UyghurWiki
UyghurWikiئادەم بەدىنىنى ئاسراشيېمەكلىكتىن زەھەرلىنىشتىن پەخەس بولۇش

يېمەكلىكتىن زەھەرلىنىشتىن پەخەس بولۇش

ئادەم بەدىنىنى ئاسراش ۋە قۇتقۇزۇش بىلىملىرى يېمەكلىكتىن زەھەرلىنىش باكتېرىيىدىن بۇلغانـغـان يـاكـى سـۈپـىـتـى ئۆزگەرگەن زەھەر خۇسۇسىيىتى بار يېمەكلىكلەرنى يېيىشتىن پەيدا بولىدۇ. ياز پەسلىدە باكتېرىيە خاراكتېرلىك يېمەكلىكتىن زەھەرلىنـىـش ئاسـان يۈز بېرىدۇ، چۈنكى ياز پەسلىدە ھاۋا تېمپېراتۇرىسى يۇقىرى بولغاچقا، باكتېرىيىلـەر ئاسانلا كۆپىيىدۇ. بولۇپمۇ پىششىق گۆش، كالا سۈتى، قـىـيـمـا قـاتـارلـىـق يېمەكلىكلەردە ℃30 لۇق شارائىتتا بىر كۈندىلا باكتېرىيە300 ھەسسىـدىـن كۆپرەك كۆپىيىدۇ. توڭلاتقۇدىن ئېلىنغـان يېمـەكـلىـكـلـەرنـىـمـۇ ئۇزاق ساقلاشقا بولمايدۇ، چۈنكى توڭلاتقۇ دېزىنفېكسىـيـە قـىـلـىـش ساندۇقى ئەمەس. توڭلاتقۇدا باكتېرىيىنىڭ كۆپىيىش سۈرئىتى ئاستىلايدۇ، ئەمما ئۆلمەيدۇ، تېمپېراتۇرا ئۆرلىگەن ھامان باكتېرىيە تـېـز كۆپىيىدۇ. باكتېرىيە چاپلاشقان يېمەكلىكلەرنىڭ ئوبدان پىشماسلىقى ياكى پاكىز بولمىغان خام سەي يېيىش ھەمدە ئاشپەزلەرنـىـڭ مـەلـۇم خـىـل يۇقۇملۇق كېسەللىككە گىرىپتار بولۇشى قاتارلىقلار باكتېرىيە خاراكـتېرلىك يېمەكلىكتىن زەھەرلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. زەھەرلىك ھايۋانلار ۋە ئۆسۈملۈكلەرنى ئىستېمال قىلىشتىن زەھەرلىنىشمـۇ دائىم ئۇچراپ تۇرىدۇ. يېسسىمۇق تەركىبىدە يېسسىمۇق ئىشـقـارى قاتارلىق زەھەرلىك ماددىلار بولۇپ، ناۋادا ئۇلار ئوبدان پىشۇرۇلمىسا زەھەرلـىـنـىـشـنـى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، بىخلانغان ۋە كۆكىرىپ قالغان ياڭيۇ ياكى زەھىرى بار موگۇلارنى يېگەندىمۇ زەھەرلىنىش كېلىپ چىقىدۇ. ھاشـارات دورىـسـى، چـاشـقـان دورىــســى، دېھقانچىلىق دورىسى قاتارلىق خـىـمىيىلىك مـاددىلاردىن بۇلغانغان يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلغاندىمۇ زەھەرلىنىشنىڭ ئاقىۋىتى ئېغىر بولىدۇ. باكتېرىيە خاراكتېرلىك يېمەكلىكلەردىن زەھەرلىـنـىـشـنـىـڭ پـارتلاش خاراكتېرلىك ئالاھىدىلىكى بولۇپ، ئادەتتە بۇلغانغان يېمەكلىكنـى يەپ24 سائەت ئىچىدىلا كېسەللىك قوزغىلىدۇ، قىسقا بولغاندا ئىككى سـائەتتە قوزغىلىدۇ. كېسەللىك ئەھۋالىنىڭ ئېـغىر - يېنىكلىكـى ئىستېمال قىلغان بۇلغانغان يېمەكلىكنىڭ سانى ۋە ئادەمنـىـڭ قـارشـىـلـىـق كۈچى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ. ياز ۋە كۈز پەسىللىرىدە كېسەللىكنىـڭ كۆرۈلۈشى كۆپرەك بولىدۇ. زەھەرلىنىشنىڭ كېسەللىك ئالامىتـى جىددىي خاراكتېرلىك ئاشقازان، ئۈچەي ياللۇغىنىڭ كېسەللىك ئالامىتىنى ئاساس قىلىدۇ، يەنى ياندۇرىدۇ، ئىچى سۈرىدۇ، قـورسىقى ئاغرىيدۇ؛ ئېغىرراق بولغاندا تارتىشىپ قېلىش، سۇسىزلىنىش، ھوشسىزلىنىش، كۆز ئالمىسى چوڭىيىپ كېتىش، نەپەسلىنىش قىيىن بولۇش، ھەتتا ئۆلۈش ئەھۋاللىرى كېلىپ چىقىدۇ. يېمەكلىكتىن زەھەرلەنگەن بىمارلارنى بايقىغان ھامان ۋاقتىدا دوختۇرخانىغـا ئاپىرىپ جىددىي قۇتقۇزۇش ۋە داۋالىتىش كېرەك.
← بارلىق تېمىلار ئادەم بەدىنىنى ئاسراش
يېمەكلىكتىن زەھەرلىنىشتىن پەخەس بولۇش | UyghurWiki | UyghurWiki