UyghurWiki
UyghurWikiئالاھىدە جايلارچىڭخەي - شىزاڭ ئېگىزلىكى

چىڭخەي - شىزاڭ ئېگىزلىكى

ئالاھىدە جايلار مەملىكىتىمىزنىڭ غەربىي جەنۇب چېگرىسىدىكى چىڭخەي - شىزاڭ ئېگىزلىكى ھەيۋەتلىك قىياپىتى بىلەن يەر شارىنىڭ چوققىسىدا ئېگىز قەد كۆتۈرۈپ، «دۇنيانىڭ ئۆگزىسى» دېگەن نامغا مۇيەسسەر بولۇپ كەلمەكتە. چىڭخەي - شىزاڭ ئېگىزلىكىنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئوتتۇرىچە ئېگىزلىكى4000 مېتىردىن ئاشىدۇ، پۈتۈن دۇنيادىكى دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى8000 مېتىردىن ئاشىدىغان11 ئېگىز چوققىنىڭ ھەممىسى چىڭخەي - شىزاڭ ئېگىزلىكىدە. چىڭخەي - شىزاڭ ئېگىزلىكى شەرقىي ئۇزۇنلۇق ′40°37 تىن ′12°401 قىچە، شىمالىي كەڭلىك ′20°72 تىن °40 قىچە بولغان ئارىلىققا جايلاشقان بولۇپ، شىزاڭ ئاپتونوم رايونى، چىڭخەي ئۆلكىسى ۋە گەنسۇ ئۆلكىسىنىڭ غەربىي جەنۇبى قىسمىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ئومۇمىي كۆلىمى2 مىليون500 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەت ئومۇمىي يەر كۆلىمىنىڭ4 /1 قىسمىدىن كۆپرەكىنى ئىگىلەيدۇ. ئېگىزلىككە شىمالدىن جەنۇبقا قاراپ كوئىنلۇن تاغ تىزمىسى، تاڭگۇلا تاغ تىزمىسى، گاندىس - نيەنچىڭ تاڭگۇلا تاغ تىزمىسى، ھىمالايا تاغ تىزمىسى قاتارلىق شەرق - غەرب يۆنىلىشىدىكى ئېگىز تاغ تىزمىلىرى جايلاشقان. ھەرقايسى تاغ تىزمىلىرى ئارىسىدا ناھايىتى چوڭقۇر جىلغىلار بىلەن ئويمانلىقلار بار. ئېگىزلىكنىڭ ئەتراپىنى قاتمۇقات تاغلار ئوراپ تۇرىدۇ، تاغلىقنىڭ سىرتى بىراقلا تۆۋەنلەپ كەتكەن زور تۈزلەڭلىك، ئويمانلىق ۋە جىلغىدىن ئىبارەت. چىڭخەي - شىزاڭ ئېگىزلىكى دۇنيادىكى ئەڭ ئېگىز ھەم ئەڭ ياش ئېگىزلىك. بۇنىڭدىن200 مىليون يىل ئىلگىرى، بۇ يەر بىپايان دېڭىز - ئوكيان ئىدى. كېيىن يەر پوستى ھەرىكىتى داۋامىدا دېڭىز كۆلىمى بارغانسېرى كىچىكلەپ بارغان. بۇنىڭدىن30 مىليون يىل ئىلگىرى يەر شارىدا ئەڭ كېيىن يۈز بەرگەن «ھىمالايا تاغ ياساش ھەرىكىتى» كۆرۈلگەن، بۇ قېتىمقى تاغ ياساش ھەرىكىتىدە ھىمالايا تېغى ئاستا - ئاستا كۆتۈرۈلۈپ، ھازىرقى يەر شارىدىكى ئەڭ ئېگىز تاغ تىزمىسىغا ئايلانغان، ئۇنىڭ چومولاڭما چوققىسى دۇنيادىكى ئەڭ ئېگىز چوققىغا، چىڭخەي - شىزاڭ ئېگىزلىكىمۇ زور دەرىجىدە كۆتۈرۈلۈپ چىقىپ، دۇنيانىڭ ئۆگزىسىگە ئايلانغان. ھازىر ھىمالايا تاغ تىزمىسى بىلەن چىڭخەي - شىزاڭ ئېگىزلىكى يەنە داۋاملىق ھالدا يىلىغا تەخمىنەن10 مىللىمېتىرلىق سۈرئەت بىلەن كۆتۈرۈلمەكتە. چىڭخەي - شىزاڭ ئېگىزلىكىنىڭ يەر تۈزۈلۈشى ئېگىز، ھاۋاسى شالاڭ بولغاچقا، قۇياشنىڭ يورۇتۇشى ئىنتايىن كۈچلۈك. لخاسادا قۇياشنىڭ يىللىق يورۇتۇش ۋاقتى3005 سائەتكە يېتىدۇ، شۇڭا ئۇنىڭ »ئاپتاپ شەھىرى« دېگەن نامى بار. ئېگىزلىكنىڭ ھاۋا تېمپېراتۇرىسى ناھايىتى تۆۋەن، قىش پەسلى سوغۇق، ياز پەسلى سالقىن، كۆپ قىسىم جايلىرىنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە ھاۋا تېمپېراتۇرىسى ℃0 تىن تۆۋەن بولىدۇ. ياز پەسلى يامغۇر كۆپ ياغىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ يەردىكى ناھايىتى كۆپ تاغ چوققىلىرىدا يىل بويى قار توپلىنىپ تۇرىدۇ، مۇزلۇقلارنىڭ تارقىلىش كۆلىمى ناھايىتى كەڭ، قار - مۇزلار ئېرىگەندە كۆپ مىقداردا سۇ ھاسىل بولىدۇ، شۇڭا بۇ ئېگىزلىكتە كۆل ۋە دەريالار كۆپ بولۇپ، مەزكۇر ئېگىزلىك چاڭجياڭ، خۇاڭخې، يارلۇڭزاڭبۇ ۋە ھىندى دەرياسى قاتارلىق مەشھۇر دەريالارنىڭ باشلىنىش مەنبەسىدۇر. چىڭخەي - شىزاڭ ئېگىزلىكىدە ئاپئاق قار بىلەن قاپلانغان قارلىق چوققىلار، مەرۋايىتتەك پارقىراپ تۇرغان مۇزلۇقلار، كۆپكۆك كۆللەر بار. ئوت - چۆپلىرى ياپيېشىل ئۆسكەن يايلاقلىرىدا توپ - توپ قوتاز قويلار بېقىلىدۇ. بۇ يەرنىڭ مەنزىرىسى ئىنتايىن گۈزەل بولۇپ، كىشىنى مەپتۇن قىلىپلا قالماستىن، بەلكى بۇ يەردە ئىنتايىن مول يەر ئىسسىقلىقى بايلىقى بار، نېفىت، كۆمۈر، رەڭلىك مېتال قاتارلىق يەر ئاستى بايلىقلىرى كۆمۈلۈپ ياتماقتا. يارلۇڭزاڭبۇ دەرياسى جىلغىسى يەنە شىزاڭنىڭ مۇھىم ئاشلىق زىرائىتى بولغان يالىڭاچ ئارپا چىقىدىغان جاي. چىڭخەي - شىزاڭ ئېگىزلىكىنىڭ يەر شەكلى مۇرەككەپ بولۇپ، بۇرۇن قاتناش راۋان ئەمەس ئىدى. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن، لەنجۇ - چىڭخەي تۆمۈريولى، چىڭخەي - شىزاڭ تۆمۈر يولى (شىنىڭدىن گولمۇدقىچە بولغان بۆلىكى)، شۇنداقلا سىچۇەن - شىزاڭ تاشيولى، چىڭخەي - شىزاڭ تاشيولى، يۈننەن - شىزاڭ تاشيولى قاتارلىق تاشيوللار ياسالدى، ھازىر لخاسادىن شىئەن ۋە چېڭدۇغا ئۇچىدىغان نۆۋەتچى ئايروپىلان بار.
← بارلىق تېمىلار ئالاھىدە جايلار