UyghurWiki
UyghurWikiئالاھىدە جايلارشەرقىي ياۋروپا تۈزلەڭلىكى

شەرقىي ياۋروپا تۈزلەڭلىكى

ئالاھىدە جايلار شەرقىي ياۋروپا تۈزلەڭلىكى شەرقىي يېرىم شاردىكى ئەڭ چوڭ تۈزلەڭلىك، كۆلىمى4 مىليون كۋادرات كىلومېتىرغا يېتىدۇ، ئاساسەن روسىيىنىڭ ياۋروپا قىسمى بىلەن شەرقىي ياۋروپانىڭ كۆپ قىسمىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ تۈزلەڭلىكنىڭ كۆپ قىسمى روسىيىدە بولغاچقا، »روسىيە تۈزلەڭلىكى« دەپمۇ ئاتىلىدۇ. شەرقىي ياۋروپا تۈزلەڭلىكىنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئوتتۇرىچە ئېگىزلىكى ئاران170 مېتىر كېلىدۇ. بىراق تۈزلەڭلىكتە يەنە دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى300 مېتىردىن ئاشىدىغان نۇرغۇنلىغان ئېدىرلىقلار (مەسىلەن، ئوتتۇرا روسىيە ئېدىرلىقى، ۋولگا ئېدىرلىقى قاتارلىقلار) بار. ئوكيان يۈزىدىن پەس بولغان كاسپى دېڭىزى پەسلىكىمۇ بار. شەرقىي ياۋروپا تۈزلەڭلىكىنىڭ يەر شەكلى ئېگىز - پەس، كۆلىمى چوڭ بولغاچقا، ھەرقايسى جايلىرىنىڭ ئىقلىمى ئوخشاش ئەمەس، ھايۋان ۋە ئۆسۈملۈكلىرىنىڭ تارقىلىشىدىمۇ پەرق ناھايىتى چوڭ، تۈزلەڭلىكنىڭ شىمالىدىن جەنۇبىغا قاراپ رەت بويىچە سوغۇق تۇندرا بەلۋېغى، بىرقەدەر سوغۇق ئورمان بەلۋېغى، ئىقلىمى مۇۋاپىق ئورمان - ئوتلاق بەلۋېغى، ئەڭ جەنۇبىدىكى ئوتلاق بەلۋېغى قاتارلىق تەبىئىي بەلۋاغلار تارقالغان. ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئورمان بەلۋېغى تۈزلەڭلىك ئومۇمىي كۆلىمىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىنى ئىگىلەيدۇ. تۈزلەڭلىكتە ۋولگا دەرياسى، دون دەرياسى ۋە دنېپر دەرياسى قاتارلىق مەشھۇر دەريالار بار. شەرقىي ياۋروپا تۈزلەڭلىكىدە مول تۆمۈر، كۆمۈر، نېفىت، مانگان قاتارلىق قېزىلما بايلىقلار بار، نوپۇسى زىچ، سانائەت، يېزا ئىگىلىك ۋە سۇ - قۇرۇقلۇق قاتنىشى تەرەققىي قىلغان. موسكۋانى مەركەز قىلغان ھالدا نۇرغۇن مۇھىم سانائەت ۋە كان رايونلىرى تارقالغان بولۇپ، روسىيىنىڭ مۇھىم رايونى ھېسابلىنىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئالاھىدە جايلار