UyghurWiki
UyghurWikiئالاھىدە جايلار IIسېرىق توپىلىق ئېگىزلىك

سېرىق توپىلىق ئېگىزلىك

ئالاھىدە جايلار جۇڭگودىكى تۆت چوڭ ئېگىزلىكنىڭ بىرى بولغان سېرىق توپىلىق ئېگىزلىك − دۇنيادىكى سېرىق توپا تارقالغان ئەڭ چوڭ جايدۇر. ئۇ خۇاڭخې دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا ئېقىمىغا جايلاشقان بولۇپ، شەنشى، گەنسۇ، نىڭشيا، سەنشى، چىڭخەي، خېنەن قاتارلىق ئۆلكە ۋە ئاپتونوم رايونلارنىڭ كۆپ قىسمى ياكى بىر قىسمىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. شەرقتىن غەربكىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى1000 كىلومېتىردىن ئاشىدۇ، جەنۇبتىن شىمالغىچە بولغان كەڭلىكى700 كىلومېتىر، كۆلىمى تەخمىنەن400 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى1000 مېتىردىن2000 مېتىرغىچە كېلىدۇ. سېرىق توپىنىڭ قېلىنلىقى ئادەتتە100 مېتىردىن ئاشىدۇ، قېلىن جايلىرىنىڭ200 مېتىردىن ئېشىپ كېتىدۇ. ئۇ خۇددى ئېگىزلىككە ئىنتايىن قېلىن سېرىق گىلەمنى سېلىپ قويغاندەكلا كۆرۈنىدۇ. سېرىق توپىلىق ئېگىزلىكتە جىلغىلار ۋە تاغ ئومۇرتقىلىرى كەڭ تارقىلىپلا قالماستىن، بەلكى يەنە ئارالدەك چوقچىيىپ چىقىپ تۇرغان تاغ جىنسلىرى ۋە ئەگرى - بۈگرى كەلگەن تاغ تىزمىلىرى تارقالغان، بۇلاردىن باشقا ئەينەكتەك تەكشى كەلگەن تۈزلەڭلىكلەرمۇ بار. بەزى جىلغىلارنىڭ ئىككى تەرىپى سۇنىڭ ئۇپرىتىشىدىن تىك قىيا بولۇپ شەكىللەنگەن، جىلغىنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى سېرىق توپىلىق تىك ياردا تۇرۇپ ئۆزئارا سۆزلىشىشكە بولىدۇ، لېكىن قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈش ئۈچۈن، خېلى ئايلىنىپ بېرىشقا توغرا كېلىدۇ. ئېگىزلىكتە يەنە قىش پەسلىدە ئىللىق، ياز پەسلىدە سالقىن بولىدىغان نۇرغۇنلىغان گەمىلەر بار. سېرىق توپىلىق ئېگىزلىكتىكى بۇنداق قېلىن سېرىق توپىلار غەربىي شىمال شامىلى تەرىپىدىن ئۇچۇرۇپ كېلىنگەن. ئېگىزلىكنىڭ غەربىي شىمالىغا كەڭ كۆلەمدىكى قۇملۇقلار تارقالغان. قىش ۋە ئەتىيازدىن ئىبارەت ئىككى پەسىلدە كۈچلۈك غەربىي شىمال شامىلى زور مىقداردىكى قۇم توپىنى بىللە ئۇچۇرۇپ ماڭىدۇ، شامال چىنلىڭ تېغىغا يېتىپ كەلگەندە توسقۇنلۇققا ئۇچراپ ئاجىزلايدۇ. بۇنىڭ بىلەن قۇم توپىلار يەر يۈزىگە چۈشىدۇ. شامال كۈچى غەربىي شىمالدىن شەرقىي جەنۇبقا قاراپ تەدرىجىي ئاجىزلاپ بارىدۇ، شۇڭا يەر يۈزىگە چۈشىدىغان قۇم توپىلارمۇ غەربىي شىمالدىن شەرقىي جەنۇبقا قاراپ ئۇششاقلاپ بارىدۇ. مىليون يىلدەك ئۇزاق ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن كىشىنىڭ ئەقلىي يەتمەيدىغان »سېرىق گىلەم« شەكىللەنگەن. بۇ غايەت زور سېرىق تۇپراق جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئەجدادلىرى ياشىغان جاي، شۇنداقلا جۇڭگونىڭ يېزا ئىگىلىك، پىلىچىلىك ئىشلىرى بارلىققا كەلگەن مۇھىم جاي. خۇاڭدى شۇەن يۈەننىڭ قەبرىسى سېرىق توپىلىق ئېگىزلىكنىڭ مەركىزىدىكى چياۋشەندە. ھازىر سېرىق توپىلىق ئېگىزلىكنىڭ ھەممىلا يېرى بوش سېرىق توپىدىن ئىبارەت، بىراق قەدىمكى زاماندا بۇ يەر بۈك - باراقسان ئورمان ۋە ئوت - چۆپلەر بىلەن قاپلىنىپ تۇراتتى، توپ - توپ كالا - قوي پادىلىرى يايلاپ يۈرەتتى. كېيىن، ئورمانلارنىڭ قالايمىقان كېسىلىشى ۋە ئوتلاقلارنىڭ قالايمىقان ئۆزلەشتۈرۈلۈشى تۈپەيلىدىن، يېپىنچا ئۆسۈملۈك ۋە ئېكولوگىيىلىك تەڭپۇڭلۇق ئېغىر دەرىجىدە بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراپ، سۇ ۋە تۇپراق كۆپ مىقداردا ئېقىپ كەتكەچكە، تەبىئەتنىڭ جازاسىغا ئۇچرىماقتا.
← بارلىق تېمىلار ئالاھىدە جايلار II
سېرىق توپىلىق ئېگىزلىك | UyghurWiki | UyghurWiki