UyghurWiki
UyghurWikiئالاھىدە جايلارئانتاركتىدا مۇزلۇقى

ئانتاركتىدا مۇزلۇقى

ئالاھىدە جايلار ئانتاركتىدا چوڭ قۇرۇقلۇقى پۈتۈنلەي دېگۈدەك ئىنتايىن قېلىن قار - مۇز بىلەن قاپلىنىپ تۇرىدۇ. ئادەتتە مۇز قاتلىمىنىڭ قېلىنلىقى4000 مېتىرغا يېتىدۇ، ئوتتۇرىچە قېلىنلىقى1700 مېتىردىن ئاشىدۇ، ئۇ دۇنيانىڭ چوڭ بىر مۇز ئامبىرىدۇر، بۇ يەرگە يەر شارىدىكى %90 تىن كۆپرەك تەبىئىي مۇز توپلانغان. ئەگەر ئانتاراكتىدانىڭ سىرتقى يۈزىدىكى مۇزنىڭ ھەممىسى ئېرىپ كەتسە، دۇنيادىكى دېڭىز - ئوكيانلارنىڭ سۇ يۈزى يەنە40 مېتىردىن50 مېتىرغىچە يۇقىرى كۆتۈرۈلىدۇ ھەمدە دېڭىز قىرغاقلىرىغا جايلاشقان شەھەر ۋە يېزا - قىشلاقلار دېڭىز سۈيى ئاستىدا قالىدۇ. ئانتاركتىدا چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئوتتۇرىچە ئېگىزلىكى2100 مېتىردىن2400 مېتىرگىچە، كۆلىمى12 مىليون800 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، ئۇ دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئېگىزلىك. «ئەڭ چوڭ ئېگىزلىك» بولغان برازىلىيە ئېگىزلىكىدىنمۇ بىر ھەسسىدىن كۆپرەك چوڭ؛ قار - مۇز بىلەن قاپلىنىپ تۇرىدىغان بۇ چوڭ قۇرۇقلۇقتا دائىم تۇرۇشلۇق ئاھالە بولمىغاچقىلا، كىشىلەر برازىلىيە ئېگىزلىكىنى دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئېگىزلىك دەپ ئاتاشقان. ئانتاركتىدا يەنە دۇنيادىكى ئەڭ قاتتىق سوغۇق بولىدىغان چوڭ قۇرۇقلۇق، يىل بويى سوغۇق ئېقىم ئۇنى قورشاپ تۇرىدۇ، دائىم دېگۈدەك بوران - چاپقۇنلۇق ھاۋا رايى كۆرۈلىدۇ. ئادەتتە بۇ يەردە چىقىدىغان شامالنىڭ سۈرئىتى kes/m18؛ ئەڭ چوڭ شامال سۈرئىتى kes/m50 قا يېتىدۇ، بۇ12 بال تەيفېڭ بورىنىنىڭ سۈرئىتىدىنمۇ تېز. ئانتاراتىدا يىللىق ئوتتۇرىچە ھاۋا تېمپېراتۇرىسى ℃52 تىن تۆۋەن. ھاۋا تېمپېراتۇرىسى ℃50 تىن تۆۋەن بولىدىغان كۈن سانىمۇ ئاز ئەمەس، ھەتتا ھاۋا تېمپېراتۇرىسى ℃90 تىن تۆۋەن بولغان دۇنيانىڭ ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا رېكورتىمۇ مۇشۇ يەردە كۆرۈلگەن. بۇنداق سوغۇق شارائىتتا، بېنزىن، سىلىقلاش مېيى قاتارلىقلار قاتتىق ھالەتكە ئۆزگىرىدۇ، مېتال ۋە كاۋچۇك ناھايىتى چۈرۈكلىشىپ كېتىدۇ. گەرچە ئانتاركتىدانىڭ ئىقلىمى قاتتىق سوغۇق بولسىمۇ، لېكىن ئۇ بىر جىمجىتلىققا چۆمگەن تىمتاس ماكان ئەمەس. ئانتاراكتىدا ئاسمىنىدا قانات قېقىپ پەرۋاز قىلىپ يۈرگەن بورانقۇش، ئاق بېلىقچى قۇش، ئانتاركتىدا كەپتىرى قاتارلىقلار بار؛ دېڭىزلىرىدا بولسا قىزىل، قىزغۇچ سېرىق، كۆك رەڭلىك دېڭىز يۈسۈنلىرى كەڭ ئۆسكەن، شۇنداقلا لەيلىگۈچى جانلىقلارمۇ ئىنتايىن كۆپ. بۇلاردىن باشقا دېڭىز ساھىلى ۋە سۇ يۈزىدە لەيلەپ يۈرگەن مۇز پارچىلىرى ئۈستىدە دائىم دېڭىز يىلپىزى، دېڭىز پىلى ۋە پىنگۋىنلار ياشايدۇ، يەر ئاستىدا يەنە ئالتۇن، مىس، تۆمۈر ۋە نېفىت قاتارلىق كۆپ خىل قېزىلما بايلىقلار بار. ئانتاركتىدا چوڭ قۇرۇقلۇقى ئېچىشنى كۈتۈپ تۇرغان چوڭ قۇرۇقلۇق.18 - ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن بۇيان، مەملىكىتىمىزنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن دۆلەتلەر ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ئانتاركتىدا ئىلمىي تەكشۈرۈش پونكىتلىرىنى قۇردى.
← بارلىق تېمىلار ئالاھىدە جايلار
ئانتاركتىدا مۇزلۇقى | UyghurWiki | UyghurWiki