كۆمۈر گازىدىن زەھەرلەنگۈچىلەرنى جىددىي قۇتقۇزۇش
ئادەم بەدىنىنى ئاسراش ۋە قۇتقۇزۇش بىلىملىرى
قىش كۈنلىرى بەزى ئۆيلەر ئوت قالاپ ئىسسىتىلىدىغان بولغاچقا، ناۋادا ئىـشىك - دېرىزىلەر ھىم ئېتىلگەن ھەمدە كاناي ئورنىتىلمىغان بولسا ۋاقىـتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن كىشىلەردە باش قېيىش، باش ئاغرىش، ئىچى ئىلىشىش، قەي قىلىش، ئۇيـقـۇ بېسىش، ھەتتا ھوشسىزلىنىش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ. بۇ، ئادەم بەدىنى مۇئەييەن مىقداردىـكـى كـاربـون (Ⅱ) ئوكسىدنى سۈمۈرگەندىن كېيىن پەيدا بولغان زەھەرلىنىش ھادىـسىسى بولۇپ، كۆمۈر گازىدىن زەھەرلىنىش دېيىلىدۇ.
كۆمۈر قاتارلىق تەركىبىدە كاربون بار ماددىلار تولۇق كۆيمـىـگـەنـدە، كاربون(Ⅱ) ئوكسىد ھاسىل قىلىدۇ. كاربون(Ⅱ) ئوكـسىد رەڭـسىز، پۇراقسىز، تەمسىز گاز بولۇپ، ھاۋادىن سەل - پەل يېنىك بولغاچقا، ئادەم ئۇنى سۈمۈرگەندىن كېيىنمۇ ئاسان بايقىيالمايدۇ. كاربون(Ⅱ) ئوكـسـىـد قان قىزىل ئاقسىلى بىلەن بىرىكىپ، كاربون(Ⅱ) ئوكسىدلىق قـان قىزىل ئاقسىلىغا ئايلىنىدۇ. كاربون(Ⅱ) ئوكسىدنىڭ قان قىزىل ئاقـسىلى بىلەن بىرىكىش ئىقتىدارى ئوكسىگېنننىڭ قان قىزىل ئاقسىلى بىلەن بىرىكىش ئىقتىدارىدىن240 ھەسسە يۇقىرى بولغاچقا، شەكىللەنگەن بىرىكمە ماددىنىڭ مۇقىملىقىمۇ ئوكـسىگېن بـىلەن قان قىزىل ئاقـسىلىدىن شەكىللەنگەن بىرىكمە ماددىنىڭ مۇقىملىقىغا قارىغاندا3000 نەچچە ھەسسـە كۈچلۈك بولىدۇ، شۇڭا زور مىقداردىكى قان قىزىل ئاقسىلىنى كاربون(Ⅱ) ئوكسىد »بۇلاپ« كېتىدىغان بولغاچقا، ئوكسىگېن ئېلىپ ماڭغان قان قىزىل ئاقسىلى زور دەرىجىدە ئازىيىپ، توقۇلمىلارغا ئوكسىگېن يېتىشمەيدۇ.
كاربون(Ⅱ) ئوكسىد يەنە تەركىبىدە تـۆمـۈر بـار ئېـنـزىـملار بـىلەن بىرىكىپ، توقۇلمىلارنىڭ »نەپەسلىنىشى«گە يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ تەسىر كـۆرسىتىدۇ. ئادەمنىڭ مەركىزىي نېرۋىسى توقۇلمىلارغا ئوكسىگېن يېتىشمەسلىككـە ئەڭ سەزگۈر بولغاچقا، ئالدى بىلەن مېڭە قان تومۇرلىرىدا سپازمىلىشىش كۆرۈلىدۇ، ئاندىن كېڭىيىپ چوڭ مېڭـە پوستلاق قەۋىتى سۇلـۇق ئىششىيدۇ، قانايدۇ ۋە يۇمشايدۇ. بۇنىڭ بىلەن باش قېيىش، باش ئاغرىش، قەي قىلىـش، ھەتـتا ھوشسىزلىنـىـش قاتارلىق بىر يۈرۈش نـېـرۋا سىستېمىسىنىڭ زەھەرلىنىش كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلىدۇ.
