UyghurWiki
UyghurWikiئادەم بەدىنىنى ئاسراشبالاغەتكە يېتىش مەزگىلىدىكى جىنسىي تەنتەكلىك

بالاغەتكە يېتىش مەزگىلىدىكى جىنسىي تەنتەكلىك

ئادەم بەدىنىنى ئاسراش ۋە قۇتقۇزۇش بىلىملىرى بالاغەتكە يېتىش مـەزگىلىدىكى ئەڭ روشەن ئىپادە جىنـسىي ھورموننىڭ ئاجرىلىش مىقدارى مەلۇم سەۋىيىگە يەتكەندە، جىنـسىي جەھەتتە فىزىئولوگىيىلىك تەنتەكلىك كۆرۈلۈشكە باشلايدۇ. جىنسىي ھەۋەس ئىنسانلاردىكى بىر خىل تەبىئىي فىزىئولوگىـيـىـلـىـك ھادىسە ۋە پسىخىكىلىك ئارزۇ. بىراق، ئىنسان ئەقىل ئىگىسى بولۇپ، ئۇ ھايۋانلارغا ئوخشىمايدىغان بولغاچقا، ئۆزىنىڭ ھەرىكىتىنى قانداق قىلىپ ئىـجتىمائىي ئەخلاق ۋە دۆلەت قانۇنى ئارقىلىق چەكلەشنى بىلىدۇ. جىنسىي تەنتەكلىككە ئاقىلانە مۇئامىلە قىلغىلى بولۇش - بولماسلىق ئادەمنىڭ پۈتۈن ھاياتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. بەزى ئۆسمۈرلەرنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈش پاكىتى بالاغەتكە يېتىش مەزگىلىنىڭ »خەتەرلىك مەزگىل« ئىـكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. بالاغەتكە يېتىش مەزگىلىدە ھەم جىنسىيەتكە دائىر ئىلمىي بىلىملەرنى ئىگىلەش، جىنسىي تازىلىققا دىققەت قىلىپ، جىنسىي ئەزا ۋە ئۇنىڭ فۇنكسىيىسىنى نورمال يېتىلدۈرۈش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش؛ ھەم ئەخلاق ۋە قانۇنچىلىق قارىشىنى كۈچەيتىپ ئالىيجاناب پەزىلەتنى يېتىلدۈرۈش، ئۆز - ئۆزىنى تىزگىنلەش ۋە چەكلەش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. زېھنىي كۈچىنى ئۆگىنىشكە مەركەزلەشتۈرۈپ تۈرلۈك پايدىلىق كوللېكتىپ پائالىيەتلەرگە ئاكتىپ قاتنىشىش، كەڭ دائىرىدىكى قىزىقىش ۋە ھەۋەسـنـى يېتىلدۈرۈپ مول مەزمۇنلۇق پائالىيەتلەر ئارقىلىق تۇرمۇشىنى بېيىتىش كېرەك. شەھۋانىي ياكى ساغلام بولمىغان سىنئالغۇ ۋە كىتابلارنى كۆرمەسلىك، ئىستىلى دۇرۇس بولمىغان كىشىلەرنى دوست تۇتماسلىق، قىز - ئوغۇل ساۋاقداشلار ئارا باشتىن - ئاخىر ساپ دوستلۇقنى ساقلاپ قوپال ۋە بىھايا سۆزلەرنى قىلماسلىق، ناچار تەسىردىن ساقـلىنىش كېرەك. كۈندىلىك تۇرمۇشتا مەشغۇلات تۈزۈمىگە قاتتىق رىئايە قىلىپ ھەر كۈنى ۋاقتىدا ئۇخلاش ۋە ۋاقتىدا ئورنىدىن تۇرۇش؛ شەخسىي تازىلىققا دىققەت قىلىپ ھەر كۈنى ئۇخلاشتىـن ئىلگىرى تـاشـقى جىنسىي ئەزالىرىنى ئىلمـان سۇدا يۇيـۇش؛ تـاشـقـى جىنسىي ئەزالىرىنىڭ غىدىقلىنىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن كۆڭلەك، ئىشتانلارنى كەڭ كىيىش؛ يوتقان زىيادە ئېغىر ۋە زىيادە ئىسسىق بولۇپ كەتمەسلىك؛ ئۇخلىغـاندا ئەڭ ياخشىسى ئوڭ تەرىپىنى بېسىپ يېتىپ ھەرقايسى قىسىم، ئورگانلارنى ئازادە قويۇپ بېرىش؛ ئوڭدىسىغا يېتىش ياكى دۈم يېتىشتىن ساقـلىنىپ تاشقى جىنسىي ئەزالىرىغا بولغان بېسىم ياكى سۈركىلىشنى ئازايتىش كېرەك. گۈزەل بالاغەتكە يېتىش مەزگىلىڭىزنى جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن خۇشال - خۇرام ئۆتكۈزۈشىڭىزگە تىلەكداشمىز.
← بارلىق تېمىلار ئادەم بەدىنىنى ئاسراش