سەھرايى كەبىر چۆلى
ئالاھىدە جايلار
ئافرىقا قىتئەسىنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى سەھرايى كەبىر چۆلى دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ چۆللۈكتۇر. ئۇنىڭ شەرقىدىن غەربىگىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى5600 كىلومېتىر، جەنۇبىدىن شىمالىغىچە بولغان كەڭلىكى2000 كىلومېتىر، كۆلىمى8 مىليون600 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. ئۇ ماۋرىتانىيە، مالى، ئالجىرىيە، نىگېر، چاد، لىۋىيە، ماراكەش، تۇنىس، مىسىر، سۇدان ۋە غەربىي سەھرايى كەبىر قاتارلىق11 دۆلەت ۋە رايوننىڭ بارلىق زېمىنى ياكى بىر قىسىم زېمىنىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ يەرنىڭ ھۆل - يېغىن ئىنتايىن ئاز، ئىقلىمى قاتتىق ئىسسىق ھەم قۇرغاق، ئەگەر تۇخۇم قۇم ئىچىگە كۆمۈپ قويۇلسا، قۇمنىڭ ئىسسىقىدا بىردەمدە پىشىپ قالىدۇ. ئەگەر سىز چۆللۈككە كۆز يۈگۈرتسىڭىز، پۈتۈن ئەتراپنىڭ كۆز يەتكۈسىز سېرىق قۇم، شېغىل تاش، قۇم بارخانلىرى ۋە تاش دۆۋىلىرى ئىكەنلىكىنى كۆرىسىز. »سەھرايى كەبىر« دېگەن سۆز ئەرەب تىلىدا »چوڭ چۆللۈك« دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ.
چۆللۈكتە گەرچە ھايۋان ۋە ئۆسۈملۈكلەر كۆپ بولمىسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ قۇرغاقچىلىققا، ئۇسسۇزلۇققا چىدايدىغان ئىقتىدارى بار. ئۆسۈملۈكلەرنىڭ يىلتىز سىستېمىسى تەرەققىي قىلغان بولۇپ، چوڭقۇر توپا قاتلىمىدىكى سۇنى سۈمۈرەلەيدۇ، ئۇلارنىڭ يوپۇرماقلىرى ئىنتايىن كىچىك، ھەتتا بەزىلىرىنىڭ يوپۇرماقلىرىمۇ يوق. كاكتۇسنىڭ ھەممىلا يېرىدە تىكىنى بار بولۇپ، سۇ ساقلاشقا ماھىر. ھايۋانلارمۇ ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە بەدىنىدىكى سۇنى خوراتمايدۇ. قۇملۇق چاشقىنى پەقەت قۇرغاق ئۇرۇقلارنى يەپ ھاياتىنى ساقلاپ قالالايدۇ. يىلان تۈرىدىكى ھايۋانلار دائىم يازلىق ئۈچەك (يازلىق ئۇيقۇغا) كە كىرىدۇ. تۆگە بۇ يەردىكى ئاساسلىق قاتناش قورالى، تەخمىنەن5 مىليوندىن ئارتۇق تۆگە بار.
تەكشۈرۈشلەرگە ئاساسلانغاندا، ئىنتايىن ئۇزاق يىللار ئىلگىرى، بۇ يەرنىڭ ئىقلىمى ئىللىق ھەم نەم بولۇپ، قوي - كالىلار توپ - توپ يايلايدىغان، بېلىق كۆپ چىقىدىغان جاي، شۇنداقلا يېڭى تاش قورال دەۋرى مەدەنىيىتى بارلىققا كەلگەن جاي ئىكەن. كېيىن ئىقلىم ئۆزگىرىپ يېشىل سەھرايى كەبىردىكى ئاھالىلەر يۇرت - ماكانلىرىنى تاشلاپ كېتىشكە مەجبۇر بولغانىكەن. ھازىرمۇ چۆللۈك ئىچىدە بەزى كىچىك بوستانلىقلار بولۇپ، بوستانلىقلاردا ئېگىز ئۆسكەن ياپيېشىل خورمىزارلىق بار، ئوتلاپ يۈرگەن توپ - توپ قوي - كالىلار، كۆللەر ئەتراپىغا بىرنەچچە ئاھالىلەر تۇرالغۇسى تارقالغان بولۇپ، ھاياتىي كۈچكە تولغان ھاياتلىق دۇنياسىدىن دېرەك بېرىدۇ. تېخىمۇ مۇھىم بولغىنى سەھرايى كەبىردىن ئىبارەت بۇ كەڭرى زېمىندا زاپاس مىقدارى مول بولغان نېفىت، تەبىئىي گاز، تۆمۈر، ئۇران، مانگان قاتارلىق قېزىلما بايلىقلار بايقالدى. ئالجىرىيە بىلەن مالى ۋە نىگېر ئوتتۇرىسىغا تاشيول ياسالدى.