UyghurWiki
UyghurWikiئالاھىدە جايلارپامپاس يايلىقى

پامپاس يايلىقى

ئالاھىدە جايلار «پامپاس» دېگەن سۆز دەرەخ يوق يايلاق دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. ئۇ ئارگېنتىنانىڭ ئوتتۇرا ۋە شەرقىي قىسمىغا جايلاشقان بولۇپ، كۆلىمى تەخمىنەن760 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. پامپاس يايلىقىدىن ئىبارەت تەكشى كەتكەن كۆز يەتكۈسىز مۇنبەت دالا نەم، ئىللىق ئىقلىمغا ئىگە. ئارگېنتىنالىقلار بۇ مۇنبەت تۇپراقتىن پەخىرلىنىپ ئۇنى ماختىشىدۇ، ئۇلار دائىم ئاتلانتىك ئوكيان قىرغىقىدىن ئاند تېغى ئېتىكىگىچە بىر تال تاشنىمۇ تاپقىلى بولمايدىغان تۈزلەڭلىك دەپ تەرىپلىشىدۇ. پامپاس يايلىقىنىڭ كۆپ قىسمى ئۆزلەشتۈرۈلۈپ ئېتىزلىق ۋە چارۋىچىلىق فېرمىلىرىغا ئۆزگەرتىلگەن. ئېتىزلىقلارغا بۇغداي، كۆممىقوناق قاتارلىق ئاشلىق زىرائەتلىرى تېرىلىدۇ. ئوت - چۆپلىرى بولۇق ئۆسكەن ئوتلاقنىڭ ھەممىلا يېرىدە يايلاپ يۈرگەن ئاق، سېرىق، قارا، ئالا رەڭلىك نەسىللىك كالا توپلىرىنى ئۇچراتقىلى بولىدۇ. يايلاقتا تېرىلىدىغان كۆممىقوناقنىڭ كۆپ قىسمى يەم - خەشەك ئورنىدا قوي - كالىلارغا بېرىلىدۇ، كالا گۆشىنىڭ مەھسۇلات مىقدارى ئىنتايىن يۇقىرى. ئارگېنتىنادا ھەر يىلى سويۇلىدىغان كالا10 مىليوندىن ئاشىدۇ، كالا گۆشىنىڭ كۆپ قىسمى مەملىكەت ئىچىدە يېمەكلىك قىلىنىشتىن سىرت، يەنە كۆپ مىقداردا توڭلىتىلىپ چەت ئەللەرگە ئېكسپورت قىلىنىدۇ. ئارگېنتىنانىڭ كالا گۆشى ئېكسپورت مىقدارى دۇنيا بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. كالا گۆشى ئارگېنتىنانىڭ ئاساسلىق يېمەكلىكى، كۆكتات بازارلىرىدا كالا گۆشى سېتىلىدىغان جاي ئەڭ ئاۋات جاي ھېسابلىنىدۇ. زىياپەت ئۈستەللىرىدىكى مەززىلىك قورۇمىلار ئاساسەن كالا گۆشىدىن تەييارلىنىدۇ. پامپاس يايلىقى ئارگېنتىنانىڭ ئاساسلىق يېزا ئىگىلىك ۋە چارۋىچىلىق رايونى، شۇنداقلا جەنۇبىي ئامېرىكا قىتئەسىنىڭ ئاشلىق ئامبىرى. بۇ يەردە ئارگېنتىنا دۆلىتىنىڭ %67 ئاھالىسى، %80 تىن كۆپرەك سانائىتى ھەم نۇرغۇن مۇھىم تۆمۈريول ۋە شەھەرلىرى بار بولۇپ، ئارگېنتىنانىڭ مۇھىم رايونى ھېسابلىنىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئالاھىدە جايلار