مۇداپىئە ئوكۇلى سېلىش
ئادەم بەدىنىنى ئاسراش ۋە قۇتقۇزۇش بىلىملىرى
دوختۇرلار دائىم كۆپچىلىكنى «كېسەللىك بولمىسا بالدۇرراق ئالدىنى ئېلىش، كېسەللىك بولسا بالدۇرراق داۋالىـنـىـش» قـا ئەسـكـەرتـىـدۇ. مـۇداپىئە ئوكۇلى سېلىش كېسەللىك بولمىسا بالدۇر ئالدىنى ئېلىشتىكى مۇھىم تەدبىر. بـۇ ئارقىلىق ئادەمنى مەلۇم يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرگە قـارشـى تۇرالايدىغان قىلغىلى، مۇداپىئە ۋاكسىنىسى ئەملىگەن كىشىلەرنىـڭ سانى بەلگىلىك سەۋىيىگە يەتكەندە مەلۇم خىل يۇقۇملۇق كېسەللىكنىڭ تارقىلىشىنـى تىزگىنلىگىلى بولىدۇ.
مۇداپىئە ئوكۇلى ئادەم بەدىنىدە كېسەللىك پەيدا قىلىدىغان باكتېرىـيە ياكى ۋىرۇسلارنىڭ زەھەرلىك خۇسۇسىيىتىنى تۆۋەنلىتىش ئارقىلىـق ئىـلـمـىـي ئۇسۇلدا ياساپ چىقىلغان، بۇ ۋاكسىنا دېيىلىدۇ. يـەنە بـەزىـلـىـرى توكسىننى ئات قاتارلىق ھايۋانلارنىڭ تېنىگە ئوكۇل قىلـىـپ ھايـۋانلاردا زور مىقداردىكى ئانتىتېلا ھاسىل قىـلـدۇرۇپ، ئانـدىـن ئۇلارنىـڭ قـان زەردابـى ئېلىنىپ ئىشلەنگەن، بۇ ئانتىتوكسىن دېيىلىدۇ. دوختۇر ئوكۇل سېـلـىـش ئۇسۇلى بىلەن بۇ بىئو ياسالمىلارنى ئادەم بـەدىـنـىـگـە كـىـرگـۈزىـدۇ، ئادەم بەدىنىدە بەلگىلىك ۋاقىت ئىچىدە مەلۇم يۇقۇملۇق كېسەللىكـلـەرگـە قـارىـتـا پەۋقۇلئاددە قارشىلىق كۈچ پەيدا بولىدۇ، بۇنىڭ بىلەن كېسەللىكلەرنىڭ ئالدى ئېلىنىدۇ. بەزى بىئو ياسالمىلىـرى ئىچىش ئارقـىـلـىـق ئادەم بەدىنىگە يەتكۈزۈلىدۇ، شۇڭا بۇ خىل ئوكۇل سېـلـىـش، ئىچىش ئارقىلىق ئالدىنى ئېلىش ئۇسـۇلى ئومۇملاشتۇرۇلۇپ »مـۇداپىئە ئوكۇلى سېلىش« ياكى »پىلانلىق ئىممۇنىتېت« دېيىلىدۇ.
دۆلىتىمىز سەھىيە تارماقلىرى بالا تۇغۇلغاندىن كېيىن ھەرقـايـسـى ياش مەزگىلىدىكى فىزىئولوگىيىلىك ئالاھىدىلىكلەرگە ئاساسەن، پىلانـلـىـق ھالدا مۇداپىئە ئوكۇلى سېلىش كېرەك، مەسىلەن، كالمىت ۋاكسىنىسى، B تىپلىـق جىگەر ياللۇغى ۋاكسىنىسى سېلىش ئارقىلىق تۇبېركـۇليوز كـېـسـەلـلـىـكـى ۋە يۇقۇملۇق B تىپلىق جىگەر ياللۇغىدىن يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنـى ئېـلـىـش؛ بالىلار پارالىچ كېسەللىكى كۇمىلىچى يېگۈزۈش ئارقىلىق بالىلار پارالىـچ كېسەللىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش؛ كۆكيۆتەل، بوغما، قاتما (تېتانۇس) ئارىلاشما ۋاكسىنىسى، قىزىل ۋاكسىنىسى ھەمدە مېنىنگىت ۋاكسىنىسى، تارقىلىشـچان مېڭە ياللۇغى ۋاكسىنىسى قاتارلىقلارنى سېلىپ، مۇشۇ كېسەللىكلـەر بـىـلـەن يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى بەلگىلىگەن.