ھاراق ئىچىش ۋە سالامەتلىك
ئادەم بەدىنىنى ئاسراش ۋە قۇتقۇزۇش بىلىملىرى
ھاراقنىڭ ئاساسلىق تـەركـىـبـى ئىسپىرت (ئالكوھول). ئادەمنىڭ نـېـرۋا سىستېمىسى ئىسپىرتقا ئىنتايىن سەزگۈر كېلىدۇ. ئىسپىرت ئادەم بەدىـنىـگە كىرگەندىن كېيىن مەركىزىي نېرۋىغا تەسىر كۆرسىتىپ چوڭ مېڭـىـنـىـڭ قوزغىلىش جەريانىنـى كـۈچـەيـتـىـشـكـە بـاشلايـدۇ، ئادەم بـەدىنىدە ئىسپىرتنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ پۈتكۈل چوڭ مېڭە تىزگىـنـلىنىدۇ، ئادەمنىڭ ئىنكاسى قاشاڭلىشىدۇ. شۇڭا، مەست ئادەمـلـەر سـۆزنـى راۋان قىلالمايدۇ، يولنى رۇس ماڭالمايدۇ. ئېغىر بولغاندا، ئالىي نېرۋا مەركىزى تىزگىـنلىنىش سەۋەبىدىـن ئادەم ئۆلـىـدۇ، مانا بـۇ ئىسپىرتتىن زەھەرلىنىشتۇر.
ھاراقنى ئۇزاق مۇددەت مىقداردىـن ئاشـۇرۇپ ئىـسـتـېـمـال قـىـلـغـانـدا جىگەرنىڭ يۈكى ئېشىپ كېتىپ جىگەر ھۈجەيرىلىرى زىيـانـغـا ئۇچـرايـدۇ، ھەتتا جىگەر قېتىشىش كېلىپ چىقىدۇ. جىگەر كېسەللىكى بار ئادەملەر ئۈچـۈن ئۇنىڭ خەۋپى تېخىمۇ زور بولىدۇ. ئىسپىرت يـاغ مـاددىلىرىنى قان تـومۇر دىۋارىغا چۆكتۈرۈپ، تومۇر بوشلۇقىنى ئىنچىكىلەشتۈرىدۇ، قان بېسـىـمـنـى ئۆرلىتىۋېتىدۇ، بۇ ئارقىلىق ئادەم بەدىنىدىكى ئارتېرىيىنىڭ قېتىشىشىـنـى تېزلىتىدۇ ھەمدە يۈرەك مۇسكۇللىرىنى زىيانغا ئۇچرىتـىـدۇ، تـاجـسىمان يۈرەك كېسەللىكىنىڭ كۆرۈلۈش نىسبىتىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ.
ئىسپىرتنىڭ نەپەسلىنىش يولىغىمۇ بەلگىلىك غىدىقلاش رولى بـار. ئۇ نەپەسلىنىش يولىنىڭ مۇداپىئە فۇنكسىيىسىنى ئاجىزلىتىپ، نەپەس يولى كېسەللىكلىرىنى كۆپەيتىدۇ. ھاراق ئىـچىش يەنە بـۆرەك ئۈستـى بـېـزى پوستلاق قەۋىتىنىڭ فۇنكسىيىسىنى تەدرىجىي چېكىندۈرۈپ، ۋاقىتسىز قېرىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ستاتىستىكـىلارغـا قـارىـغانـدا، ئۇزاق مـۇددەت ھاراق ئىچكەنلەرنىڭ ئۆمرى ھاراق ئىچمىگەنلەرنىڭكىگە قارىغاندا ئوتـتـۇرا ھېـساب بىلەن15 يىل ئۆپچۆرىسىدە قىسقا بولىدىكەن.
ئىسپىرت مېڭە ھۈجەيرىلىرىنـى زىيانغـا ئۇچـرىتىدۇ، مـېـڭـىـنـى بىخۇدلاشتـۇرىـدۇ، ئەقـىـلـنـى قـاشـاڭلاشتۇرىدۇ، خاتىرىنى روشەن چېكىندۈرىدۇ، بۇنىڭ بىلەن دائىم ھاراق ئىچىپ ئىشقا دەخلى يەتكۈزىدىغان ئەھۋال كېلىپ چىقىدۇ. بالىلار، ئۆسمۈرلەر بەدىنـى ئۆسـۈۋاتقان، بىلىم ئېلىۋاتقان باسقۇچتا بولغاچقا، ئۇلارنىڭ ھاراق ئىچىشىگە تېخىمۇ بولمايـدۇ. نۇرغۇن دۆلەتلەردە »قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ قاۋاقـخـانـىـغـا كـىـرىـشىـگـە بولمايدۇ« دېگەن بەلگىلىمە بار. دۆلىتىمىزنىڭ ئوقۇغۇچىلار قائىدىسـىـدىمۇ ھاراق ئىچىشكە بولمايدىغانلىقى توغرىسىدا بەلگىلىمە بار.
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى بېكىتكەن ساغلاملىققا
دائىر ئون تۈرلۈك ئۆلچەم1
. تولۇپ تاشقان زېھنىي كۈچكە ئىگە بولۇش، كۈنـدىـلـىـك ئېـغـىـر خىزمەتلەرنى بىمالال ئۈستىگە ئالالايدىغان بولۇش.2
. ئىشلاردا ئۈمىدۋار، پوزىتسىيىدە ئاكتىپ بولۇش، مـەسئۇلـىـيـەتـنـى خۇشاللىق بىلەن ئۈستىگە ئېلىش، قىلماقچى بـولـغـان ئىـشـىـدىـن قـۇسـۇر ئىزدىمەسلىك.3
. ئارام ئېلىشقا ماھىر بولۇش، ئۇيقۇسى ياخشى بولۇش.4
. بەدەننىڭ ماسلىشىـش ئىـقـتـىـدارى كـۈچـلـۈك بـولـۇش، تـاشـقـى مۇھىتنىڭ ئۆزگىرىشىگە ماسلىشالايدىغان بولۇش.5
. ئادەتتىكى زۇكام ۋە يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرگە تاقابىـل تـۇرالايـدىـغـان بولۇش.6
. بەدەن ئېغىرلىقى مـۇۋاپىق، بەدىنى قـاملاشقان بولۇش، ئۆرە تۇرغاندا باش، مۈرە، بىلەكنىڭ ئورنى ماس كېلىش.7
. كۆزى نۇرلۇق، ئىـنكـاسى تېز بولۇش، كۆز ۋە قاپاق ياللۇغلانمىغان بولۇش.8
. چىشى پاكىز بولۇش، چىرىگەن چىشى بولماسلىق، چىشى ئاغرىماسلىق، چىشىنىڭ رەڭگى نورمال بولۇش، قاناش ئەھۋاللىرى بولماسلىق.9
. چاچلىرى پارقىراق بولۇش، كېپەك بولماسلىق.10
. مۇسكۇللىرى تولغان، تېرىسى ئېلاستىكلىق بولۇش.