ئوزۇقلۇقى ئەتراپلىق بولغان كۈچەيتىلگەن يېمەكلىك
ئادەم بەدىنىنى ئاسراش ۋە قۇتقۇزۇش بىلىملىرى
ئەنگلىيىلىكلەر2 - دۇنيا ئۇرۇشىدىن ئىلگىرى فتورنى تۇرۇبا سۈيـىـگـە قوشقاچقا، چىش چىرىش كېسەللىكلىرى روشەن ئازايغـان. كـېـيـىـن، بەزىلەر يودنى يېمەكلىككە قوشۇپ، قالقانسىمان بەز ئىششىقىـنـىـڭ ئالـدىـنـى ئالدى ۋە ئۇنى داۋالىدى. بۇ خىل پەۋقۇلئاددە ئېھتىياجغا ئاساسەن ئىـلـمـىـي رېتسېپ بويىچە تەمىنلىنىشى يېتەرلىك بولمىغان ياكى كەمچىل بولغـان مـەلـۇم خىل ئوزۇقلۇق ماددىلارنى يېمەكلىككـە بـىـۋاسىتـە قـوشـۇپ، ئوزۇقـلـۇق قىممىتى ئاشۇرۇلغان يېمەكلىكلەرنى كۈچەيتىلگەن يېمەكلىك دەپ ئاتاشقـا بولىدۇ.
تەبىئىي يېمەكلىكلەردىكى ئوزۇقلۇق ماددىلار كۆپ خىل بولمىـغـاچـقـا، ئادەم بەدىنىنىڭ ئوزۇقلۇق تەڭپۇڭلۇقى تەلىپىنى قاندۇرالمايدۇ. مەسىلەن، كالا سۈتى تەركىبىدە ئاقسىل كۆپرەك بولۇپ، بوۋاقلارنى ئېمىتىـشكە باب كەلسىمۇ، بىراق ئۇنىڭدا ئادەم بەدىنى ئۈچۈن ئېھتىياجلىق تۆمـۈر كـەمچىل بولغاچقا، بوۋاقلارغا تەركىبىدە تۆمۈر مول يـېمـەكـلىـكـلـەرنـى تـولـۇقلاپ بېرىشكە توغرا كېلىدۇ. كۆكتاتلاردا ئاقسىل ۋە ياغ كەمچىل بولىـدۇ، گـۆش تۈرىدىكىلەردە يەنە بەزى ۋىتامىنلار كەمچىل بولىدۇ. ھەربىر خـىـل تـەبـىئىـي يېمەكلىكنىڭ ئۆزىگە خاس ئوزۇقلۇق قىممـىـتـى بولۇش بىلەن بىللە، يېتەرسىزلىكلىرىمۇ بولىدۇ. بەزى تەبىئىي يېمەكلىكلەرنىڭ ئوزۇقلۇق تەركىبى پىششىقلاپ ئىشلەش جەريانىدا ئاسانلا بۇزغۇنچىلىققا ياكى زىيانغا ئۇچرايدۇ. كىشىلەر بۇ كەمچىلىكلەرنى تۈگىتىش ئۈچۈن كۈچەيتىلگەن يېمەكلىكلەرنى كەشىپ قىلدى.
ئالىملار مەلۇم يېمەكلىكلەردىكى يېتەرسىزلىكلەرگە ئاساسەن ۋىتامىـن، مىنېرال ماددا، ئاقسىل قاتارلىق ئوزۇقلۇق تەركىبلەرنى ئوخشىـمـىـغـان ئۇسۇللار بىلەن شۇ يېمەكلىكلەرگە قوشۇپ، يېمەكلىـكـنـىـڭ ئوزۇقـلـۇق قىممىتىنى زور دەرىجىدە ئاشـۇرغان.30 - يـىـللارنـىـڭ ئالـدىـدا ئىـنـچىكـە پىششىقلانغان ئاق گۈرۈچ فىلىپپىنلىقلارنىڭ ئاساسلىق ئاشلىقى ئىـدى. ئۇلار مەخسۇس ئىنچىكە پىششىقلانغان ئاق گۈرۈچنى ئىستېمال قىلغـانلىقى ئۈچۈن شۇ جايدىكىلەرنىڭ بېرىبېرى كېسەللىكى بىلەن ئۆلۈش نىسبىتى %11 ~%13 كە يەتكەنىدى. كېيىن، ۋېتامىـن1 B گۈرۈچ يۈزىگـە قوشۇلۇپ «كۈچەيتىلگەن گۈرۈچ» قىلىنغاندىن كېيىن، بىر - ئىككى يىلغا قالمايلا بېرىبېرى كېسەللىكى تىزگىنلەندى.
ھازىر كىشىلەر كۆپ خىل ئوزۇقلۇق ماددىلارنى يېمەكلـىـككـە قوشۇپ، تۈرلۈك كۈچەيتىلگەن يېمەكلىكلەر، مەسىلەن، لىزىن پېچىـنـىـسـى ۋە تۆمۈر تولۇقلايدىغان تىئوروزا قاتارلىقلارنى ئىشلـەپـچىـقىـرالايـدىـغـان بولدى. كۈچەيتىلگەن يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئىـسـتـېـمـال قـىـلـىـش جەھەتتە تۈرلۈك كۈچەيتىلگەن تەركىبلەرنىڭ مۇۋاپىق قوبۇل قىلىنىـشـىـغـا ئالاھىدە دىققەت قىلىش كېرەك.