UyghurWiki
UyghurWikiئادەم بەدىنىنى ئاسراشسۈنئىي نەپەسلەندۈرۈش ۋە يۈرەكنى بېسىش

سۈنئىي نەپەسلەندۈرۈش ۋە يۈرەكنى بېسىش

ئادەم بەدىنىنى ئاسراش ۋە قۇتقۇزۇش بىلىملىرى ئادەتتىكى ئەھۋالدا ئادەمنىڭ نەپەسلىنىشى، يۈرەك سوقۇشى تۆت مىـنـۇت تولۇق توختاپ قالسا ھاياتى خەۋپكە ئۇچرايدۇ؛ ئون مىنۇتتىن ئېشـىـپ كـەتـسـە قۇتقۇزۇش ئىنتايىن قىيىن بولىدۇ. شۇڭا، باشقـىلار تـاسـادىـپـىـي ۋەقـەگـە ئۇچرىغاندا ياكى كېسەللىك سەۋەبىدىن يۈرەك سوقۇشى، نەپـەسلىنىشى قالايمىقانلاشقاندا ياكى توختىغاندا مىنۇت - سېكـۇنـتـنـى قـولـدىـن بـەرمـەي جىددىي قۇتقـۇزۇش تـەدبـىـرلـىـرىـنـى قـولـلـىـنـىـش كـېـرەك. سـۈنئىـي نەپەسلەندۈرۈش ۋە يۈرەكنى بېسىش جىددىي قۇتقـۇزۇش تـەدبـىـرلـىـرى ئىچىدىكى ئەڭ ئاساسلىق ئىككى خىل ئۇسۇلدۇر. سۈنئىي نەپەسلەندۈرۈشـتـە ئاغزى ئارقىلىق نـەپەسلەندۈرۈش، ئوڭدىسىغا ياتقۇزۇپ كۆكرەكنى بېسىش ۋە دۈم ياتـقـۇزۇپ دۈمبىسىنى بېسىشتىن ئىبارەت ئۈچ خىل ئۇسۇل بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئاغـزىدىن نەپەسلەندۈرۈش ئۇسۇلى ئۈنۈمى ئەڭ ياخشى ۋە ئاددىي ئۇسۇلدۇر. بۇنىڭ جەريانى مۇنداق: سۈنئىي نەپەسلەندۈرۈشتىن ئىلگىرى بىمارنىڭ ئاغزى ۋە بۇرنىدىكى بەلغەم ياكى مەينەت نەرسىلەر تازىلىۋېتىلىدۇ. بىمار ئوڭدىسىغـا ياتقۇزۇلىدۇ ھەمدە بىمارنىڭ بېشى ئىمكانقەدەر ئارقىسىغـا چۈشۈرۈلۈپ نەپەس يولى ئۇزارتىلىدۇ. قۇتقۇزغۇچى بىمارنىڭ بىر يېنىدا يۈكۈنۈپ ئولتورۇپ (مۇمكىن بولسا بىمارنىڭ ئاغزى ۋە بۇرنىنـى قولياغلىق ياكى داكا بىلەن ئېتىدۇ)، ئاندىن بىر قولى بىلەن بىمارنىڭ تـۆۋەنـكـى جېغىنى ئالىقانغا ئېلىپ ئاغزىنى ئاچىدۇ؛ يەنە بىر قولىدا بۇرنىنى قىسىۋالىـدۇ. قۇتقۇزغۇچى چوڭقۇر نەپەس ئالغاندىن كېيىن، بىمارنىڭ ئاغزىغا ئۇدۇللاپ تېز پۈۋلەيدۇ؛ بىمارنىڭ كۆكرەك قىسمى كېڭەيگەندىن كېيىن، پۈۋلەشتىن توختايدۇ ھەمدە بۇرنىنى قىسقان قولىنى قويۇۋېتىدۇ. بىمارنىڭ كۆكرەك قىسمى تەبىئىي تارايغاندىن كېيىن يەنە ئىككىنچى قېتىم پۈۋلەيدۇ. ھەر مىنۇتتا14 ~6 1 قېتىم (بالىلارنىڭكىنى بىرقانچە قېتىم كـۆپەيتىشكە بولىدۇ) لىق