ئىسسىق ئۆتۈپ قالغۇچىلارنى جىددىي قۇتقۇزۇش
ئادەم بەدىنىنى ئاسراش ۋە قۇتقۇزۇش بىلىملىرى
تومۇز ئىسسىق كۈنلىرى كۈچلۈك قۇياش نۇرىدا ئۇزاققىچە تـۇرغـانـدا؛ يۇقىرى تېمپېراتۇرا شارائىتىدا ئەمگەك ۋە ھەرىكەت قىلـغـانـدا؛ يـاكـى دىـمـىـق ئىسسىق، نەم، شامال ئۆتۈشمەيدىغان شارائىتتا خىزمەت قىلغاندا ۋە تـۇرمـۇش كەچۈرگەندە ئادەم بەدىنىدىكى نورمال ئىسسىقلىق ھاسـىـل قىلىش ۋە ئىسسىقلىق تارقىتىش تەڭپۇڭلۇقى تەسىرگە ئۇچراپ، بەدەن تېمپېراتۇرىـسـى زىيادە ئۆرلەپ كېتىدۇ - دە، كۆپلەپ سۇ ۋە تۇزنى يوقىتىدۇ، ھەتتا مېڭـە سـۇلـۇق ئىششىقى پەيدا بولىدۇ. مۇشۇ سەۋەبلىك بەدەندە بىر قاتار كېسەللىك ئالامـەتـلـىـرى كۆرۈلىدۇ، مانا بۇ ئىسسىق ئۆتۈپ قېلىش دېيىلىدۇ.
ئىسسىق ئۆتۈپ قېلىشنىڭ دەسلىپىدە بېشى قېيىپ كـۆزى تورلاشقاندەك، ماغدۇرسىزلانغاندەك، دېمى سىقىلغاندەك ھېس قىلىـدۇ ھەمـدە يېنىك دەرىجىدە قەي قىلىدۇ. بۇ چاغدا سالقىنراق، شامال ئۆتۈشىـدىغان جايغا بېرىپ دەم ئالسا، تۇز سېلىنغان قايناقسۇ ئىـچىپ بەرسە ئەھۋالدا ياخشىلىنىش بولىدۇ. ئېغىر دەرىجىدە ئىسسىق ئۆتۈپ قالغـاندا بولسا كېسەللىك جىـددىـي قوزغىلىپ بـاش قايـىـدۇ، ئاغرىيدۇ، زىيادە ماغدۇرسىزلىنىدۇ، ئاغزى قۇرۇپ يۈرەك سىقىلىدۇ، ئىچى ئىلىشىپ قـەي قىلىدۇ، كۆپىنچىلىرىنىڭ بەدەن تېمپېراتۇرىسى ئۆرلەيدۇ. بۇ چـاغدا دەرھال سالقىن ۋە شامال ئۆتۈشىدىغان جايغا ئاپىرىش، كىيىم - كېچەكلىـرىـنـى يېشىپ تۈز ياتقۇزۇش ھەمدە تۇز سېلىنغان قايناقسـۇ ئىـچـكۈزۈش، شىدىشۈي، رېندەن، خوشاڭجىڭچىۋەن قاتارلىق دورىلارنـى يـېـگـۈزۈش، شۇنىڭ بىلەن بىللە باش، بويۇن، قولتۇق، جەينەك ئويـمـىـنـى قـاتارلىق جايلارغا سوغۇق لۆڭگە قويۇش كېرەك. ئېغىر دەرىجىدە ئىسسىق ئۆتـۈپ قالغان بىمارلاردا بەدىنى تارتىشىش، بىرنەرسىنى ئىلغا قـىلالماسلىق، ھوشسىزلىنىش، ھەتتا يۇقىرى قىزىتما، نەپەسلىنىش، قان ئايلىنىشنىڭ ئاجىزلىشىشىدىن شوك بولۇپ قېلىش كېلىپ چىقىدۇ، بۇ ۋاقىتتا بىمارنى دەرھال دوختۇرخانىغـا ئاپىرىپ قۇتقۇزۇش ئېلىپ بېرىش كېرەك.
ئىسسىق ئۆتۈپ قېلىشتىن ساقلىنىشتا مۇھىمى ئالدىنى ئېلىش كېـرەك. تومۇز ئىسسىق كۈنلىرى كۈچلۈك قۇياش نۇرىدا ئۇزاق تـۇرۇشـتىـن ئىمكانقەدەر ساقلىنىش؛ ئۆيلەردە ھاۋا ئالماشتـۇرۇشقا دىقـقەت قىلىش؛ كەڭرەك، سۇس رەڭدىكى كىيىملەرنى كىيىش ھەمدە ئوبدان غىزالىنىش، يېتەرلىك ئۇخلاشقا دىققەت قىلىش كېرەك. تەر كۆپ چىققاندا ۋاقتىدا سـۇ ئىچىش ۋە تۇز تولۇقلاش لازىم. ئۆيگە رېندەن، شىدىشۈي قاتارلىق ئىسسىق ئۆتۈپ قېلىشتىن ساقلىنىـش دورىلىرىنى تـەييارلاپ قويۇش لازىم. ماش شورپىسى، قارىئۆرۈك سۈيى، يۇمغاقسۈت سۈيى قـاتارلىقلار ئىسسىق ئۆتـۈپ قېلىشتىن ساقلىنىشتىكى قۇلايلىـق ھەم كۆڭۈلدىكـىـدەك ئۇسـسـۇزلـۇق ھېسابلىنىدۇ.