UyghurWiki
UyghurWikiئادەم بەدىنىنى ئاسراشھاياتلىق − ھەرىكەتتە

ھاياتلىق − ھەرىكەتتە

ئادەم بەدىنىنى ئاسراش ۋە قۇتقۇزۇش بىلىملىرى «ھاياتلىق − ھەرىكەتتە»، بۇ،18 - ئەسىردىكى فرانسىيىـلـىـك پـەيلاسـوپ دىدېرونىڭ مەشھۇر سۆزى. ئۇ، تەبـىئەتـتىكى جـانلىق ماددىلارنىڭ ھەممىسى ھەرىكەت داۋامىدا بارلىققا كېلىدۇ، تەرەققىي قىلىدۇ، ھەرىكەت توختىسا ھاياتلىقمۇ ئاخىرلىشىدۇ، دەپ قارايدۇ. ئادەمنىڭ ھاياتى ھەرىكـەتكە تايىنىدۇ، ھەرىكەت ھاياتلىققا تۈرتكە بولىدۇ. تەنتەربىيە ھەرىكىتى ئۆسمۈرلەر ۋە بالىلار بەدىنىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىنـى ئىلگىرى سۈرىدۇ. مەسىلەن، چېنىققانلار بىلەن چـېـنـىـقـمـىـغـانلارنىـڭ سۆڭەك، مۇسكۇللىرى كۆپ پـەرقـلـىنـىدۇ. چېـنىقىشـنـى داۋاملاشتۇرغان ئۆسمۈرلەر ۋە بالىلارنىڭ مۇسكۇلـى، سـۆڭـىـكـى بـىـرقـەدەر پۇختا، يوغان، بوي ئېگىزلىكىمۇ چېنىقمىغانلارنىڭكىدىن ئېگىز بولىدۇ. بـوي ئېگىزلىكىنى ئاساسلىقى تۆۋەنكى مۈچە (پۇت) ئۇزۇن سـۆڭـىـكـى بـەلـگـىـلـەيـدۇ. ھالبۇكى، ئۇزۇن سۆڭەكنىڭ ئۆسۈشى ئىككى ئۇچتىكى ئېپىفىز كۆمۈرچـەك تاختىسىغا تايىنىدۇ. ئۆسمۈرلۈك مەزگىلىدە ئۇزۇن سۆڭەكنـىـڭ ئېپىفىز كۆمۈرچەك تاختىسىدىكى ھۈجەيرىلىرى ئۈزلۈكسىز بۆلۈنىدۇ، كۆپىيـىـدۇ ۋە سۆڭەكلىشىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئۇزۇن سۆڭەك تىك يۆنىـلـىـشـتـە ئۆسـىـدۇ. ھۈجەيرىنىڭ كۆپىيىشى ئۈچۈن نۇرغۇن قاننىـڭ ئوزۇقلۇق بىلەن تەمىنلىشىگە توغرا كېلىدۇ. تەنتەربىيە چېنىقىـشـى بەدەندىكى قان ئايلىنىشنى تېزلىتىدۇ، ئېپىفىز كۆمۈرچەك تاختـىسـىـدىـكـى قاننىڭ ئېقىش مىقدارىنى كۆپەيتىدۇ. بۇ ھۈجەيرىـلەرنـىـڭ بـۆلـۈنۈشـى ۋە كۆپىيىشىگە تۈرتكە بولۇپ، سۆڭەكنىڭ ئۆسۈشىنى تېخىمـۇ تـېزلىتىدۇ. تەكشۈرۈپ ئىسپاتلىنىشىچە، يېشى، جىنسى ئوخشاش ئۆسمۈرلەر ۋە بالىلاردىن تەنتەربـىيە چېنىقىشىغـا قـاتناشقانلارنىڭ بوي ئېگىزلىكى قاتناشمىغانلارنىڭكىدىن4 ~8 سانتىمېتىر ئېگىز بولىدىكەن. تەنتەربىيە ھەرىكىتى يەنە بەدەندىكى ئەزالارنىڭ فۇنكسىيىسـىـنـى كۈچەيتىدۇ. دائىم ھەرىكەت قىلىپ تـۇرىـدىـغـان كـىـشـىـلـەرنـىـڭ ئۆپـكـە سىغىمچانلىقى ھەرىكەت قىلمىغانلارنىڭكىدىن بىر ھەسسىدىـن ئارتـۇق چـوڭ بولىدۇ. يۈرەك مۇسكۇلى تەرەققىي قىلىدۇ ھەم يۈرەكنىـڭ قىسقىرىش كـۈچـى كۈچلۈك بولىدۇ. ئاشقازان ۋە ئۈچەي فۇنكسـىـيـىـسى كۈچلۈك، ھەزىـم قىلىشى ياخشى، غىزالىنىش مىقدارى كۆپ بـولىدۇ. ھەرىـكـەت تـەن ساغلاملىقنى ئاشۇرۇپ، ئورگانىزمنىڭ قـارشـىلىق كۈچى ۋە تـەبـىئىـي مۇھىتقا ماسلىشىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرىدۇ، بۇنىڭ بىلەن كېسەللىكـلـەرنـىـڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. تەنتەربىيە چېنىقىشى داۋامىدا تەبىئەت دۇنياسىدىكـى تۈرلۈك ئامىللارمۇ ئادەم بەدىنىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ، مـەسـىـلـەن، قـۇيـاش نۇرىنىڭ چۈشۈشى، ھاۋا ۋە تېمپېراتۇرىنىڭ ئۆزگىرىـشـى ھەمـدە سـۇنـىـڭ غىدىقلىشى قاتارلىقلار ئادەم بەدىنىنىـڭ تـاشـقـى مـۇھىـتـقـا مـاسـلـىـشـىـش ئىقتىدارىنى ئاشۇرىدۇ. شۇڭا، تەنتەربىيە ھەرىكىتـىـگـە دائىـم قـاتـنـاشـقـان كىشىلەرنىڭ بەدىنى قاۋۇل، ئۆزى تېتىك، ئەقىللىق، ئىنكاسى تـېـز بـولـۇپلا قالماي، يېڭى شەيئىلەرنى قوبۇل قىلىشىمۇ تېز بولىدۇ، ئادەتتە ناھايىـتـى ئاز كېسەل بولىدۇ. تەنتەربىيە ھەرىكىتى يەنە ئادەمنىڭ بەدەن قىيـاپـىـتـىـنـى گۈزەللەشتۈرىدۇ. تەنتەربىيە چېنىقىشىـدا مـۇھىـمـى ئۇنـى ئۇزاققىچە داۋاملاشـتـۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ، ئۇنى ئۇزاققىچە داۋاملاشتۇرغاندىلا كۆڭۈلدىكـىـدەك ئۈنـۈم ھاسـىـل قىلغىلى بولىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئادەم بەدىنىنى ئاسراش