سۈرئەت بىلەن بىمار تاكى تەبىئىي نەپەسلەنگەنگە قەدەر داۋاملىق پۈۋلەيدۇ. بۇ ئىنتايىن ئۈنۈملۈك جىددىي قـۇتـقـۇزۇش ئۇسۇلى بولۇپ، چۈنكى قۇتقۇزغۇچى چوڭقۇر نەپەس ئالغاندا چىقارغان ئوكسىگېن %18 كە يېتىدۇ، كاربون (Ⅳ) ئوكسىد بولسا %2 نى ئىگىلەيدۇ. ھەر قېتىمدا پەقەت1 لىتىر ھاۋانى پۈۋلەپ كىرگۈزۈشكە كاپالەتلىك قىلغىلى بولسىلا، بىمارنىڭ ئۆپكىسىدىكى ئوكسىگېن مىقدارى ئاساسەن نورماللىشىپ قۇتقۇزۇۋېلىنىدۇ. كۆكرەك سىرتىدىن يۈرەكنى بېسىش يۈرەكنىـڭ سـوقـۇشـىـنـى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتىكى بىر خىل جىددىي قۇتقۇزۇش تەدبـىـرى. جـىـددىـي قۇتقۇزغاندا بىمار يەرگە يـاكـى تـاخـتـاي ئۈسـتىگـە تـۈز يـاتـقۇزۇلىـدۇ. قۇتقۇزغۇچى بىمارنىڭ سول تەرىپىدە تۇرۇپ ئوڭ قولىنىڭ ئالىقىنىنـى تـۆش سۆڭىكى (كۆكرەكنىڭ دەل ئوتتۇرىسىدىكى سۆڭەك)نىڭ ئاستى قىسـمىـغـا قويىدۇ، سول قولىنى ئوڭ قولىنىڭ ئۈستىگە بېسىپ، جەينىكىنى تۈزلەپ، بەدەن ئېغىرلىقىدىن پايدىلىنىپ مۇۋاپىـق دەرىجىدە كـۈچەپ ئاستىغا باسىدۇ، بۇنىڭ بىلەن تۆش سۆڭىكى3 ~4 سانتىمېتىر تۆۋەنلىگەندە ئاندىن قولىنى بوشىتىدۇ، كۆكرەك قىسمى ئۆزلۈكىدىن ئەسلىگە كېـلىدۇ. بۇ ھەرىكەت چوڭلارغا مىنۇتىغا60 ~80 قېتىملىق سۈرئەت بىلەن تەكرار ئىشلىنىدۇ، بالىلارغا بولسا مىنۇتىغا100 قېتىم ئىشلىنىدۇ. كۆكرەك سىرتىـدىن يۈرەكنى باسقاندا قوۋۇرغىنىڭ سۇنۇپ كېتىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن زىيادە كۈچەپ بېسىشتىن ساقلىنىش كېرەك. ئەگەر نەپەسلىنىشى ۋە يۈرەك سوقۇشى بىـراقلا توختاپ قالغان بىمارغا ئۇچرىغاندا، سۈنئىي نەپـەسـلەندۈرۈش بىلەن يۈرەكنى بېسىشنى بىرلا ۋاقىتتا ئېلىپ بېرىشقا بولىدۇ. بىر قېتىم نەپەس ئالدۇرغاندىن كېيىن، يۈرەك كۆكرەك سىرتىدىن تۆت قېتىم بېسىلىدۇ. يۈرەكنى باسقاندا ئۈنۈمنى كۆزىتىشكە دىققەت قىلـىـش لازىم. ئەگەر بىمارنىڭ چوڭ تومۇرىنى سەزگىلى بولسا، كۆز ئالمىسى كىچىكلىسە ھەمدە تەدرىجىي تەبىئىي نەپەسلىنىشى ئەسلىگە كەلسە ئۈنۈملۈك بولغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئادەم بەدىنىنى ئاسراش