سۇغا چۈشۈپ كەتكۈچىلەرنى جىددىي قۇتقۇزۇش
ئادەم بەدىنىنى ئاسراش ۋە قۇتقۇزۇش بىلىملىرى
سۇغا چۈشۈپ كەتكەندە نۇرغۇن سۇ ئۆپكىگە كىرىپ كېكىردەكنى سپازمىلايدۇ - دە، ئوكسىگېن يېتىشمەسلىك تۈپەيلىدىن تۇنجۇقۇش يۈز بېرىدۇ. ئەگەر قۇتقۇزۇش ۋاقىتـدا ئېلىپ بېرىلمىسا، ئادەم تېزلا ئۆلۈپ كېتىدۇ.
باشقىلارنىڭ سۇغا چۈشۈپ كـەتـكەنلىكىنى كۆرگەن ھامان دەرھال ئەتراپتىكى كىشىلەرنى ياردەمگە چاقىرىش، شـۇنىڭ بىلەن بىللە تېزدىن تاختاي، يـاغاچ ۋە قۇتقۇزۇش چەمبىرىكى قاتارلىقلارنى سۇغا چۈشۈپ كەتكۈچىنىڭ يېنىغـا تـاشلاپ بېرىش ياكى ئۇزۇن بامبۇك خادىسى، تاياق قاتارلىقلار بىلەن سۇغا چۈشۈپ كەتكۈچىلەرنى تارتىپ قىرغاققا چىقىرىۋېلىش كېرەك. ئەگەر سۇغا چۈشۈپ قۇتقۇزۇش توغرا كەلسە سۇغا چۈشۈپ كەتكۈچىنىڭ كەينىدىن يېقىنلىشىپ ئىتتىرىپ مېڭىش، ھەرگىزمۇ ئۇدۇلدىن يېقىنلاشماسلىق كېرەك. ئەگەر سۇغا چۈشۈپ كەتكۈچى قۇتقۇزغۇچىنى چىڭ قۇچاقلىۋېلىپ ئاجرىتىش ئىمكانىيىتى بولمىسا، ئۇنـىـڭ يۈزىدىن ئارقىسىغا ئىتتىرىش ياكى بۇرنىنى قىسىۋېلىپ قـولىنى بوشاتقۇزۇش كېرەك.
سۇغا چۈشۈپ كەتكۈچىنى قىرغاققا ئېلىپ چىققاندىن كېيىن دەرھال نەق مەيداندا جىددىي قۇتقۇزۇش ئېلىپ بېرىش كېرەك. بۇنىڭدا ئالدى بىلەن ئۇنىڭ ئېغىز - بۇرۇنلىرىدىكى لاي - لاتقا ۋە ئوت - چۆپلەرنى تازىلىۋېتىش، كىيىمىنى يېشىۋېتىش، شۇنىڭ بىلەن بىللە تىلىنى تارتىپ چىقىرىپ نەپەس يولىنى راۋانلاشتۇرۇش ھەمدە دۈم قىلىپ ياندۇرغۇزۇش ھەرىكىتىنى ئىشلەش كېـرەك. سۇنى ياندۇرۇغۇزۇشنىڭ مۇنداق ئىككى خىل ئۇسۇلى بار: بىـرىنچىسى، سۇغا چۈشۈپ كەتكۈچىنى ئېڭىشتۈرۈپ بەل قىسمـى ئېگىزلىتىلىدۇ، بـاش ۋە مۈرىسى تۆۋەنلىتىلىدۇ ھەمدە دۈمبە قىسمى قول بىلەن بېسىلىپ ئاشـقـازان، ئۆپكە، كانايدىكى سۇ چىقىرىۋېتىلىدۇ. ئىككىنچىسى، قۇتقۇزغـۇچـى بىر پۇتى بىلەن تىزلىنىپ، بىر پۇتىنى ئېگىـپ، سۇغا چـۈشۈپ كەتكۈچىنىڭ قورساق قىسمىنى يوتىسىغا قويۇپ بېشىنى ساڭـگىلىتىدۇ، ئاندىن بەل قىسمىنى قولى بىلەن بېسىپ سۇنى يـانـدۇرغـۇزىـدۇ. بـۇنـىڭدا ھەرىكەت تېز بولۇش، مىنۇت - سېكۇنتنىمۇ قولدىن بەرمەسـلىك كـېـرەك. ئەگەر سۇ يانمىسا سۇنى ياندۇرغۇزىمەن دەپ تىركـىـشىـپ تـۇرماسـلىـق، ناۋادا نەپەسلىنىش بىلەن يۈرەك سوقۇش توختىغان بولسا سۈنئىي نەپەسلەندۈرۈش بىلەن يۈرەكنى بېسىشنى بىرلا ۋاقىتتا ئېلىپ بېرىش كېرەك. سـۈنئىي نەپەسلەندۈرۈشتە ئوڭدىسىغا ياتقۇزۇپ ئاغزىدىن نەپەسلەندۈرگەن ياخـشـى. دۈم ياتقۇزۇپ دۈمبىسىدىن بېسىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، يۈرەكنى بېسىشنىمۇ بىللە ئېلىپ بېرىش كېرەك. سۇغا چۈشۈپ كەتكۈچىنـى قـۇتقۇزۇش ۋاقتىدا، ئۇدا ۋە ئۇزاق بولۇشى لازىم، بەزىدە بىرنەچچە سائەتتە ئاندىن ئۈنۈمى كۆرۈلىدۇ.