UyghurWiki
UyghurWikiئادەم بەدىنىنى ئاسراشكۆزنى ئاسراش

كۆزنى ئاسراش

ئادەم بەدىنىنى ئاسراش ۋە قۇتقۇزۇش بىلىملىرى كىشىلەر دائىم ۋەتىنىمىزنى كۆز قارىچۇقىمىزنى ئاسرىغاندەك ئاسرىشىمىز كېرەك، دەيدۇ. بۇ، كۆزنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. كۆزنى ئاسراش ئادىتىنى كىچىكىدىن باشلاپ يېتىـلـدۈرۈش كـېـرەك. ئۆسمۈرلەر، بالىلارنىڭ كۆزى باشقا ئەزالىرىغا ئوخشاشلا ئىنتايىن نازۇك كېلىدۇ، ئۇ تېخى يېتىلىپ مۇكەممەللەشمىگەن بولغاچقا، سەللا دىـقـقـەت قىلمىغاندا كېسەللىك پەيدا بولىدۇ. مەسىلەن، كىتاب ئوقۇش، خەت يېزىشتىـكـى قىياپەت دۇرۇس بولمىسا، ئارىلىق بەك يېقىن، ۋاقـىـت بـەك ئۇزاق بـولـسـا، يورۇقلۇق شارائىتى ياخشى بولمىسا، يىراقنى كۆرەلمەسلىكنى پەيدا قىلـىـدۇ؛ تازىلىققا دىققەت قىلمىـغـانـدا كـۆز قـىزىرىش كېسەللىكى، تـراخـومانـى يۇقتۇرۇۋالىدۇ؛ ئويناشقاندا دىققەت قىلمىسا كۆزنى زەخىملەندۈرۈۋالىدۇ. كۆزىمىزنىڭ ساغلام، نۇرلۇق بولۇشى ئۈچۈن ئالـدى بـىـلـەن كـۆزنـى توغرا ئىشلىتىپ، يىراقنى كۆرەلمەيدىغان بولۇپ قېلىشـتـىـن سـاقـلـىـنـىـش كېرەك. ناچار ئادەتلەر كۆز ئالمىسى ئىچىدىكى كرىستال تەنچىنىڭ تەڭشىشىنـى چارچىتىپ يـىـراقـنـى كـۆرەلـمـەسـلـىـكـنـى پـەيـدا قـىـلـىـدۇ. يـىـراقـنـى كۆرەلمەسلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا كىتاب ئوقۇش، خەت يېزىش قـىـيـاپىتى دۇرۇس بولۇش، كۆز بىلەن كىتابنىڭ ئارىلىقى جەزمەن33 سانتىمېتىر بولۇش؛ ئۇدا بىر سائەت ئۆپچۆرىسىدە كىتاب ئوقۇغان، خەت يازغاندىن كېيىـن بىرئاز دەم ئېلىش ياكى بىردەم يىراقلارغا قاراپ تۇرۇش كېرەك. يورۇقـلۇق يېتەرسىز ياكى قۇياش نۇرى تىك چۈشكەن شارائىتتا كىتاب ئوقۇماسلـىـق، خەت يازماسلىق، يېتىۋېلىپ، يولدا كېتىۋېتىپ ياكى ئاپتوموبىلدا ئولـتـۇرۇپ كىتاب ئوقۇماسلىق كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، كۈنىگە ئىكـكـى قـېتىـم كۆز ئاسراش گىمناستىكىسى ئىشلەش لازىم؛ تېلېۋىزور كۆرۈش ۋاقـتـىـمـۇ بەك ئۇزاق بولۇپ كەتمەسلىكى، كۆز بىلەن تېلېۋىزورنـىـڭ ئارىـلـىـقـى2 مېتىردىن ئارتۇق بولۇشى كېرەك. يۇقۇملۇق كۆز كېسەللىكلىرىنـىـڭ ئالـدىـنـى ئېـلـىـش كـېـرەك. كـۆز يۇقۇملۇق كېسەللىكلىرى ئاساسلىقى بارمـاق، قـولـيـاغـلـىـق، لـۆڭـگـە، يـۈز جاۋۇرى قاتارلىقلاردىن يۇقىدۇ، شۇنداقلا سۇ ئۈزۈشـتـىـنـمـۇ يـۇقـىـدۇ. جىددىي خاراكتېرلىك باكتېرىيىلىك بىرىكتۈرگۈچى پـەردە يـالـلۇغـى كـۆرۈش قۇۋۋىتىگە تەسىر يەتكۈزمەيدۇ، بىراق ۋىرۇس خاراكتېرلىك بىرىكتۈگۈچى پەردە يالـلۇغى بەزى بىمارلارنىڭ مۈڭگۈز پەردىسىدە تارتۇق قالدۇرۇپ، كۆرۈش قۇۋۋىتىگـە تەسىر يەتكۈزىدۇ. تراخوما تراخوما خىلامىدىيىسى پەيدا قـىـلـىـدىـغـان ئاستا خاراكتېرلىك يۇقۇملۇق بىرىكـتـۈرگۈچى پـەردە يـالـلۇغـى بـولۇپ، كېسەللىك ئەھۋالى ئېغىرلاشقاندا، قاپاق بىرىكتۈرگۈچى پەردىسىـدە پـەيـدا بولغان تارتۇق تارتىشىپ تەتۈر كىرپىكنى پەيدا قىلىدۇ، بۇنىڭ بـىـلـەن مۈڭگۈز پەردە يارىلىنىپ ياللۇغلىنىدۇ - دە، كـۆرۈش قـۇۋۋىـتـىـگـە تـەسـىـر يېتىدۇ، ھەتتا تامامەن ئەما بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. تازىلىققا ئەھمىيەت بېرىش، پاكىزلىقنى سۆيۈش، قـولـنـى پـات - پـات يۇيۇش، كۆزنى قول بىلەن ئۇۋۇلىماسلىـق؛ لۆڭـگـە، يـۈز جاۋۇرى، قولياقلىق قاتارلىقلارنى چـوڭلارنـىـڭـكـىـدىـن ئايـرىـۋېـتىـش؛ سـۇ ئۈزۈپ بولغاندىن كېيىن كۆز دورىسى تېمىتـىـش كـېـرەك. بـۇ، يـۇقـۇمـلـۇق كـۆز كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىشـتىكـى بىرنـەچـچە ئاسـاسىي ئۇسـۇل. يۇقۇملۇق كۆز كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولغان ھامان ۋاقتىدا داۋالىنىش كېرەك. ئۇنىڭدىن باشقا، كۆزنىڭ سىرتتىن زەخىملىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىـشـقـا دىققەت قىلىش كېرەك. ئۆسمۈرلەر، بالىلار رەگەتكە، پوجاڭزا ئېتىش يـاكـى قايچا، بىگىز، سىم، تاياق قاتارلىقلارنـى ئويـنـاشـقـا ئامـراق كېلىدۇ، سـەللا دىققەت قىلمىسا كۆزى زەخىملىنىدۇ. يـېـنىك بـولسا كـۆرۈش قـۇۋۋىتـى چېكىنىپ كېتىدۇ، ئېغىر بولسا كۆزى ئەما بولۇپ قالىدۇ، بۇنىڭ ئاقـىـۋىـتـى ئىنتايىن ئېغىر.
← بارلىق تېمىلار ئادەم بەدىنىنى ئاسراش