غەيرىي نەرسىلەرنى يۇتۇۋالغۇچىلارنى جىددىي قۇتقۇزۇش
ئادەم بەدىنىنى ئاسراش ۋە قۇتقۇزۇش بىلىملىرى
بالىلار نەرسىلەرنى ئاغزىغا سېلىپ شۈمۈشكە ئامراق كېلىدۇ، سەللا بىخـۇدلـۇق قىلىنسا كاناي ياكى ئاشقازانغا كىرىپ كېتىدۇ.
غەيرىي نەرسىلەرنى يۇتۇۋالغانلىقىنى بايقىغانـدا ھەرگـىـزمـۇ ھودۇقـۇپ كەتمەسلىك، تاماق، كۈدە ياكى باشقا يېمەكلىكلەرنى يېگۈزۈش ئارقىلىق بۇ غەيرىي نەرسىلەرنى تۆۋەنگە ھەيدىمەسلىك، دەرھال دوختۇرخانىغا ئاپـىـرىـپ داۋالىتىش لازىم. دوختۇر كېسەللىك تارىخىغا ئاساسەن X نـۇرىـدا كـۆرۈش ياكى رەسىمگە ئېلىش ئارقىلىق غەيرىي نەرسىنىڭ خاراكتېـرى ۋە ئورنـىـنـى بېكىتىپ، ئاندىن داۋالاش ئۇسۇلىنى بەلگىلەيدۇ.
كاناي ئادەم بەدىنى بىلەن تاشقى مۇھىتنىڭ ھاۋا ئالماشتۇرۇشـىـدىـكـى مۇھىم يول. ئەگەر غەيرىي نەرسىلەر بۇ يولنـى تـوسـۇۋالـسـا ھاۋانـىـڭ ئۆتۈشۈشى راۋان بولمايدۇ، ھەتتا نەپەسلىـنـىـش يـولى بەك توسۇلۇپ قالسا ئادەم تۇنجۇقۇپ ئۆلىدۇ. غەيرىي نەرسىلەر كانايغا كىرىپ قالسا ئادەم قېقىـلـىـپ يۆتىلىدۇ، نەپەسلىنىشى قىيىنلىشىدۇ، كالپۇك ۋە چىرايى كۆكىرىش قاتـارلـىـق جىددىي كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ، قۇتقۇزۇش ۋاقتـىـدا بولـمـسا ئۆلۈم ھادىسىسى كېلىپ چىقىشى مۇمكىن، شۇڭا دەرھال دوخـتـۇرخـانـىـغـا ئاپىرىپ جىددىي قۇتقۇزۇش كېرەك.
بەزى سىلىقراق نەرسىلەر ئاشقازانغا كىرىپ كەتسە ئالاھىـدە داۋالاشنىڭ ھاجىتى يوق. مەسىلەن، تۈگمە، تـەڭـگـە قـاتـارلـىـق سـىـلىـقـراق نەرسىلەر2 −3 كۈندىن كېيىن تەرەت بىلەن چـىقىپ كېتىدۇ. بىراق، ئۇچلۇق نەرسىلەر ھەزىم قىلىش يولى ياكى بـاشقا ئەزالارنى زەخىملەندۈرۈپ ئېغىر ئاقىۋەت كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان بولغاچقا، بۇنىڭغا ئالاھىدە دىققەت قىلىش كېرەك. ئۇچلۇق ياكى زەھەرلىك نەرسىلەر ۋە ياكى غـەيـرىي ماددىلار مەلۇم جايدا4 −5 كۈندىن ئارتۇق تۇرۇپ قالسا ئوپېراتسىيە ئارقىلىق داۋالاشقا توغرا كېلىدۇ.
غەيرىي نەرسىلەرنىڭ كاناي ۋە ئاشقازانغا كىرىپ كېتىشىدىن ساقلىنىـش ئۈچۈن، ئۇششاق - چۈششەك ئويۇنچۇق ۋە نەرسىلەرنى ئاغزىغا سېلىپ ئوينىماسلىق كېرەك؛ نەرسە يېگەندە دىققىتىنى چاچماسلىق، كۈلكـە - پاراڭ قىلماسلىق، يېتىۋېلىپ يېمەسلىك كېرەك؛ يـېمەكلىكتـىكى سـۆڭـەك، قىلتىرىقلارنى ئىنچىكىلىك بىلەن تازىلىۋەتكەندىن كېيىن ئاندىن يېيىش لازىم.