كۆمۈر گازىدىن زەھەرلىنىش دەرىجىسىنىـڭ ئېـغىر - يېنىكلىكـى ھاۋادىكى كاربون (Ⅱ) ئوكسىدنىڭ قويۇقلۇقى ۋە ئۇنىڭ بىلەن ئۇچرىشىش ۋاقتىنىڭ ئۇزۇن - قىسقىلىقى ھەمدە ئادەمنىڭ سالامەتلىـك ئەھۋالـى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ. ياشانغانلار، بالىلار ۋە ھامىلىدار ئاياللار ياكى يۈرەك - ئۆپكە كېسەللىكلىرى، قان ئازلىق كېـسەللىكى بارلارنىڭ زەھەرلـىنىش كېسەللىك ئالامىتى ئېغىرراق بولىدۇ. ئادەتتە كىشىلەرنىڭ قېنىدا كاربون (Ⅱ) ئوكسىد بىلەن قان قىزىل ئاقسىلى بىرىكمە ماددىلىرى قـان قـىـزىـل ئاقسىلى ئومۇمىي مىقدارىنىڭ %10 ىدىن ئېشىپ كەتسە يېنىك دەرىـجىدىكى زەھەرلىنىش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ - دە، باش ئاغرىيدۇ، باش قايىدۇ، ئىـچى ئىلىشىدۇ، رۇس تۇرالمايدۇ. بۇ چاغدا زەھەرلەش مۇھىـتىدىن ۋاقتىدا ئايرىلىپ، ساپ ھاۋادىن نەپەسلەنسە كېسەللىك ئالامىتى يوقايدۇ.
كۆمۈر گازىدىن ئوتتۇراھال زەھەرلەنگەندە نەپەسـلىنىش ۋە يۈرەك سوقۇش تېزلىشىش، بىئارام بولۇش، يول يۈرۈش قـىـيـىـن بـولـۇش ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدۇ ھەمدە تەدرىجىي ھوشسىزلىنىدۇ. ئەگەر ۋاقتىدا بايقالماي شۇ مۇھىتتا تۇرۇۋەرسە ئېغىر دەرىجىدىكى زەھەرلىنىشكە تەرەققىي قىلىپ، قول - پۇت مۇزلاش، نەپەسلىنىش قىيىن بولۇش، تومۇر سوقۇش ئاجىزلىشىش، قان بېسىمى تۆۋەنلەش قاتارلىقلار كۆرۈلىدۇ، ھەتتا بەزىدە يـۇقىرى قىزىتمىلىق ئالامەت كۆرۈلۈپ ئۆلۈمنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
كۆمۈر گازىدىن زەھەرلەنگەنلىكىنـى بايقىغان ھامان، دەرھال ئىـشـىـك - دېرىزىلەرنى ئېچىپ بىمارنى ساپ ھاۋالىق جايغا ئاپىرىش ۋە كىيىملىرىنى يېشىۋېتىش (نەپەسنى تېخىمۇ راۋانلاشتۇرۇش) لازىم، بىراق سوغۇق ئۆتۈپ قېلىشتىن ساقلىنىش كېرەك. ھوشىدىن كەتكەن بىمارلارغا قارىتا بۇرۇن ئاستى ۋە شىشۈەن قاتارلىق پەللىلەرنى بارماق بىلەن بېسىش ياكى قۇرۇق يىڭنـە سـانـجىش كېرەك. ئەگەر نەپەسلىنىـشـتىن توختىغان بولـسـا ۋاقتىدا سۈنئىي نەپەسلەندۈرۈش ۋە بەدەن سىرتىدىن يۈرەكنى بېسىش كېرەك. شارائىت بولسا ئەڭ ياخشىسى ئوكسىگېن سۈمۈرگۈزۈش ھەمدە ئىمكانقەدەر دوختۇرخانىغا تېز ئېلىپ بېرىپ قۇتقۇزۇش كېرەك.