تەكلىماكان قۇملۇقى
ئالاھىدە جايلار
جۇڭگودىكى ئەڭ چوڭ ئىچكى قۇرۇقلۇق ئويمانلىقى بولغان تارىم ئويمانلىقىنىڭ ئوتتۇرىسىدا كەڭ كەتكەن بىپايان قۇملۇق بار، ئۇ بولسىمۇ تەكلىماكان قۇملۇقىدىن ئىبارەت. پۈتكۈل ئويمانلىققا ئوخشاش بۇ قۇملۇقنىڭمۇ شەرقتىن غەربكىچە بولغان ئارىلىقى كەڭ، جەنۇبتىن شىمالغىچە بولغان ئارىلىقى تار، كۆلىمى330 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، جۇڭگودىكى قۇملۇقلار ئومۇمىي كۆلىمىنىڭ تەخمىنەن يېرىمىنى ئىگىلەيدۇ.
تەكلىماكان قۇملۇقى مەملىكىتىمىزدىكى ئەڭ چوڭ، شۇنداقلا ئەڭ قۇرغاق قۇملۇق. تارىم ئويمانلىقىنىڭ تۆت ئەتراپى تەڭرىتاغ، كوئىنلۇن تېغى قاتارلىق ئېگىز تاغ تىزمىلىرى ۋە پامىر ئېگىزلىكى تەرىپىدىن ئورىلىپ تۇرىدۇ. تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى ئەتراپىدىكى تاغ تىزمىلىرىنىڭكىدىن نەچچە مىڭ مېتىر پەرق قىلىدۇ، يەنە كېلىپ تەكلىماكان قۇملۇقى ئىچكى قۇرۇقلۇقنىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا جايلاشقان بولۇپ، دېڭىز - ئوكيانلار بىلەن بولغان ئارىلىقى2000 كىلومېتىردىن ئاشىدۇ، ھۆل - يېغىن مىقدارى ئىنتايىن ئاز، پارغا ئايلىنىش مىقدارى ناھايىتى كۆپ، شۇڭا ئىقلىمى ئىنتايىن قۇرغاق. قۇملۇقنىڭ ھەممىلا يېرىگە ئېگىز - پەس كەتكەن غايەت زور قۇم بارخانلىرى تارقالغان بولۇپ، خۇددى دېڭىز دولقۇنلىرىغا ئوخشايدۇ، كۆز يەتكۈسىز قۇملۇق ئاسمىنىدا ئىس - تۈتەك ۋە ئۇچار قۇشلارنى كۆرگىلى بولمايدۇ. قۇم بارخانلىرىنىڭ شەكلى ھالىتى - خىلمۇخىل، ئادەتتە ئېگىزلىكى100 مېتىر ئەتراپىدا، ئەڭ ئېگىزلىرى تەخمىنەن300 مېتىر ئەتراپىدا كېلىدۇ. بەزىلىرى خۇددى قۇم تاغقىلا ئوخشايدۇ. قۇملۇقتىكى ئاقما قۇم بارخانلىرىنىڭ نىسبىتى ناھايىتى يۇقىرى بولۇپ، 85% كە يېتىدۇ، بۇ خىل ئەھۋال دۇنيادا ئاز كۆرۈلىدۇ.
قۇرغاق كەلگەن بۇ قۇملۇقتا دائىم بوران چىقىپ، قۇم - شېغىللارنى ئۇچۇرتۇپ تۇرىدۇ. ئەتىياز پەسلى ھەر كۈنى دېگۈدەك ئاسماننى سېرىق قۇم توپا قاپلاپ تۇرىدۇ. تەكلىماكان دېگەن سۆز ئۇيغۇرچىدا »كىرسە چىققىلى بولمايدۇ« دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. تۆگە مەزكۇر يەرنىڭ بىردىنبىر قاتناش قورالى. بۇ يەردىكى قۇملۇقتا ئۆسىدىغان ئۆسۈملۈك، ئۇ قۇم دۆۋىلىرى ئاستىدا كۆمۈلۈپ قالماي ئۆسۈپ كۆكىرىپ تۇرىدۇ. بەزى ئۆسۈملۈكلەر مۇھىتقا ماسلىشىش ئۈچۈن، كۈندۈزى يوپۇرماقلىرىنى پۈرلەشتۈرۈۋالىدۇ، كېچىسى ئاندىن ئاچىدۇ.
مەملىكىتىمىزدىكى ئەڭ چوڭ ئىچكى دەريا — تارىم دەرياسى غەربىي جەنۇبتىن شەرقىي شىمالغا قاراپ ئېقىپ تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ شەرقىي شىمالى قىسمىنى كېسىپ ئۆتۈپ، قۇرغاق قۇملۇققا تەڭرىتاغ بىلەن قارا قۇرۇم تېغىنىڭ قار - مۇز سۈيىنى ئېلىپ كېلىدۇ، دەريانىڭ ئىككى قىرغىقىدا توغراقلار بىلەن چاتقاللار ئۆسكەن بولۇپ، قۇملۇقتىكى بوستانلىققا ئايلانغان.