مۇۋاپىق ئوزۇقلۇق ساغلاملىقنىڭ ئاساسى
ئادەم بەدىنىنى ئاسراش ۋە قۇتقۇزۇش بىلىملىرى
مۇۋاپىق ئوزۇقلۇق بەدەن ساغلاملىقىنىڭ ئاساسى، ئوزۇقلۇق ماددىلار ئىنسانلارنىڭ تەرەققىي قىلىشى، كۆپىيىشىدىكى ئەڭ ئاساسىي مـاددىـي شەرت، ئوزۇقلۇق ئاساسەن يېمەكلىكتىن كېلىدۇ.
تۈرلۈك يېمەكلىكلەرنىڭ ئوزۇقلۇق تەركىبى ئاقسـىـل، يـاغ، شـېـكـەر، ئانئورگانىك تۇز (جۈملىدىن مىكرو ئېلېمېنـتلار)، ۋىـتـامـىـن، سـېلـلۇلوزا ۋە سۇدىن تەركىب تاپىدۇ. ئىستېمال قىلىنغان يېمەكلىـك بـەدەنـنـىـڭ ھەزىم قىلىپ سۈمۈرۈشى ۋە پايدىلىنىشى ئارقىلىق ئىسسىقلىق ئېنېرگىيىـسـى ھاسىل قىلىپ، ئورگانىزمنىڭ بىر قىسمىنى تەشكىللەپ، ئۆسۈپ يېتىـلـىـش ۋە تۈرلۈك فۇنكسىيىلىك ئىقتىدارلارنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇپ، كېـسەلـلىككـە قارشى تۇرۇش ئىقتىدارى ۋە سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئىقتىدارىنـى كۈچەيتىدۇ. بىر مىللەتنىڭ بوي - تۇرقى ئىرسـىـيـەت ئامـىـلىـدىن بـاشقـا، يەنە ئوزۇقلۇقنىڭ ياخشى - ناچارلـىـقـى بـىـلـەنـمـۇ ئىـنـتـايـىـن مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ. بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتـىـلـىـشـى ئوزۇقـلـۇق قـوبـۇل قىلىش سەۋىيىسى بىلەن تېخىمۇ زىچ مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ.
ئوزۇقلۇق يەنە بالىلارنىڭ ئەقلىي جەھەتتىن يېتىلىشى، ئىممـۇنـىـتـېـت ئىقتىدارى، ھەرىكەت قابىلىيىتى ياكى ھەرىكەت نەتـىـجـىـسـى بـىـلـەن زىـچ مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ. غىزادا يېتەرلىك ئىسسىقلىق ئېنېرگىيىسـى، ئاقـسـىـل ھەمدە ۋىتامىن بولسا چارچاشـنـى ئازايـتـىـپ، ئەمگەك ئۈنۈمـدارلـىـقـى ۋە ئۆگىنىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، كېسەللىككە قـارشـى تـۇرۇش ئىـقـتـىـدارىـنـى كۈچەيتىدۇ.
ئوزۇقلۇقنىڭ ناچار بولۇشى قان ئازلىق، ئىممۇنىتېت كۈچى تۆۋەنلـەپ كېتىش، ئەقلىي ئىقتىدارى تۆۋەن ۋە بەدەننىڭ يېتىلىشى ئاستا بولۇش قاتارلىق بىـر قاتار مەسىلىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ؛ ئوزۇقلۇق زىيادە ئېشىپ كەتسـىـمـۇ بالىلار زىيادە سەمرىپ كېتىپ، ساغلاملىق ۋە ئۆسۈپ يېتىلىشكە پايدىـسىز بولغان كۆپ تەرەپلىمىلىك تەسىرلەرنى پەيدا قىلىدۇ. شۇڭا، غىزانى ئىـلـمىي ئورۇنلاشتۇرۇش، ياخشى يېمەك - ئىچمەك ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش، ئەتراپلىـق، مۇۋاپىق ئوزۇقلىنىش كېرەك.