UyghurWiki
UyghurWikiئالاھىدە جايلارغەربىي سىبىرىيە تۈزلەڭلىكى

غەربىي سىبىرىيە تۈزلەڭلىكى

ئالاھىدە جايلار غەربىي سىبىرىيە تۈزلەڭلىكى قەھرىتان سوغۇق بولىدىغان تۈزلەڭلىك. بۇ يەردە مەيلى سۇ ياكى سۈت بولسۇن بىردەمدىلا توڭلاپ مۇزغا ئايلىنىدۇ؛ دالىدىكى پولات ماتېرىياللار سوغۇقتا ئەۋرىشىملىكىنى يوقىتىپ، قايرىسىلا سۇنىدىغان بولۇپ قالىدۇ؛ يۈك ئاپتوموبىل شوپۇرلىرى تېخىمۇ ئېھتىيات قىلىشى كېرەك، ئۇنداق قىلمايدىكەن، ئاپتوموبىل ئازراقلا سىلكىنىدىكەن، كاۋچۇكتىن ياسالغان ماشىنا بالونى شۇ زاماتلا ئېتىلىدۇ. سىبىرىيىنىڭ شەرقىي شىمالى قىسمىدىكى ئويمياكون كەنتى «شىمالىي يېرىم شارنىڭ سوغۇق قۇتۇپى» دۇر، ھەر يىلى12 - ئايدىن ئىككىنچى يىلى2 - ئايغىچە بۇ يەرنىڭ ئايلىق ئوتتۇرىچە ھاۋا تېمپېراتۇرىسى ℃54 تىن تۆۋەن بولىدۇ، ئىلگىرى ئەڭ تۆۋەن بولغاندا ℃17 قا چۈشكەن. بۇ يەردە ئىنتايىن قېلىن مەڭگۈلۈك توڭ توپا قاتلىمى بار، ئەڭ قېلىن توڭ توپىنىڭ قېلىنلىقى6 .1377 مېتىرغا يېتىدۇ، بۇ مەملىكىتىمىزنىڭ چىڭخەي - شىزاڭ ئېگىزلىكىدىكى ئەڭ قېلىن توڭ توپا قاتلىمىدىن يەنە نەچچە ھەسسە قېلىن. بەزى كەنتلەردە مايماق - سايماق بولۇپ كەتكەن ياغاچ ئۆيلەر دائىم كۆزگە چېلىقىپ تۇرىدۇ، ھەتتا بەزى ئۆيلەرنىڭ يېرىمى دېگۈدەك يەر ئاستىغا كىرىپ كەتكەن ئەھۋاللار بار. بۇلارنىڭ ھەممىسىنى توڭ توپا كەلتۈرۈپ چىقارغان. يەنى كۈن ئىسسىغاندا توڭ توپىنىڭ ئۈستى قىسمى ئېرىپ، يەرمۇ ناھايىتى بوشاپ كېتىدۇ. نەتىجىدە ھەرقايسى جايلىرىنىڭ ئۇچرايدىغان بېسىم كۈچى ئوخشاش بولمايدۇ - دە، ئۆيلەر ئاسانلا مايماق - سايماق بولۇپ قالىدۇ. غەربىي سىبىرىيە تۈزلەڭلىكىنىڭ كۆلىمى2 مىليون600 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، يېنىسېي دەرياسى بىلەن ئۇرال تېغى ئارىسىدىكى بۆلىكىنىڭ يەر تۈزۈلۈشى پەس ھەم تەكشى، بۇ جايدا دەريالار كۆپ، ئوب دەرياسى جەنۇبتىن شىمالغا قاراپ چوڭ تۈزلەڭلىكنى كېسىپ ئۆتۈپ شىمالىي مۇز ئوكيانغا قۇيۇلىدۇ، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى3650 كىلومېتىر كېلىدۇ، ئۇ تۈزلەڭلىكتىكى ئەڭ ئۇزۇن دەريا ھېسابلىنىدۇ. بۇ يەردە ئادەم ئاز، يەر ئاستىدا مول قېزىلما بايلىق زاپىسى بار.
← بارلىق تېمىلار ئالاھىدە جايلار
غەربىي سىبىرىيە تۈزلەڭلىكى | UyghurWiki | UyghurWiki