بالاغەتكە يېتىش مەزگىلى
ئادەم بەدىنىنى ئاسراش ۋە قۇتقۇزۇش بىلىملىرى
بالاغەتكە يېتىش مەزگىلى بالىلىقتىن قۇرامىغا يېـتـىـش مـەزگـىـلـىـگـە ئۆتۈشتىكى مۇھىم يېتىلىش مەزگىلى. بۇ مەزگىلـدە بـەدەنـنـىـڭ شـەكـلـى، فىزىئولوگىيە ۋە پسىخىكا جەھەتتە روشەن ئۆزگىرىش بولـىـدۇ، بـۇلارنـىـڭ ئىچىدىكى ئەڭ روشەن ئالاھىدىـلـىـك كـۆپـىـيـىـش ئەزالـىـرىـنـىـڭ تەدرىجىي يېتىلىشى ۋە ئىككىلەمچى جىنسىي بەلگىلەرنىڭ كۆرۈلۈشى ھېسابلىنىدۇ.
قىزلارنىڭ بالاغەتكە يېتىـش مـەزگـىـلـى ئادەتـتە12 −13 يـاشلاردا باشلىنىدۇ، ئوغۇللارنىڭ1 −2 يىل كېيىن بولىدۇ. بـۇ مەزگىلـدە نېرۋا سىستېمىسىنىڭ تەسىرى تۈپەيلىدىن، ھىپوفىز ئۆسۈپ يېتىلىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان ھورمونلارغا، بولۇپمۇ بۇلارنىڭ ئىچىدىكى جىنسىي ھورمونغا تۈرتكە بولۇپ، ئادەم بەدىنىگە تەسىر كۆرسىـتـىـدۇ، بـۇنـىـڭ بىلەن ئادەم بەدىنىدە كۆپ تەرەپلىمىلىك ئۆزگىرىش يۈز بېرىدۇ.
بالاغەتكە يېتىش مەزگىلىدە تۆۋەنكى مۈچە سۆڭىكى تېز ئۆسىدىغان بولغاچقا، بوي ئېگىزلىكى روشەن ئاشىدۇ؛ ئىچكـى ئەزالار ۋە مـۇسكۇلنىڭ يېتىلىشى تېز بولىدۇ؛ بەدەن ئېغىرلىقى ئاشىدۇ؛ يـۈرەك مۇسكۇللىرى قېلىنلاپ قىسقىرىش كۈچى روشەن ئاشىدۇ؛ ئۆپكە سىغىمچانلىقى ئېـشىپ، چوڭلارنىڭكىگە يېقىنلىشىدۇ. نېرۋا سىستېمىسىنىڭ غىدىقلىنىشى ئۈزلۈكسىز كۈچىيىپ يېڭى شەيئىلەرنى ئاسان قوبۇل قىلىدۇ، مەسىلىلەرنى تـەھلىل قىلىش، چۈشىنىش ۋە شەيئىلەرگە ھۆكۈم قىلىش ئىقـتـىدارى تېزدىن كۈچىيىدۇ، بۇ، مەدەنىيەت، ئىلىم - پەن بىلىملىرىنى ئۆگىنىشتىكى پايدىلىق مەزگىل.
ھىپوفىز ئاجراتقان جىنسىي بەزنى قوزغاتقۇچى ھورموننىـڭ تـەسىرى ئاستىدا ئۇرۇقدان ۋە تۇخۇمدان قاتارلىق جىنسىي ئەزالار تېز يېتىلىدۇ، جىنسىي بەز كۆپ مىقداردا جىنسىي ھورمون ئاجرىتىدۇ. جىنسىـي ھورمون يەنە جىنسىي ئەزالارنىڭ يېتىلىشىگە تۈرتكە بولىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئىككىلەمچى جىنسىي بەلگىلەرنىڭ كۆرۈلۈشىنى غىدىقلايدۇ.
