ۋىتامىن ۋە ۋىتامىن كەملىك كېسەللىكى
ئادەم بەدىنىنى ئاسراش ۋە قۇتقۇزۇش بىلىملىرى
ئىنسانلار ۋىتامىننىڭ سىرىنى ئېچىشتىن ئىلگىـرى قـان بـۇزۇلـۇش كېسەللىكى، نامازشام قارىغۇسى كېسەللىكى، قارا تەمرەتكە، بېرىبېرى كـېـسەللىكى قاتارلىقلار خۇددى ئىبلىسقا ئوخشاش نۇرغۇن ئادەمنى بەخت ۋە ھاياتىدىن مەھرۇم قىلغانىدى.20 - ئەسىرنىڭ باشلىرىغا كەلگەندىلا، كىشىلەر تۈرلۈك ۋىتامىنلار بىلەن تەدرىجىي تونۇشتى - دە، بۇنىڭ بىلەن نـەچـچـە مـىـڭ يىللاردىن بۇيان ھۆكۈمرانلىق قىلىپ كەلگەن كېسەللىك ئىبلىسلىرى تىز پۈككەن بولدى.
ۋىتامىن ئادەم بەدىنىنى ھەم ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلىـمـەيـدۇ، ھەم ئادەم بەدىنىنىڭ توقۇلمىلىرىنى تەشكىل قىلمايـدۇ. ئۇنـىـڭ ۋەزىپىسى پەقەت نـورمـال فىزىئولوگىيىلىك پائالىيەتلەرنى قامداش بولغاچقا، ئادەمنىڭ ۋىتامىنغا بولـغـان ئېھتىياجى ئاز بولسىمۇ، لېكىن كەم بولسا بولمايدۇ. بۇنىڭ كۆپىنچىسـىنى ئادەم بەدىنى ئۆزى بىرىكتۈرەلمەيدۇ ياكى بىرىكتۈرۈش مىقدارى يېتەرسىز بولۇپ، يېمەكلىك تەرىپىدىن تەمىنلىنىدۇ. ئادەتتە كىشىلەرنىڭ يـېـمـەك - ئىـچـمـەك قۇرۇلمىسى مۇۋاپىق بولسىلا ۋىتامىن كەملىك كېسەللىكى كۆرۈلمەيدۇ. ۋىتامىـن تۈرىدىكى دورىلارنى دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ئىشلىتـىـش لازىـم، چۈنكى بەزى ۋىتامىنلارنى زىيادە ئىستېمال قىلغاندا زەھەرلەش رېئاكسىيىسـى يۈز بېرىدۇ.
ئالىملار تۈرلۈك ۋىتامىنلارنى ئۇلارنىڭ بايقىلىـشىـنـىـڭ ئىـلـگـىـرى - كېيىنلىكىگە ئاساسەن A، B، C ... تەرتىپى بويىچە تۈرگە ئايرىپ، ئايرىم - ئايرىم ھالدا ۋىتامىن A، ۋىتامىن B ... دەپ ئاتىدى. ئۇنىـڭـدىـن بـاشـقـا، ئۇلارنىڭ سۇدا ئېرىيدىغان ياكى ياغدا ئېرىيدىغانلىـقـىـغـا ئاسـاسـەن، سـۇدا ئېرىيدىغان ۋىتامىن ۋە ياغدا ئېرىيدىغان ۋىـتـامـىنـغـا ئايـرىدى. يۇقىرىدا ئاساسلىق ۋىتامىنلارنىڭ فىزىئولوگىيىلىك رولى، يېمەكلىكتىكى مـەنـبـەسـى ھەمدە ۋىتامىن كەملىك كېسەللىكىنىڭ ئاددىي جەدۋىلى بېرىلدى.