپ يەر ئاستىدىن بەزى تاش ئابىدە ۋە مەرمەر تاشتىن ئويۇپ ياسالغان مەبۇدلارنى بايقىغان. قېزىش ۋە رەتلەش ئارقىسىدا بۇ يانار تاغ تەرىپىدىن كۆمۈلۈپ قالغان ئۈچ بازار قايتىدىن يورۇقلۇققا ئېرىشكەن. قېزىپ ئېچىلغان نەق مەيداندىن قەدىمكى رىمنىڭ تۇرمۇش ئەھۋالىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. ئۇ يەردە ھەشەمەتلىك تىياتىرخانا، مۇستەھكەم سېلىنغان ئىبادەتخانىلار، كۆركەم تام رەسىملىرى، خۇددى تىرىكتەك كۆرۈنىدىغان ھەيكەللەر، يەنە قۇلۇلە قېپىدىن بېزەلگەن ئاممىۋى فونتانلار بار ئىكەن. نۇرغۇن تۇرالغۇ ئۆيلەر ئىلگىرىكىدەكلا ساقلىنىپ قالغان. كىشىلەر يەنە ماگىزىنلاردىن ئۆرۈك مېغىزى، كاشتان قاتارلىق مېۋە ۋە دورا كومىلاچلىرىنى بايقىغان. كىشىلەر ئۇنى »قەدىمكى رىم جەمئىيىتىنىڭ مۇزېيى« دەپ ئاتىغان.
پاڭبېي بازىرىدا، كىشىلەر دەسلەپ ھودۇققان، ۋەھىمىلىك كۆرۈنۈش يەنىلا ھازىرقىدەكلا نامايەن بولغان، يەنى بەزىلەر ئىككى قولى بىلەن يۈزىنى تۇتقان پېتى يەردە زوڭزىيىپ ئولتۇرغان، بەزىلەر يەردە جان تالىشىپ ياتقان، بەزىلەر بېشىغا ياستۇقلىرىنى ئالغان ھالدا كوچىدا قېچىپ يۈرگەن، باي خېنىملار قولىغا تىزىق - تىزىق ئالتۇن - كۈمۈش، مەرۋايىتلارنى ئېلىپ كېتىۋاتقان، بىر ئىت جېنىنىڭ بارىچە تىرمىشىپ باغلانغان زەنجىردىن ئاجرىماقچى بولغان. ...
ۋېسۇۋىئو يانار تېغى كېيىن يەنە بەش قېتىم پارتلىغان، ئەڭ ئاخىرقى بىر قېتىملىقى1944 - يىل3 - ئاينىڭ18 - كۈنىدىن20 - كۈنىگىچە يۈز بەرگەن بولۇپ، بۇ قېتىمقى پارتلاشتا پاڭبېي قەدىمكى بازىرى يەنە بىر قېتىم30 سانتىمېتىر قېلىنلىقتىكى يانار تاغ كۈلى ئاستىدا قالغان.