سىرتتىن زەخىملەنگەندە قاننى توختىتىپ جىددىي قۇتقۇزۇش
ئادەم بەدىنىنى ئاسراش ۋە قۇتقۇزۇش بىلىملىرى
ئادەم بەدىنى زەخىملىنىپ قان چىققاندا، قان دەرھال توختىمىسا قاننىڭ زىيادە كۆپ چىقىپ كېتىشى تۈپەيلىدىـن شوك بولۇپ قېلىش، ھەتتا ئۆلۈش ئەھۋالى كېلىپ چىقىدۇ. قان توختىتىشمۇ بىر خىل جىددىي قۇتقۇزۇش تەدبىرىدۇر.
زەخىملىنىپ قاناشنى قانىغان ئورۇنغا ئاسـاسـەن ئىـچىدىن قاناش، سىرتىدىن قاناش ۋە تېرە ئاستىدىن قاناشتىن ئىبارەت ئۈچ خـىـلـغـا ئايـرىـشـقـا بولىدۇ. ئىچىدىن قاناش بەدەن بوشلۇقى يـاكى ئىـچـكـى ئەزا توقۇلمىلىرىنىڭ ئىچىدىن قانىشى بولۇپ، سىرتتىن كۆرگىلى بولمايدۇ، بۇنى كۆپىنچە كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلگەندىن كېيىنلا ئاندىن بىلگىلى بـولىدۇ. سىرتىدىن قاناشتا قان يارىلانغان جايدىن ئېقىپ چىقىدۇ، بۇنى كۆرگىلى بولىدۇ. تېرە ئاستىدىن قاناشتا تېرە زەخىملـەنمىگەن بولسىمۇ تېرە ئاستى يۇمشاق توقۇلمىلىرىدىن قان چىقىدۇ، بۇنىڭدا قىسمەن دائىرىدىكى كۆك ياكى قانلىق ئىششىقنى كۆرگىلى بولىدۇ. ئادەتتىكى يېنىـك قاناشلاردا يۇقىرىدا ئېيتىلغان ئۇسۇللار ئارقىلىق ئۆزى بىر تەرەپ قىلىۋالسا بولىدۇ. بىراق، ئېغىر دەرىجىدە قاناپ كەتكەندە مۇمكىـن بـولغان بارلىق جىددىي قان توختىتىش تەدبىرلىرىنى قوللىنىش بىلەن بىللە، ئىمكانقـەدەر دوختۇرخانىغا بېرىپ داۋالىنىش كېرەك.
ئادەتتىكى كىچىك يارا ئېغىزلىرىنى يۇيۇپ پاكىزلىغاندىن كېيىن، قىزىل دورا سۈيى ياكى فىزىئولوگىيىلىك تـۇز سـۈيىدە دېزىنفېكسىيىلەنگەن داكىنى قويۇپ تاڭسىلا قان توختايدۇ.
ئەگەر ئۈستۈنكى ۋە ئاستىنقى مۈچىدىن، يەنى ئۈستۈنكى بىلەك قىسمى ياكى پاچاقتىن قان چىقىپ ئادەتتىكى تېڭىش بىلەن قـانـنـى توختاتقىلى بولمىسا، دېزىنفېكسىيىلەنـگـەن داكـا ياكى پاختىدىن يۇمشاق تەگلىك ياساپ جاراھەت ئېغىزىغا قويۇپ تېڭىپ مۇقىملاشتۇرۇش كېرەك. تېڭىشنىڭ چىڭ - بوشلۇقى مۇۋاپىق بـولۇشى لازىم، ناۋادا بەك چىڭ بولۇپ كەتسە مۈچىلەرنىڭ يىراق ئۇچىدىكى قان ئايلىنىشـقا تـەسىر يېتىدۇ. يۇمشاق تەگلىكلەرنى جەينەك ئويمىنى، تېقىم ئويمىنى قاتارلىق ئورۇنلارغا قويۇپ پۇت ياكى جەينەكنى ئېگىش ئارقىلىقمۇ قان تومۇرلارنى بېسىپ قان توختاتقىلى بولىدۇ.
ئەگەر زەخىملەنگەن مەلۇم ئورۇنـدىكى قىل قان تومۇرلاردىن قان ئېتىلىپ چىقىپ ئەھۋال ئىنتايىن جىددىي بولـسا بـارمـاق بىلەن بېسىپ قان توختىتىشقا بولىدۇ، يەنى، باشمالتاق ياكى باشقا تۆت بارماقنى قان چىقىۋاتقان قان تومۇرنىڭ يۈرەككە يېقىن قىسمىدىكى ئۇچىنى بېسىپ قان تومۇرنى ئېتىش ئارقىلىق قان توختىتىش مەقسىتىگە يەتكىـلـى بولىدۇ. بەدەن يۈز قىسمىنىڭ بـەزى ئورۇنلىرىدىكى ئارتېرىيىلەرنىڭ سۆڭەككە يېقىن قىسمىنى بېسىۋېلىش ئاسان بولۇپ، بۇ ئاسان باسـقـىـلـى بولىدىغان قىسىم بېسىش نۇقتىسى دېيىلىدۇ. ئەگـەر پـېـشـانـە، چـېـكـە قىسمىدىن قان چىقسا قۇلاق يۇمشىقىدىن ئۈستىگە بىرلىك يـىـراق ئورۇنـنـى باشمالتاق بىلەن باسقاندا چېكە ئارتېرىيىسىدىن قان چىقىشنى توختاتقىلى بولىدۇ.
ئۈستۈنكى ۋە ئاستىنقى مـۈچـە تـومـۇرلـىـرىـدىـن قـان چـىـقـقـانـدا، ئېلاستىكلىقى ياخشى رېزىنكە نـەيـچـە، رېزىنكە تـاسـمـا يـاكـى بـېـنـت قاتارلىقلار بىلەن قان توختىتىشقا بولىدۇ. تېـڭـىـشـتىـن ئاۋۋال چوقۇم ئاستىغا يۇمشاق نەرسە قويۇش، ئۇلارنى بىۋاسىتە تېرىگە تاڭماسلىـق كـېـرەك؛ تېڭىقنىڭ چىڭ - بوشلۇقىمۇ مۇۋاپىق بولۇشى لازىم. بەك بوش بولۇپ قـالـسـا قان توختىتىش مەقسىتىگە يەتكىلى بولمايدۇ، بـەك چـىـڭ بـولـۇپ كـەتـسـە نېرۋىنى بېسىۋېلىپ قان ئايلىنـىـشـنـى تـوسۇپ قويـىـدۇ. بـۇ خـىـل قـان توختىتىش ئۇسۇلى چوڭ ئارتېرىيىلەردىن چىققان قاننى توختىتىشتا ئۈنۈمى ياخـشى بولسىمۇ، بىراق ۋاقىت بەك ئۇزاق بولۇپ كەتسە مۈچىلەر پالەچلىنىشى مۇمكىن، شـۇڭـا ھەر30 مىنۇتتا بىر قېتىم قان توختىتىش تاسمىلىرىنى بوشىتىپ تۇرۇش لازىم. مـۈچىلـەرنـى ئېگىزرەك كۆتۈرۈش ئارقىلىقمۇ ۋېنا قېنىنى ۋاقتىنچە قايتۇرۇشقا بولىدۇ. قان توختىتىش تاسمىسىنى تاڭغاندا ئۈستۈنكى بىـلەك ياكى يوتـىنىڭ ئۈچتىن بىر قىسىم ئېگىز ئورۇنغا تېڭىش كېرەك.