جىنسىي ئەزالار يېتىلىشىنىڭ سىگنالى قىزلاردا ھەيز كېلىدۇ، ئوغۇللار ئىسپېرما ئاجرىتىدۇ. ھەيز ئانىلىق ھورموننىڭ دەۋرىيلىك ئۆزگىرىشىدىن پەيدا بولغان نورمال فىزىئولوگىيىلىك ھادىسە، ئۇنىڭ كۆرۈلۈشى قىزلاردا تۇغۇت ئىقتىدارىنىڭ ھازىرلانغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. ئوغۇللاردا ئاتىلىق ھورموننىڭ رولى ئارقىـسىدا ئۇرۇق ھاسىل بولىدۇ، بەزىدە ئېـھتىلام بولۇش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ، بۇمۇ نورمال فىزىئولوگىيىلىك ھادىسە.
جىنسىي ھورمون بەدەندە ئىككىلەمچى جىنسىي بەلگىلەرنىڭ پـەيـدا بولۇشىنى غىدىقلايدۇ. قىز - ئوغۇللارنىڭ جىنسىي ئەزالىرىدا تـۇغۇلغـانـدىلا پەرق بولىدۇ، بۇ بىرلەمچى جىنسىي بەلگىلەر دېيىلىدۇ؛ بالاغەتكە يېتىش مەزگىلىدە قىز - ئوغۇللار جىنسىدا كۆرۈلگەن باشقا ئالاھىدە جـىنس پەرقى ئىككىلەمچى جىنسىي بەلگىلەر دېيىلىدۇ. ئوغـۇللارنىڭ ئىككىلەمچى جىنسىي بەلگىلىرى ئاساسلىقى ساقال - بۇرۇت چىقىـش، بۇغدىيەك تومپىيىپ چىقىش، ئاۋازى بوملىشىش قاتارلىقلاردا ئىپادىلىنـىـدۇ؛ قىزلارنىڭ ئىككىلەمچى جىنسىي بەلگىلىرى ئاساسلىقى داس سۆڭىكىنىڭ كېڭىيىشى، تېرە ئاستى يېغىنىڭ قېلىنلىشى، كۆكرىكىنىڭ كۆتۈرۈلۈشى، ئاۋازىنىڭ زىللىشىشى قاتارلىقلاردا ئىپادىلىنىدۇ.
بالاغەتكە يېتىش مەزگىلىگە كىرىشكە ئەگىشىپ، پسىخىكىلىق ھالەتـتـىـمـۇ بىرقەدەر زور ئۆزگىرىش بولىدۇ، ئاساسلىقى جىنس بىلەن مۇناسىۋەتـلـىـك بەزى پائالىيەتلەر بارلىققا كېلىدۇ. بۇ خىل پسىخىكىنىڭ پـەيـدا بـولـۇشـى ۋە تەرەققىي قىلىشى ئادەتتە ئۈچ باسقۇچنى بېسىپ ئۆتىدۇ. يېڭـىلا بـالاغـەتـكـە يېتىش مەزگىلىگە كىرگەندە قىز - ئوغۇللار بىر - بىرىدىـن يىراقلىشىدۇ، يەنى، بالىلىق مەزگىلىدىكى ياخشى دوسـتلارمۇ بۇ چاغدا سـۈنئىي ھالـدا ئۆزلىرىنى چەتكە ئېلىشىدۇ. ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىـپ قىز - ئوغۇللار بىر - بىرىگە يېقىنلىشىشنى خالايدۇ، بىر - بىرىدىكى ياخشى تەسىرات بىلەن يات جىنستىكىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىشنى ئارزۇ قىلىدۇ، يات جىنـسلارغا ئاسانلا جەلپ بولىدۇ. ئاخىرىدا، قىز - ئوغۇللار بىر - بىرىنى ياخشـى كۆرۈپ، قىزغىن مۇھەببەت قاينىمىغا چۆكىدۇ.
بالاغەتكە يېتىش مەزگىلىدىكى جىنـسىي ئاڭغا تـوغـرا مـۇئامـىـلـە قىلمىغاندا، ئۆزىنى تىزگىنلەش يېتەرسىز بولغاندا ئۆزىنىڭ پـسىخىكـا ۋە فىزىئولوگىيىسىگە زىيان يەتكۈزىدۇ.