UyghurWiki
UyghurWikiئالاھىدە جايلار IIئامازون تۈزلەڭلىكى

ئامازون تۈزلەڭلىكى

ئالاھىدە جايلار جەنۇبىي ئامېرىكا قىتئەسىدىكى ئامازون دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىمىدىكى تۈزلەڭلىك ئامازون تۈزلەڭلىكى دەپ ئاتىلىدۇ، ئۇنىڭ كۆلىمى5 مىليون600 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، دۇنيادىكى كۆلىمى ئەڭ چوڭ تۈزلەڭلىك ھېسابلىنىدۇ. ئامازون تۈزلەڭلىكىنىڭ يەر تۈزۈلۈشى پەس ھەم تەكشى، كۆپ قىسىم جايلىرىنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى150 مېتىر ئەتراپىدا، يەنە بىر قىسىم جايلىرىنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى تېخىمۇ پەس بولۇپ، »ئامازون پەس يېرى« دەپ ئاتىلىدۇ. ئامازون تۈزلەڭلىكى ئامازون دەرياسى لاتقىلىرىنىڭ تىنمىسىدىن ھاسىل بولغان تۈزلەڭلىك. ناھايىتى ئۇزاق يىللار ئىلگىرى بۇ جاي دېڭىز سۈيى ئاستىدىكى ئويمان يەر ئىدى. ئاند تېغىدىن باشلانغان ئامازون سۇ سىستېمىسىغا تەۋە دەريالار گۋىئانا ئېگىزلىكى بىلەن برازىلىيە ئېگىزلىكىدىن زور مىقداردىكى لاتقا قاتارلىق ماددىلارنى ئېقىتىپ كەلگەن ھەمدە بۇلار بۇ ئويمان يەرگە تىنىپ قالغان، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ توپلىنىپ، ئويمان يەر تۈزلىنىپ كەڭ كەتكەن چوڭ تۈزلەڭلىك ھاسىل بولغان. ئامازون تۈزلەڭلىكىنىڭ ھەممە يېرىگە دېگۈدەك تروپىك بەلۋاغ ئورمانلىرى زىچ تارقالغان. سان - ساناقسىز دەرەخلەر بىلەن چاتقاللار قوشۇلۇپ بۈك - باراقسان ئورمان دېڭىزىنى ھاسىل قىلغان. ئورمانلىقتىكى دەرەخلەر ئىنتايىن زىچ ئۆسكەن، ئورمانلىق ئىچىگە كۈن نۇرى چۈشمىگەچكە قاراڭغۇ كۆرۈنىدۇ. سامان غوللۇق ئۆسۈملۈكلەر يوق، ئورمانلىققا يەككە - يېگانە كىرىش ئىنتايىن خەتەرلىك، بەزىلەر ئورمانلىقنى »قورقۇنچلۇق يېشىل قەبرىستانلىق« دەپ ئاتىشىدۇ. مۆلچەرلىنىشىچە، ئورمان دېڭىزىدىكى ياغاچ ماتېرىياللارنىڭ زاپىسى تەخمىنەن800 مىليون كۇب مېتىرغا يېتىدىكەن، بۇ دۇنيادىكى ياغاچ ماتېرىياللىرى ئومۇمىي زاپاس مىقدارىنىڭ تەخمىنەن5 /1 ىنى ئىگىلەيدۇ، يەنە كېلىپ بۇ يەردە نۇرغۇن قىممەتلىك دەرەخ تۈرلىرى بار. مەسىلەن، برازىلىيە گىلاس دەرىخى، بىكسا دەرىخى، قارا ئەبنۇس دەرىخى، ئىسپانىيە شەمشاد دەرىخى قاتارلىقلار. برازىلىيە گىلاس دەرىخىنىڭ ئېگىزلىكى80 مېتىرغا، مېۋىسى تەركىبىدىكى ماينىڭ مىقدارى 73% كە يېتىدۇ، بۇ كۈنجۈت، خاسىڭ قاتارلىقلارنىڭ تەركىبىدىكى ماينىڭ مىقدارىدىن خېلىلا يۇقىرى، گىلاس مېيىنى ئىستېمال قىلىشقا بولىدۇ، ئۇنىڭ ئىقتىسادىي قىممىتى ئىنتايىن يۇقىرى، ئامازون تۈزلەڭلىكىدە ئادەم ئاز بولۇپ، ھەربىر كۋادرات كىلومېتىر يەرگە بىر ئادەممۇ توغرا كەلمەيدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئالاھىدە جايلار II