UyghurWiki
UyghurWikiئادەم بەدىنىنى ئاسراشبالاغەتكە يېتىش مەزگىلىدىكى گىگېنا

بالاغەتكە يېتىش مەزگىلىدىكى گىگېنا

ئادەم بەدىنىنى ئاسراش ۋە قۇتقۇزۇش بىلىملىرى بالاغەتكە يېتىش مەزگىلى ئادەم بەدىنىنىڭ يېتىلىشىنىڭ مـۇھىم مەزگىلى، شۇنداقلا پۈتكۈل ھاياتتىكى ئاچقۇچلۇق مەزگىل. بـالاغەتكـە يېتىش مەزگىلىدىكى سالامەتلىك ئەھۋالى كۆپىنچە پۈتكۈل ئۆمرىگە تـەسىـر كۆرسىتىدۇ. ياخشى تازىلىق ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش بالاغەتكـە يېتىش مەزگىلىدىكى گىگېنانىڭ بىرىنچى شەرتى. بالاغەتكە يېتىش مەزگىلى ھاياتنىڭ ئەڭ قايناق مەزگىلى بولۇپ، بۇ مەزگىلدە كۆپىنچە قىزىقىش بىلەنلا مەلۇم تەرەپكە بېرىلىپ كېتىدىغان بولغاچقا، تۇرمۇش قانۇنىيىتى كەمچىل بولىدۇ. شۇڭا، بۇ مەزگىلدە تۆۋەندىكى بىرقانچە ئىشقا دىققەت قىلىش كېرەك: بىرىنچى، تۇرمۇش، ئۆگىنىش پائالىيىتىنى قانۇنىيەتلىكلەشتۈرۈش، ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي جەھەتلەردىن ئەتراپلىق يېتىلىش كېرەك. ئىككىنچى، يېمەك - ئىچمەك سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشكە دىققەت قـىلىـش، ئوزۇقلۇقنى كۈچەيتىش، بولۇپمۇ پۇرچاق تۈرىدىكى يېمەكلىك ۋە ھايۋانات تۈرىدىكى يېمەكلىكلەرنى كۆپەيتىش، يېتەرلىك مىقداردا ئاقسىل ئىسـتېمال قىلىش؛ يېشىل يوپۇرماقلىق كۆكتاتلارنـى كۆپرەك يېيىش ئارقىلىق كاروتىننى كۆپەيتىش، بىراق بىر قېتىمدىلا زىـيـادە كـۆپ يەۋالماسلىق كېرەك. قىزلار ئورۇقلايمەن دەپ تاماقنى زىيادە ئازايتمـاسلىقـى كـېـرەك، ئۇنداق بولمىغاندا نورمال يېتىلىشكە تەسىر يېتىپ كېسەللىك پەيدا بولىدۇ. ئۈچىنچى، تاماكا چەكمەسلىك ۋە كۆپ ھاراق ئىچـمـەسـلـىـك كېرەك. تاماكا چېكىش ۋە ھاراقنى كۆپ ئىـچـىـش ئادەم بـەدىـنـىـنـى زەھەرلەش رولىنى ئوينايدۇ. ئۇنىڭ بالاغەتكە يېتىش مەزگىلىدىكى ياشلارغا زىيىنى ئىنتايىن چوڭ بولۇپ، ھەتتا ئۆمۈرلۈك كېسەلگە گىرىپتار قىلىدۇ. تۆتىنچى، ھەيز مەزگىلىدىكى تازىلىققـا دىـقـقـەت قىلىش كـېـرەك. قىزلاردا13 −14 ياشتىن كېيىن ھەيز كېلىدۇ. ھەيز مەزگىلىدە بـەدەنـدە بىرقەدەر زور ئۆزگىرىشلەر بولىدۇ، كېسەللىككە قارشى تۇرۇش ئىـقتىدارىمـۇ تۆۋەنلەيدۇ، شۇڭا پۈتۈن بەدەننىڭ ساقلىقىنى ساقلاش ۋە قـىـسمەن دائىرىنىڭ تازىلىقىغا دىققەت قىلىش كېرەك. ئوغۇللار بالاغەتكە يېتـىـش مـەزگىلىگـە كىرگەندىن كېيىن، ئۇخلاۋاتقاندا ئىسپېرما سۈيدۈك يـولىدىن چىقىپ كېتىش ئەھۋالـى كۆرۈلىدۇ، بۇ ئېھتىلام بولۇش دېيىلىدۇ. ئادەتتە بىرنەچچە ھەپتە ياكـى ئۇنىڭدىـنـمـۇ ئۇزاقـراق ۋاقـىتتـا بىر قـېتىـم كۆرۈلىدۇ، بـۇ نـورمـال فىزىئولوگىيىلىك ھادىسە، ئۇنىڭدىن ۋەھىمە يېيىشنىڭ ھاجىتى يوق. بىراق، ئېھتىلام بولۇش پات - پات يۈز بەرسە سالامەتلىككە پايدىـسىز، بـۇ چـاغـدا ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا دىققەت قىلىش كېرەك. ئالدىنى ئېلىـشتـا، تـاشـقـى جىنسىي ئەزالارنى بىلىپ تۇرۇپ غىدىقلىماسلىق؛ زېھنىي قـۇۋۋىتىنـى ئۆگىنىشكە مەركەزلەشتۈرۈپ، شەھۋانىي كىتاب - ژۇرنال ۋە ئۈن - سىن فىلىملىرىگە ئاڭلىق تاقابىل تۇرۇش؛ تۇرمۇشتا قانۇنىيەتلىك بولۇپ، ھۇرۇنلۇق قىلىپ ئۇخلاۋەرمەسلىك؛ ئۇخلاشتىن ئىلگىرى ئىلمان سۇ بىلەن پۇتىنى يۇيۇش، كالتە ئىشتاننىڭمۇ بەك قىسىدىغىنىنى كىيمەسلىك كېرەك. ئوغۇللار يېڭىلا ئۆسكەن ساقال - بۇرۇتلىرىنى يۇلماسلىقى لازىم، چۈنكى بۇ جايدا قان تومۇرلار كۆپ بولغاچقا كېسەللىك باكتېرىيىلىرى ئاسانلا قانغا كىرىۋېلىپ، سېپتىتسېمىيە پەيدا قىلىدۇ. قىزلارمۇ كۆكرەك قىسمىنىڭ يېتىلىشى ۋە قان ئايلىنىشقا تەسىر يېتىپ يېتىلىشىنىڭ بىنورمال بولۇپ قېلىشىدىن سـاقلىنىش ئۈچۈن كۆكرەك ۋە بېلىنى چىڭ تېڭىۋالماسلىقى كېرەك.
← بارلىق تېمىلار ئادەم بەدىنىنى ئاسراش