تار يانار تېغى
ئالاھىدە جايلار
تار يانار تېغى ئىنتايىن غەلىتە بىر يانار تاغ، ئۇنىڭ يانار تاغ ئېغىزىدىكى كۆلدە يەنە كىچىك يانار تاغ بار، بۇ خۇددى ئانا كېنگۇرۇنىڭ خالتىسىدا يەنە بىر ئوماققىنا بالىسىنىڭ بولغىنىغا ئوخشاپ كېتىدۇ. تار يانار تېغى بىلەن ئۇنىڭ «ئوغلى» بىرلىكتە «ئانا - بالا» يانار تېغىنى شەكىللەندۈرگەن.
بۇ قىزىقارلىق يانار تاغ فىلىپپىننىڭ لۇسون ئارىلىدا. تار يانار تېغىنىڭ ئۈستىدىكى يانار تاغ ئېغىزىنىڭ ئۇزۇنلۇقى25 كىلومېتىر، كەڭلىكى15 كىلومېتىر، كۆلىمى تەخمىنەن300 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. يانار تاغ ئېغىزىغا كۆپ سۇ يىغىلىپ، يانار تاغ ئېغىزى كۆلى، يەنى «تار كۆلى» نى شەكىللەندۈرگەن. تار يانار تېغىنىڭ «ئوغلى» تار كۆلىدىكى بىر كىچىك يانار تاغ، ئۇ «ۋۇلكانو» دەپ ئاتىلىدۇ. تار يانار تېغى بىلەن ۋۇلكانودىن ئىبارەت ئانا - بالا يانار تېغىنىڭ شەكىللەنگەن ۋاقتى ئوخشاش ئەمەس؛ تار يانار تېغى گېئولوگىيىلىك دەۋرنىڭ تۆتىنچى دەۋرىدە شەكىللەنگەن، ھازىر نەچچە مىليون يىللىق تارىخقا ئىگە؛ بىراق «ئوغلى» ۋۇلكانو ئاران80 نەچچە يىللىق تارىخقىلا ئىگە. بىراق ئۇلارنىڭ خۇسۇسىيىتى ئوخشاش بولۇپ، دائىم پارتلاپ تۇرىدۇ، يازما تارىخ بارلىققا كەلگەندىن بۇيان، تار يانار تېغى20 نەچچە قېتىم پارتلىغان.1911 - يىلى پارتلىغاندا ۋۇلكانو يانار تېغى پەيدا بولغان، كىشىلەر ئۇنىڭغا «ۋۇلكانو» دەپ ئىسىم قويغان. ئۇ «كۆيۈۋاتقان تاغ» دېگەن مەنىدە. ۋۇلكانومۇ تار كۆلىدىكى بىر كىچىك ئارال، ئارالدا بىرقانچە ئوت پۈركۈش ئېغىزى بار، ئۇنىڭ ئىچىدىكى بىرىگە سۇ يىغىلىپ كىچىك بىر كۆل ھاسىل بولغان.
تار يانار تاغلىقىدا تاغ ئىچىدە تاغ، كۆل ئىچىدە كۆل بار، بۇ تەبىئەت دۇنياسىدىكى بىر مۆجىزە بولۇپ، مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى كۆپلىگەن ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلماقتا.