تاماكا چېكىش − ئاستا خاراكتېرلىك ئۆزىنى ئۆلتۈرۈش
ئادەم بەدىنىنى ئاسراش ۋە قۇتقۇزۇش بىلىملىرى
1988 - يىل4 - ئاينىڭ7 - كۈنـى تـۇنـجـى «دۇنـيـا تـامـاكـا تـاشلاش كۈنى» بولۇپ، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى پۈتۈن دۇنيادىكى تاماكا چەككۈچىلەرنى مۇشۇ كۈندە تاماكا چېكىشنى توختىتىشنى ياكى تـاشلاشـنـى مـۇراجـىئەت قىلدى. ئالىملار «تاماكا چېكىش ئىنسانلارنىڭ ھاياتىدىن جۇدا بولۇشىنـىـڭ مۇھىم سەۋەبى،...»، «تاماكا چەككەنلىك ئۆزىنـى ئاسـتـا خـاراكتېرلىك ئۆلتۈرۈشكە باراۋەر» دەپ كۈچلۈك مۇراجىئەت قىلىشتى.
تاماكا چېكىشنىڭ زىيىنى ئىنتايىـن چوڭ. تـاماكـا تـەركـىـبـىـدە نۇرغۇن زەھەرلىك ماددىلار بار. تاماكا كۆيگەندە ھاسىل بـولـغـان تاماكا ئىسىدا تەخمىنەن1000 خىلدىن ئارتۇق زىيانلىق تەركىب بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە نىكوتىننىڭ زىيىنى ئەڭ چوڭ. ئۆلچەشلەرگە ئاساسلانغانـدا، بىر تال تاماكا تەركىبىدىكى نىكوتىن بىر ئاق چـاشـقـانـنـى زەھەرلەپ ئۆلتۈرۈشكە يېتىدىكەن. تاماكا چەككەن كىـشىلەر ئاسانلا ئۆپـكـە راكـى، ئاشقازان راكى، قىزىلئۆڭگەچ راكى ھەمدە ئۆپكە يەللىك ئىششىقى ۋە يـۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولىدىكەن. دۇنيا سەھىيە تەشـكـىلاتـى تەمىنلىگەن ماتېرىياللارغا ئاساسلانغاندا، دۇنيا بويىچە يىلىغا تەخـمىنەن2 مىليون500 مىڭ ئادەم تاماكا چېكىش بىلەن مۇناسىۋەتلـىـك كـېـسـەلـلـىكلەر سەۋەبىدىن ئۆلىدىكەن. دېمەك، تاماكا ھەر13 سېكۇنتتا بىـر ئادەمـنـى جېنىدىن جۇدا قىلىدىكەن.
تاماكا چېكىش ئۆزىنىڭ سالامەتلىكىگە زىيانلىق بولۇپلا قالـمـاسـتـىـن، ئەتراپىدىكى كىشىلەرنىمۇ ئىختىيارسىز ھالدا تاماكا ئىسىنى سۈمۈرۈشكە مەجبۇر قىلىپ، باشقىلارنىڭ سالامەتلىكىگە زىيان يەتكۈزىدۇ، بۇ، ئىنتايىن پەزىلەتـسىز قىلمىش.
ئەگەر قۇرامىغا يەتكەنلەرنىڭ تاماكا چېكىشىنى «ئاستا خـاراكـتـېـرلـىـك ئۆزىنى ئۆلتۈرۈش» دېسەك، ئۇنداقتا تاماكىنىڭ ياش - ئۆسمۈرلەرگە بولـغـان خەۋپى تېخىمۇ زور. ياش - ئۆسمۈرلەر تاماكا چەككەندىن كـېـيـىـن بـەزىـدە دەرھال بېشى قايىدۇ؛ يۆتىلىش، كۆپ تۈكۈرۈش قاتـارلـىـق كـېـسەلـلـىـك ئالامەتلىرى ئومۇميۈزلۈك كۆرۈلىدۇ. تاماكىنىڭ ئادەمنـى زەھەرلـىـشـى بىـراقلا ئىپادىـلەنمەيدۇ، شۇڭا يـوشـۇرۇن خـەۋپـى تـېـخىمۇ زور. تەكشۈرۈشلەرگە ئاساسلانغاندا،15 ياشتىن ئىلگىـرى تـامـاكـا چـەكـكـەن كىشىلەرنى تاماكا چەكمەيدىغان كىشىلەر بىلەن سېـلـىـشـتۇرغـانـدا، ئۇلاردا ئۆپكە راكىنىڭ كۆرۈلۈش نىسبىتى17 ھەسسە يۇقىرى بولىدىكەن. شـۇڭـا، ئوقۇغۇچىلار قائىدىسىدە ئوقۇغۇچىلارنىڭ تاماكا چېكىشىگە يول قويماسلىـق بەلگىلەنگەن.
ھېسابلاشلارغا قارىغاندا، بىر تال تاماكا چەككەندە ئۆمرى بەش مىنۇت30 سېكۇنت قىسقىرايدىكەن، بۇ، تەخمىنەن بىر تال تاماكا چەككەن ۋاقىتقـا باراۋەر ئىكەن.