UyghurWiki
UyghurWikiئادەم بەدىنىنى ئاسراشكۆيۈپ يارىلانغۇچىلارنى جىددىي قۇتقۇزۇش

كۆيۈپ يارىلانغۇچىلارنى جىددىي قۇتقۇزۇش

ئادەم بەدىنىنى ئاسراش ۋە قۇتقۇزۇش بىلىملىرى كۆيۈپ يارىلانغۇچىلارنى قۇتقۇزۇش ۋە داۋالاشتا كۆيۈش دەرىجىسىگە ئاساسەن ئوخشىمىغان ئۇسۇللار قوللىنىلىـدۇ. كۆيۈش دەرىجىسى ئادەتتە تېرىنىڭ زەخىملىنـىـش چـوڭـقـۇرلـۇقـى ۋە ھەجـمىگە ئاساسەن ئايرىلىدۇ. تېرىنىڭ زەخىملىنىش چوڭقۇرلۇقىغا ئاساسەن كۆيۈك ئۈچ دەرىجىگە ئايرىلىدۇ، يەنى يۈزە تېرىسىلا زەخىملىنىپ قىزىرىپ قالغان، سەل - پەل ئىششىپ ئېچىشىپ ئاغرىغان ھەمدە سۇلۇق قاپارتما بولمىغان بولسا بىرىنچى دەرىجىلىك كۆيۈك بولىدۇ. بىرىنچى دەرىجىلىك كۆيۈككە ئازراق ئۆسۈملۈك مېيى سۈرتۈپ قويۇلسىلا2 −3 كۈندە كېسەللىك ئالامىتى يوقىلىشقا بـاشلاپ،4 −5 كۈندە قاقاچ چۈشۈپ تارتۇق قالماي ئۆزلۈكىدىن ساقىيىپ قالىدۇ. كۆيگەندىن كېيىن تېرىدە سۇلۇق قاپارتما پەيدا بولسا، جاراھەت يۈزى شەلۋەرلەپ قاتتىق ئاغرىسا، يەڭگىل ئىككىنچى دەرىجىلىك كۆيۈك بولىدۇ، بۇنىڭدا ساقايغاندىن كېيىن تـارتۇق قالمايدۇ؛ ئەگەر جاراھەت يۈزى ئاقىرىپ سۇلۇق ئىششىق روشەن بولسـا، ئاغرىسا، لىكىن ئاغرىق بەك قاتتىق بولمىسا، ئېغىرراق ئىككىنچى دەرىجىلـىـك كـۆيـۈك بـولىـدۇ، بۇنىڭدا ساقايغاندىن كېيىن ئازراق تارتۇق قـالـىدۇ. ئىككىنـچى دەرىجىلىك كۆيۈكنىڭ كۆيگەن قىسمىنى ئەستايىدىل دېزىنفېكسىيە قىلـىـپ تـازىلاش، چوڭ ھەم پۈتۈن سۇلۇق قاپارتمىلارنى ئەتراپىدىن قايچا بىلەن كېسىپ سۈيىنى چىقىرىۋېتىش ياكى تازىلىۋېتىش كېرەك؛ كېسىلگەن سۇلۇق قاپارتمىلارنىڭ قالدۇقلىرىنى پاكىز كېسىپ ئېلىۋېتىش، ئاندىن دورا مەلھىمى سۈرتۈپ تېڭىپ قويۇش ھەمدە ۋاقتىدا دورا ئالماشتۇرۇپ تۇرۇش كېرەك. ئۈچىنچـى دەرىجىلىك كۆيگەن تېرىنىڭ رەڭگى كۈل رەڭ ئاق رەڭدە بولۇپ، سۇلۇق قاپارتما بولمايدۇ، خۇرۇمغا ئوخشاش قاتتىق بولىدۇ ھەمدە قاقاچلىشىپ كېتىدۇ، ئاغرىق سـېزىمى بولمايدۇ، بىراق چوڭقۇر قىسىمدىكى توقۇلمىلار سۇلۇق ئىـشـشىيدۇ، ساقايغاندىن كېيىن كۆپ ساندىكىلىرىگە تېرە يۆتكەشكە توغرا كېلىدۇ، تارتۇق ياكى تارتۇقنىڭ تارتىشىشىدىن غەلىتە شەكىل پەيدا بولىدۇ. يەنە بىر خىلى تېرىنىڭ كۆيۈش كۆلىمىگە ئاساسەن كۆيۈشنىڭ ئېغىر - يېنىكلىك دەرىجىسى بېكىتىلىدۇ. ئادەم بەدىنى ھەرقايسى قىسىملىرىدىكى تېرىلەرنىڭ ئادەم بەدىنىدىكى ئومۇمىي تېرە كۆلىمىگە بولغان نىسبىتى ئايرىم - ئايرىم مۇنداق بولىدۇ: يەنى باش - بويۇن قىسمىنىڭ %9 ، ئۈستۈنكى مۈچىنىڭ %18، كۆكرەك - قورساق قىسمىنىڭ %18، بەل - دۈمبە قىـسمىنىڭ %18 ، تـۆۋەنـكـى مۈچىنىڭ %36، چات ئارىلىقى ۋە تاشقى كۆپىيىش ئەزالىرىنىڭ %1 بولىدۇ. كۆيۈك ئېغىر بولغاندا قىسمەن دائىرىدىكى توقۇلمىلار زەخىملەنگەندىـن باشقا، پۈتۈن بەدەندىمۇ بىر قاتار فىزىئولوگىيىلىك ۋە بىئوخىمىيىلىك ئۆزگىرىشلەر بولىدۇ، مەسىلەن، بەدەن سۇيۇقلۇقى كۆپلەپ يوقىلىدۇ، كىسلاتا - ئىشقارلىق تەڭپۇڭلۇقى بۇزۇلىدۇ، قان سىغىمى ئازىيىدۇ، بۆرەك ئىقتىدارى زىيانغا ئۇچرايدۇ ۋەھاكازالار. شۇڭا، دەرھال دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ قۇتقۇزۇش ئېلىپ بېرىش كېرەك.
← بارلىق تېمىلار ئادەم بەدىنىنى ئاسراش