UyghurWiki
UyghurWikiئادەم بەدىنىنى ئاسراشسۆڭەك سۇنۇش ۋە بوغۇم چىقىپ كېتىش

سۆڭەك سۇنۇش ۋە بوغۇم چىقىپ كېتىش

ئادەم بەدىنىنى ئاسراش ۋە قۇتقۇزۇش بىلىملىرى سۆڭەك سۇنۇش ۋە بوغۇم چىقىپ كېتىـش يـاشلار ۋە بـالـىلاردا دائىـم كۆرۈلىدىغان زەخىملىنىش بولۇپ، كۈندىلىـك تـۇرمـۇش ۋە تـەنـتـەربـىـيـە پائالىيەتلىرىدە كۆپ كۆرۈلىدۇ. سۆڭەك سۇنۇش ئوچۇق ۋە يېپىق سۆڭەك سۇنۇش دەپ ئىكـكـى خىلغا ئايرىلىدۇ. ئوچۇق سۆڭەك سۇنۇشتا سۆڭەكنىڭ سۇنغان قىسمى مۇسكۇل ۋە تېرىدىن چىقىپ تۇرىدۇ؛ يېپىق سۆڭەك سۇنۇشتا بولسا سۇنغان سۆڭەك مۇسكۇل ۋە تېرىدىن چىقىپ تۇرمايدۇ، تېرە يۈزىدە زەخىمـلىنـىش بولمايدۇ. سۆڭەك سۇنغاندا سۆڭەك پەردىسى يىرتىلغانلىقى، مۇسكۇل تارتىشقانلىـقـى ئۈچـۈن قاتتىق ئاغرىق پەيدا بـولـىدۇ، ھەرىكـەت قـىـلـغـانـدا ئاغـرىـق تـېخـىـمـۇ كۈچىيىدۇ؛ مۈچىلەر ئىششىيدۇ، تېرە ئاستىغا قان يىغىلىۋالىدۇ، ھەتـتـا ئادەم ئۆرە تۇرالمايدۇ ياكى ماڭالمايدۇ. سۇنغان قىسىم سۈرۈلۈپ كېتىش، قاتلىـنىپ قېلىش تۈپەيلىدىن شەكلى ئۆزگەرسە، مۈچىلەردە قىسقىراش ياكى غـەلـىـتـە شەكىل پەيدا بولۇشى مۇمكىن. سۆڭەك سۇنغاندا دەرھال ھەرىكەتنى توختىتىش ھەمـدە بـۇ جـايـنـى ۋاقتىدا مۇقىملاشتۇرۇش كېرەك. بۇنداق قىلغاندا ئاغرىقنى يېنـىـكـلـىـتـىـپلا قالماستىن، سۇنغان سۆڭەكنىڭ سۈرۈلۈپ كېتىشى ياكى سـۇنـغـان بۆلەكتىكى قان تومۇر ۋە نېرۋىلارنىڭ زەخىملىنىشىنىـڭ ئالـدىـنـى ئالـغـىـلـى، مۈچىلەردە غەلىتە شەكىل ياكى فۇنكسىيىلىك توسالغۇ پەيدا بولۇشىدىن ساقلانغىـلـى بولىدۇ. شۇڭا، سۇنغان سـۆڭەكنى تـېـڭـىپ مۇقىملاشتۇرۇش سۇنۇقنى جـىددىي قۇتقۇزۇشتىكى ئاساسلىق ئۇسۇل. سۇنغان سۆڭەكنى تېڭىپ مۇقىملاشتۇرۇشتا ئادەتتە قىسقۇچى تاختاي ئىشلـىـتـىـلـىـدۇ، جىددىي ئەھۋالدا تاياق، بامبۇك شېخى، ھاسا قاتارلىقلارنى ئىشلىتىـشـكـىـمۇ بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۇزۇنلۇقى سۇنغان سۆڭەكتـىـن ئۇزۇن بـولـۇشـى كـېـرەك. تاڭغاندا ئالدى بىلەن قىسقۇچى تاختاينىڭ ئىككى ئۇچىغـا رەخـت، كـىـيـىـم ياكى پاختا قاتارلىقلارنى قويۇپ، تېرىنى زەخىملەندۈرۈشتىن ساقـلـىـنـىـش كېرەك؛ قىسقۇچى تاختاي قويۇپ تاڭغاندا سۇنغان سۆڭەكنىـڭ ئۈستۈنكى ۋە تۆۋەنكى ئىككى قىسمىدىن، جۈملىدىن يۇقىرىقى ۋە تۆۋەنكى ئىككى بوغـۇمغا تېڭىش، سۇنغان قىسمىنى تاڭماسلىق كېرەك؛ تېڭىشنىڭ چىڭ - بوشـلـۇقـى مۇۋاپىق بولۇشى لازىم. ئوچۇق سۆڭەك سۇنۇشنى ۋاقىتلىق تاڭغاندا، يۇقۇملىنىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن سىرتىغا چىقىپ قالغان سۆڭەكنى ئىچىگە كىرگۈزمەسلىك لازىم. دوختۇرخانىغا ئاپىرىش يولىدا سىلكىنىشتىن ساقلىنىش لازىم. بوغۇم چىقىپ كېتىش بوغۇمدا دائىم كۆرۈلىدىـغـان زەخىملىنىش بولۇپ، ئۇنىڭمۇ يېپىق شەكىللىك بوغۇم چىقىپ كېتىش ۋە ئوچۇق شەكىللىك بوغۇم چىقىپ كېتىش دەپ ئىككى خىل شەكلى بولىدۇ. يېپىق شەكلىدە بوغۇم خالتىسـى بـۇزغـۇنـچىلىققا ئۇچرىمايدۇ، سۆڭەك ئۇچى بوغۇم خالتىسىدىن چىقىپ كەتمەيدۇ؛ ئوچـۇق شەكلىدە بوغۇم خالتىسى بۇزغۇنچىلىقـقـا ئۇچـراپ سـۆڭـەك ئۇچـى خالتىدىن چىقىپ كېتىدۇ، بەزىدە ئوچۇق سـۆڭـەك سـۇنـۇش شەكىللىنىدۇ. مۈرە بوغۇمى، جەينەك بوغۇمى ۋە يانـپـاش بـوغـۇمـى ئاسـان چىقىپ كېتىدىغان بوغۇملاردۇر. بوغۇم چىقىپ كەتكەندە ۋاقتىدا ئورنىغا سېلىش، ئەڭ ياخشىسى تەجرىبىلىك دوختۇرلارنى تەكلىپ قىلىش لازىم. قول بىلەن سېلىپ ئەسلىگە كەلتۈرۈش قىيىن بولغاندا، ئوپېراتـسىيە ئارقىلىق ئەسلىگە كەلتۈرۈش لازىم. بوغۇم چىقىپ كېتىپ2 ~3 ھەپتىگىچە ئەسلىگـە كەلمىسە، كونا خاراكتېرلىك چىقىپ كېتىش دەپ ئاتىلىپ، داۋالاش قىيىنراق بولىدۇ. بىر بوغۇمنىڭ كۆپ قېتىم چىقىپ كېتـىشـى ئادەت خـاراكتېرلىك بوغۇم چىقىپ كېتىش دېيىلىدۇ. ئادەت خاراكتېرلىك بوغۇم چىقىپ كېتىشتە ئادەتتە ئوپېراتسىيە قىلىنىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئادەم بەدىنىنى ئاسراش