UyghurWiki
UyghurWikiئالاھىدە جايلارپېيلېي يانار تېغى

پېيلېي يانار تېغى

ئالاھىدە جايلار پېيلېي يانار تېغى كارب دېڭىزىنىڭ شەرقىدىكى بىر كىچىك ئارالغا جايلاشقان، بۇ يانار تاغ كۆپ ساندىكى يانار تاغلارغا ئوخشىمايدۇ، ئۇنىڭ ئۈستى قىسمى قاقاسچىلىق، يەنى لاۋا جىنستىن ئىبارەت، ئوت پۈركۈش ئېغىزى ۋېرتىكال ياكى قىيپاش يۆنىلىشتە بولماستىن، بەلكى گورىزونتال يۆنىلىشتە سوزۇلغان. شۇڭا ئۇ «يالقۇن پۈركۈگۈچ» دەپ نام ئالغان.1902 - يىل5 - ئاينىڭ8 - كۈنى، بۇ يانار تاغ50 نەچچە يىللىق «قاتتىق ئۇيقۇدىن» ئويغىنىپ ھەرىكەتكە كەلگەن، زور مىقداردىكى گاز ۋە يانار تاغ كۈلى شىددەتلىك ئېتىلىپ قاپقارا ئىس - تۈتەك ھاسىل قىلغان، قىزىق لاۋا ئوت يالقۇنى بىلەن بىللە گورىزونتال يۆنىلىشتە ئېتىلىپ چىققان. يانار تاغنىڭ ئالدى تەرىپىدىكى8 كىلومېتىر كېلىدىغان جايدىكى ساينت پىئېر شەھىرى كۆيۈپ خارابىلىككە ئايلانغان. شەھەردىكى28 مىڭ ئاھالىنىڭ بەزىلىرى كۆيۈپ ئۆلگەن، بەزىلىرى ئوكسىگېن يېتىشمەي نەپىسى سىقىلىپ ئۆلگەن. پەقەت يەر ئاستى تۈرمىسىگە سولانغان ئېغىر كېسىلگەن جىنايەتچىلا ھايات قېلىپ، بۇ قېتىملىق بالا - قازانىڭ بىردىنبىر گۇۋاھچىسى بولۇپ قالغان. پورتتىكى توختىتىپ قويۇلغان كېمىلەرمۇ ئوت دېڭىزىدا غەرق بولغان. پېيلېي يانار تېغىنىڭ ئوت پۈركۈش ئېغىزى ئالدىدا ئېگىزلىكى375 مېتىر كېلىدىغان بىر ئۇچلۇق تاغ جىنسى ھاسىل بولغان بولۇپ، تەبىئىي خاتىرە مۇنارغا ئايلانغان.
← بارلىق تېمىلار ئالاھىدە جايلار
پېيلېي يانار تېغى | UyghurWiki | UyghurWiki