UyghurWiki
UyghurWikiئالاھىدە جايلار IIبرازىلىيە ئېگىزلىكى

برازىلىيە ئېگىزلىكى

ئالاھىدە جايلار جەنۇبىي ئامېرىكا قىتئەسىدىكى برازىلىيىدە برازىلىيە زېمىنىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىنى ئىگىلەيدىغان بىر ئېگىزلىك بار، ئۇ برازىلىيە ئېگىزلىكىدۇر. برازىلىيە ئېگىزلىكىنىڭ كۆلىمى5 مىليون كۋادرات كىلومېتىردىن ئارتۇق. ئۇ ئانتاراكتىدا قىتئەسىدىكى قار - مۇز بىلەن قاپلىنىپ تۇرغان چوڭ ئېگىزلىكتىن قالسا دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئېگىزلىك ھېسابلىنىدۇ. برازىلىيە ئېگىزلىكى سوغۇق شىزاڭ ئېگىزلىكىگە ئوخشىمايدۇ. ئۇنىڭ يەر تۈزۈلۈشى جەنۇبى ئېگىز، شىمالى پەس، ئېدىرلىق، دۆڭلۈك ۋە ئېگىز تۆپىلىكلەرنىڭ ئېگىز - پەسلىك پەرقى چوڭ ئەمەس، ئاساسەن تەكشى ھالەتتە بولۇپ، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى600 مېتىردىن800 مېتىرغىچە كېلىدۇ. ئۇ بىر »شىرەسىمان« كەلگەن ئېگىزلىكتۇر. جەنۇبىي كەڭلىك°02 نىڭ جەنۇبىدىكى بالانا دەرياسى ۋادىسىنىڭ يەر يۈزىنى كەڭ كۆلەمدە لاۋا جىنسلار قاپلاپ تۇرىدۇ. بۇ ئېگىزلىكنىڭ كۆپ قىسىم رايونى تروپىك بەلۋاغنىڭ ئوتلاق ئىقلىمىغا تەۋە. ئۇ بىر ياخشى تەبىئىي يايلاق بولۇپ، يامغۇر پەسلىدە ئوتلاق ياپيېشىل تۈسكە كىرىدۇ. بۇ يەرنىڭ قۇرغاق پەسلى يىلىغا4 -5 ئاي داۋاملىشىدۇ. قۇرغاقچىلىق بىرقەدەر ئېغىر بولىدىغان جايلىرىدا جەنۇبىي ئامېرىكا قىتئەسىنىڭ ئالاھىدە ئۆسۈملۈكى بولغان باسار دەرىخى ئۆسىدۇ. بۇ خىل دەرەخنىڭ ئوتتۇرىسى توم، ئىككى ئۇچى ئىنچىكە بولۇپ، خۇددى ئورچۇققا ئوخشايدۇ. شۇڭا »ئورچۇق دەرىخى« دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇ ئىنتايىن يېنىك بولۇپ، قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىغا ئىگە، ئېگىزلىكى10 مېتىر كېلىدىغان بىر تۈپ ئۇرچۇق دەرىخىنى بىر ئادەم ئاسانلا كۆتۈرەلەيدۇ. برازىلىيە ئېگىزلىكى برازىلىيىنىڭ مۇھىم دېھقانچىلىق ۋە چارۋىچىلىق ئىشلەپچىقىرىش رايونى بولۇپلا قالماستىن، ئېگىزلىكتە يەنە تۆمۈر، مانگان، ئالماس قاتارلىق قېزىلما بايلىقلارمۇ ئىنتايىن مول. بۇ يەردىكى ئىتابىرا تۆمۈر كېنىدىن دۇنياغا مەشھۇر ئەلا سۈپەتلىك تۆمۈر رۇدىسى چىقىدۇ.1960 - يىلىدىن كېيىن، برازىلىيە پايتەختىنى رىئودې ژانېيرودىن برازىلىيە ئېگىزلىكىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى يېڭى شەھەر برازىلىيىگە كۆچۈردى. برازىلىيە ئېگىزلىكىنىڭ شەرقىدە ناھايىتى ئېگىز كەلگەن ئومۇرتقىسىمان تاغ تىزمىسى بار. رىئودې ژانېيرودىن سانتوسقىچە بولغان ئاتلانتىك ئوكيان قىرغىقى بەلۋېغىدا چوڭ تىك يار شەكىللەنگەن. بۇ چوڭ تىك يارنىڭ ئارقا تەرىپى ئېگىزلىك، ئالدى تەرىپى ئوكياندىن ئىبارەت. ئاتلانتىك ئوكياندا تۇرۇپ ئۇنىڭغا يىراقتىن نەزەر سالسىڭىز، خۇددى ئوكياننىڭ قارشى قىرغىقىدا قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان مۇستەھكەم قورغانغا ئوخشايدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئالاھىدە جايلار II