UyghurWiki
UyghurWikiئادەم بەدىنىنى ئاسراشتوك سوقۇۋەتكۈچىلەرنى جىددىي قۇتقۇزۇش

توك سوقۇۋەتكۈچىلەرنى جىددىي قۇتقۇزۇش

ئادەم بەدىنىنى ئاسراش ۋە قۇتقۇزۇش بىلىملىرى باشقىلارنى توك سوقۇۋەتكەنلىكىنى بايقىغان ھامان دەرھال توك مەنبەسىنـى ئۈزۈپ تاشلاپ1 ~4 مىنۇت ئىچىدە قـۇتـقۇزۇش ئېلىپ بېرىلسا، كۆپ ساندىكىلىرىنىڭ ھاياتىغا خەۋپ يەتمەيدۇ. نەق مەيداندا قۇتقۇزۇش ئېلىپ بېرىشتا ئالدى بىلەن توك سوقۇۋەتـكۈچىنـى تـوك مەنبەسىدىن ئايرىۋېتىش كېرەك. توك مەنبەسىنى ئۈزۈشتە توك چاتـقـۇچ يـاكى ۋىكليۇچاتېلنى ئۈزۈۋېتىش ياكى قۇرۇق تاياق، بامبۇك خادا، سۇلـيـاۋ تـايـاق قاتارلىقلار بىلەن توك سىمىنى ئاجرىتىۋېتىش كېرەك. توك سوقۇۋېتىشتىـن ساقلىنىش ئۈچۈن ھەرگىزمۇ قول بىلەن تۇتماسلىق كېرەك. توك سوقۇۋەتكۈچىنى توك مەنبەسىدىن ئايرىۋەتكەندىـن كېيىن، دەرھال كىيىملىرىنى يېشىپ ئېغىز ئارقىلىق سۈنئىي نەپەسلەندۈرۈش ۋە كۆكرەك سىرتىدىن يۈرەكنى بېسىش كېرەك. سۈنئىي نەپەسلەندۈرۈشـنـى ئۇزاق داۋاملاشتۇرۇش، ئالدىراپلا بولدى قىلماسلىق كېرەك. توك سوقۇپ كۆيدۈرۈۋەتكەن قىسىمنى تازىلاپ تېڭىپ يۇقـۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىلەن بىللە، بـەدەننى ئىللىق تۇتۇشقا دىققەت قىلىش كېرەك. ئۈنۈملۈك قۇتـقـۇزۇشـنـى توخـتىتىپ قويماسلىق شەرتى ئاستىدا، توك سوقۇۋەتكۈچىنى دەرھال دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ داۋاملىق قۇتقۇزۇش ئېلىپ بېرىش كېرەك. بالىلار، ئۆسمۈرلەر توكقا دائىر ساۋاتلار بىلەن تونۇشۇشتىن ئىلگـىـرى ئېلېكتر لامپىسى ۋە ئائىلە ئېلېكتر سايمانلىرىنى چۇۋۇپ قۇراشتۇرماسلىقى، لامپۇچكا پاترونى ۋە ۋىكليۇچاتېلنى ھۆل قول بىلەن تۇتماسلىقى، ئۈزۈلگـەن توك سىملىرىنى خالىغانچە ئۇلىماسلىقى، توك ئۆتۈۋاتقان تـوك سـىمىغـا كـىيىم يايماسلىقى، گۈلدۈرمامىلىق يامغۇردا چاقماق سوقۇۋېتىشتىن سـاقـلىنىش ئۈچۈن، دەرەخ تۈۋى ۋە ئېلېكتر ئىستولبىسى ئاستىدا يـامـغـۇردىـن دالدىلانماسلىقى كېرەك.
← بارلىق تېمىلار ئادەم بەدىنىنى ئاسراش
توك سوقۇۋەتكۈچىلەرنى جىددىي قۇتقۇزۇش | UyghurWiki | UyghurWiki