زەھەرلىك يىلان چېقىۋالغۇچىلارنى جىددىي قۇتقۇزۇش
ئادەم بەدىنىنى ئاسراش ۋە قۇتقۇزۇش بىلىملىرى
زەھەرلىك يىلان چېقىۋالغاندا دەرھال تۆۋەندىكى جىددىي قـۇتـقـۇزۇش تەدبىرلىرىنى قوللىنىش كېرەك: يەنى يۇمشاق يىپ ياكى تاسما بىلەن يـارا ئېغىزىنىڭ ئۈستۈنكى قىسمىنى بوغۇش لازىم. ئەگەر پاقالچاقنى چېقىۋالغـان بولسا تىز بوغۇمىنىڭ ئۈستىدىن بوغۇش، بارماقنى چېقىۋالغان بولسا بارماق تۈۋىنى بوغۇش، ئالىقان ياكى بىلەكنى چېقىۋالغان بولسا جەينەكنىڭ ئۈسـتـى ياكى جەينەك بوغۇمىنىڭ ئۈستىنى بوغۇش كېرەك. زەھەر سۇيۇقلۇقىنىڭ تارقىلىپ كېتىشىنى ئازايتىش ئۈچۈن ھەرىكەت قانچە تېز بولسا شۇنچە ياخشى. بوغۇلغان مۈچىلەردىكى قان ئايلىنىشنىڭ راۋان بولماسلىقى تۈپەيلىدىن كېلىپ چىقىدىغان ئۆلۈمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن بوغقان يىپنى ھەر15 ~20 مىنۇتتا1 −2 مىنۇت بوشىتىپ تۇرۇش كېرەك. ئوبدان بوغقاندىن كېيىن دەرھال يارا ئاغزىنى يۇيۇش، پىچاق بىلەن كېسىش ياكى زەھەرنى سۈمۈرۈپ چىقىرىۋېتىش كېرەك. يىلان زەھىرىگە قارشى قان زەردابى ياكى ئۈنۈملۈك يىلان دورىسى ئىشلىتىلگەندىن كېيىن بوغقان يىپنى ئېلىۋەتسە بولىدۇ.
زەھەرنىڭ سۈمۈرۈلۈشىنى ئازايتىش ئۈچۈن يارا ئاغزى ئەتراپىدىكـى زەھەر سۇيۇقلۇقىنى ئىمكانقەدەر تازىلىۋېتىش كېرەك. يارا ئاغزىنى تازىلاشتـا سوغۇق قايناقسۇ، سوغۇق چاي ياكى بۇلاق سۈيى ئىشلىتىش كېرەك. شارائىت بولسا سوپۇن سۈيى، ئازراق تۇز سېلىنغان قايناقسۇ ئىشلەتسە ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ.
زەھەرلەنگەن ئورۇننى كېسىپ زەھەرنى چىقىرىۋېتىشتە ئادەتتە پاكىز ئۈچ قىرلىق يىڭنە ياكى باشقـا پاكىز ئۆتكۈر ئەسۋابلار ئىشلىتىلىدۇ، يارا ئېغىزىنى يېرىشتا بەك چوڭقۇر يېرىۋەتمەسلىك، ئىككى زەھەرلىك چىش ئىزى ئارىلىقىدىكى تېرىنى يېرىشنى پرىنسىپ قىلىش كېرەك؛ ياكى يارا ئېغىزىنىڭ ئەتراپىدىكى تېرىدىن گۈرۈچ چوڭلۇقىدا بىرنەچچە تۆشۈك ئېچىش كېرەك. بۇنداق قىلغاندا يارا ئاغزىنىڭ ئېتىلىپ قېلىشىدىن ساقلىنىپ، زەھەرنى سىرتقا چىقىرىۋەتكىلى بولىدۇ. كەسكەندىن كېيىن يارىلانغان مۈچىلەرنى بۇلاق سۈيى، تۇزلانغان سوغۇق قايناقسۇ ياكى سوغۇق چايغا چىلاش ھەمدە يارا ئېغىزىنى يۇقىرىدىن تۆۋەنگە قاراپ20 مىنۇت ئەتراپىدا بېسىپ سىيرىپ زەھەر سۇيۇقلۇقىنى چىقىرىۋېتىش كېرەك. چار يىلان ياكى زەھەرلىك قارا يىلان چېقىۋالغان بولسا قاننىڭ ئېقىپ توختىماسلىقىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن كېسىپ زەھەر چىقارماسلىق كېرەك.
ئەگەر يارا ئاغزىدىكى زەھەر سۇيۇقلۇقى سىرتقا راۋان چىقالمىسا، لوڭقا قويۇش ياكى سۈت سۈمۈرگۈچ ئارقىلىق سۈمۈرتۈش كېرەك؛ ئاغزى بىلەن بىۋاسىتە سۈمۈرۈشكە توغرا كەلسە بىخەتەرلىككە دىققەت قىلىش، بىر تەرەپتىن سۈمۈرگەچ بىر تەرەپتىن تۈكۈرۈپ تۇرۇش ھەمدە ھەر قېتىمدا سۈزۈك سۇدا ئاغزىنى چايقاپ تۇرۇش لازىم. ئەگەر چىشى قۇرتلانغان ياكى شىللىق پەردىسى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان كىـشىلەر بولسا، زەھەرلىنىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئاغزى بىلەن سۈمۈرمەسلىكى كېرەك.
يىلان چېقىۋالغان بىمارلارغا جىددىي قـۇتـقـۇزۇش تەدبىرلىرىنى قوللانغاندىن سىرت، يەنە دەرھال دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىپ قىسمەن دائىرىلىك ياكى پۈتۈن دائىرىلىك داۋالاش ئېلىپ بېرىش كېرەك.